لوپنۇر ناھىيىسى

لوپنۇر ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. لوپنۇرنىڭ يەر مايدانى 59،399 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 100،000.

لوپنۇر ناھىيىسى

تارىخ تەھرىرلەش

لوپنۇر غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ۋايىر، كرورەن قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەۋە بولغان. شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت دۆلىتىگە تەۋە بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىگىت تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە <لوپنۇر> دەپ ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 24 - يىلى (1898 - يىلى) شىنپىڭ ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ قاراشەھەر مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى (1914 - يىلى) شىنپىڭ ناھىيىسى لوپنۇر ناھىيىسىگە ئۆزگەرتىلىپ، قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قاراشەھەر ۋالىي مەھكىمىسى، كورلا ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1960 - يىلى بايىغولىن موڭغۇل ئاپتونون ئوبلاستىغا قارايدىغان بولغان.

جۇغراپىيە تەھرىرلەش

تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى چاقىلىق ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى شايار، كۇچا ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى بۈگۈر، كورلا، باغراش، خوشۇت ناھىيىلىرى، تۇرپان شەھىرى، توخسۇن ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 502.8 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 165 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 59 مىڭ 800 كۋادرات كىلومېتىر. لوپنۇر ناھىيىسىگە 2 بازار، 7 يېزا، 42 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 2 - شىسىنىڭ 5 تۇەن - مەيدانى بار. ناھىيە بازىرى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 530 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 89 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 28.95% نى، خەنزۇلار 70.28% نى، باشقا مىللەتلەر 0.77% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يېرى بىرقەدەر تۇز. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق يەر 22.7% نى، تۈزلەڭلىك 24.9% نى، قۇملۇق 52.4% نى تەشكىل قىلىدۇ. چوڭ - كىچىك كۆلدىن 37 سى ۋە ۋە تارىم دەرياسى، كۆنچى دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇ سىستېمىسى بار بولۇپ، يىللىق سۇ مىقدارى 2 مىليارد 840 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 98 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن قوش لوكىلىق تۆگە، سۈر بۇغا، ئىپار چاشقىنى، ئاق بۇغۇز بۆكەن، ئېيىق قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن لۇپنۇر كەندىرى، چۈچۈكبۇيا بايلىقى ئەڭ مول. قېزىلما بايلىقلىرىدىن فوسفور، زۈلۈك تېشى، ھاك تېشى، گرانىت، تۆمۈر قاتارلىقلار بايقالدى. بۇنىڭ ئىچىدە زۈلۈك تېشى زاپىسى مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي زۈلۈك تېشى زاپىسىنىڭ 92.98% نى تەشكىل قىلىدۇ. لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.6℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 42.2℃ قا چىقىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 30.9℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 103.2 كۈن 30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياشنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2970.3 سائەت. 10℃ يىغىلىما تېمپېراتۇرىسى 4183.9℃، قىروسىز مەزگىلى214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 40.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2910.5 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 15 مىڭ 600 گېكتار (233 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 235 مىڭ ( 3 مىليون 525 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر، 71 مىڭ 100 گېكتار ( 1 مىليون 67 مىڭ مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، كۆكتات، قوغۇن - تاۋۇز، يەل - يېمىش قاتارلىقلار بار. چارۋىلاردىن كالا، قوي، چوشقا بار. سانائەت جەھەتتە ئاشلىق، ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، گۈل چېكىش، چۈچۈكبۇيا پىششىقلاپ ئىشلەش كەسىپلىرى بار. لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. 218 - دۆلەت تاشيولى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتۇشۇپ كەتكەن. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ۋە 028 يول سانلىق مىكرو خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىپ مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. مەدەنىي يادىكارلىقلىردىن گۇم جىلغىسى قەبرىستانلىقى، يارقورول تۇز، قۇرۇق تاغ قىياتاش رەسىملىرى، قارا چۆگۈن قەدىمكى شەھىرى، شاردۆڭ قەدىمكى شەھىرى. پىچان شەھىرى، سەكسەنكۆۋرۈك قاتارلىقلار بار.

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

  • لوپنۇر بازىرى (尉犁镇)
  • ئىتتىپاق بازىرى (团结镇)
  • شىڭپىڭ بازىرى (兴平镇)
  • ئاقسوپى يېزىسى (阿克苏普乡/阿克苏甫乡)
  • تارىم يېزىسى (塔里木乡)
  • دۆڭقوتان يېزىسى (墩阔坦乡)
  • گۈلباغ يېزىسى (古勒巴格乡)
  • 31-تۇەن مەيدانى (31团场)
  • 32-تۇەن مەيدانى (32团场)
  • 33-تۇەن مەيدانى (33团场)
  • 34-تۇەن مەيدانى (34团场)
  • 35-تۇەن مەيدانى (35团场)

ئىقتىساد تەھرىرلەش

ئاساسىي قۇرۇلۇش تەھرىرلەش

نۇپوس ئىستاتىستىكا تەھرىرلەش

لوپنۇر ناھىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
خەنزۇلار
66.9%
ئۇيغۇرلار
32.0%
خۇيزۇلار
0.5%
باشقا مىللەتلار
0.6%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [1]

تەربىيە تەھرىرلەش

ساياھەتچىلىك تەھرىرلەش

مائارىپ تەھرىرلەش

تەنھەرىكەت يىغىنى تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.