قۇمۇل شەھىرىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇممىي يەر كۆلىمى 142،095 كۋادرات كىلومېتىر كىلىدۇ، قۇمۇل شەھىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ئۆزىنىڭ ھەسەلدەك قوغۇنلىرى بىلەن داڭقى بار. 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى گوۋۇيۈننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى قۇمۇل ۋىلايىتى بىكار قىلىنىپ قۇمۇل شەھىرى قۇرۇپ چىقىلغان.

قۇمۇل شەھىرى

哈密市.Qumul city

قۇمۇل شەھىرىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
دۆلەت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
مىللەتلەر ئۇيغۇر

خەنزۇ

تىللار ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە
شەھەر رايونى سانى 1
ناھىيە سانى 2 ناھىيە
نوپۇس 570 مىڭ
يەر مەيدانى 142،095km2
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 902(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新L

تارىخ تەھرىرلەش

قۇمۇل ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار قەدىمدە <كۇنمۇ> دەپ ئاتالغان. ئۇسۇن خان مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ يۇڭپىڭ 16 - يىلى (73 - يىلى يېخې لەشكەر بېشى قويۇلغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ جېنگوەن 4 - يىلى (630 - يىلى) غەربىي ئىۋىرغۇل ئايمىقى تەسىس قىلىنغان. جېنگوەننىڭ 6 - يىلى (632 - يىلى) ئىۋىرغول ئايمىقى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىدە قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىغا قارىغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىۋىرغول ئايمىقى دېگەن نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قۇمۇل دەپ ئاتىلىپ، گەنسۇ ۋاقىتلىق ۋازارىتىگە قارىغان. مىڭ سۇلالىسىنىڭ يۇڭلې 4 - يىلى (1406 - يىلى) قۇمۇل ياساۋۇلخانىسى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) قۇمۇل نازارىتى تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 10 - يىلى (4188 - يىلى) دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت قىلىنغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى (1913 - يىلى) قۇمۇل ناھىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، جېندى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 23 - يىلى (1934 - يىلى) قۇمۇل مەمۇرىي رايونى تەسىس قىلىنغان. 1943 - يىلى قۇمۇل ۋالىي مەھكمىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1970 - يىلى قۇمۇل ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان. 2016-يىلى قۇمۇل شەھىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.

مەمۇرىي رايونلىرى تەھرىرلەش

ھازىر قۇمۇل شەھىرى قارمىقىدا بىر شەھەر رايونى، ئىككى ناھىيە بولۇپ، شەھەر رايونى بولسا:

نۇپوس ئىستاتىستىكا تەھرىرلەش

قۇمۇل شەھىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
خەنزۇلار
65.5%
ئۇيغۇرلار
20.0%
قازاقلار
10.0%
خۇيزۇلار
3.2%
موڭغۇللار
0.5%
باشقا مىللەتلار
0.8%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [1]

جۇغراپىيە تەھرىرلەش

قۇمۇل شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ شەرقىگە جايلاشقان. شەرقتىن گەنسۇ ئۆلكىسى، غەربتىن تۇرپان ۋىلايىتى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، جەنۇبتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالدىن تاشقى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 595 كىلومېتىر كېلىدۇ). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 440 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 404 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 137 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا 1 شەھەر، 2 ناھىيە (قۇمۇل شەھىرى، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى، ئاتۈرۈك ناھىيىسى) قارايدۇ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇمۇل دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى ئاراتۈرۈك ھەربىي ئات مەيدانى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە جايلاشقان قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 588 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 446 مىڭ 300 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 19.96% نى، خەنزۇلار 66.69% نى، باشقا مىللەتلەر 13.35% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى تەھرىرلەش

ھۆججەت:Qumul.jpg

شىمال تەرىپى ئېگىز، جەنۇب تەرىپى پەس بولۇپ، شىمالىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمى تاغلىق رايون، جەنۇبىي قىسمى تۈزلەڭلىك ۋە چۆل - باياۋان. تاغ يېرى 70.5% نى، تۈزلەڭلىك ۋە چۆللۈك 29.5% نى ئىگىلەيدۇ. ۋىلايەتتە شۇنازۇر كۆلى، بارىكۆل، تۇزكۆل قاتارلىق تەبىئىي كۆل ۋ 140 تىن ئارتۇق دەريا، تاغ بۇلىقى بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى 1 مىليارد 83 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقداردىن 1 مىليارد 350 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاساسلىقى قۇلان، ياۋا تۆگە، يىلپىز، قارا تايغان بۇغا، سۈلەيسۈن، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى چاچ سەي، زاراڭزا، سوغىگۈل، قانتېپەر، چاكاندا، قارلەيلىسى، ماندارىن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئاساسلىقى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز، مىس، نېكىل، ئالتۇن، تۇز، گىلائۇبېر تۇزى قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى تەھرىرلەش

قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ئىنتايىن زور. بارىكۆل ئويمانلىقى مۆتىدىل بەلۋاغ 2 - دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئاراتۈرۈك ئويمانلىقى سوغۇق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. قۇمۇل ئويمانلىقى بىلەن نوم كۆلى قاتارلىق چۆللەر مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 9.9℃ ~ 0.1℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 43.9℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 43.6℃ ، كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3200 ~ 3400 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 1700℃ ~ 4100℃. قىروسىز مەزگىلى 102 ~ 229 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 250 ~ 10 مىللىمېتىر. شامال ئېنېرگىيىسى بايلىقى بىر قەدەر مول. سەنتاڭخۇ كۆلى بىلەن نوم كۆلىدە يىلدا بوران چىقىدىغان كۈن سانى ئوتتۇرىچە 100 كۈندىن ئاشىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

بۇ ۋىلايەت دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 46 مىڭ 400 گېكتار (696 مىڭ مو). ئورمان كۆلىمى 90 مىڭ 100 گېكتار (1 مىليون 351 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى 4 مىليون 193 مىڭ 600 گېكتار (62 مىليون 904 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىش باب كېلىدىغان 266 مىڭ 700 گېكتار (4 مىليون مو) قاقاس يەر بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، قوناق، پاختا، ئۈزۈم، قوغۇن، چىلان، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، تۆگە، ئىشەكنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئالتۇن قېزىش، نىئورگانىك تۇز خىمىيە سانائىتى ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى قاتارلىقلار بار. قۇمۇل ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ شەرقىي چوڭ دەرۋازىسى بولۇپ، قاتناش، خەۋەرلىشىش ئىشلىرى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولى، دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - لىنىيىسى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر - يېزا يوللىرى ھەر تەرەپكە تۇتاشقان. ئاسىيا - ياۋروپا نۇر كابىلى تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ ۋىلايەتكە جايلاشقان پەسىللىك ئېغىز لاۋيېمياۋ ئېغىزى شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا ئېغىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.بۇ ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن بەلسۇنغۇل جىلغىسىدىكى ئىپتىدائىي قىيا تاش ئويمىلىرى، قارا دۆۋە قەدىمكى قەبرىلىرى، خۇەنسەيگۇ جىلغىسىدىكى خەن سۇلالىسى، خۇيۋاڭ قەبرىسى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن ئاقتاش، سارچوقا قاتارلىقلار بار.

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.