تېكەس ناھىيىسى
تېكەس ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. تېكەسنىڭ يەر مايدانى 8،067 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 150،000.
تارىخ
تەھرىرلەشتېكەس ناھىيىسى خەن دەۋرىدە ئۇيسۇنلارنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ دەۋرىدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە ۋە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئويرات موڭغۇللىرىنىڭ كۆچۈپ يۈرۈپ مال باقىدىغان يېرى بولغان. مىنگونىڭ 23 - يىلى (1934 - يىلى) توققۇزتارا ناھىيىسىدىن ئاجرىتىلىپ تېكەس باشقۇرۇش تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 26 - يىلى (1937 - يىلى) تېكەس ناھىيىسى قۇرۇلۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 2 - مەمۇرىي رايون ۋە ئىلى ۋىلايىتىگە قارىغان. ھازىر ئىلى ۋىلايىتىگە قارپ كەلمەكتە.
جۇغراپىيە
تەھرىرلەشتېكەس ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ غەربىي قىسىمىغا، موڭغۇلكۈرە - تېكەس ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي بۆلىكىگە جايلاشقان. جەنۇب تەرىپى باي ناھىيىسى بىلەن، شەرقتە خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، شەرق ۋە شەرقىي شىمال تەرىپى توققۇزتارا ناھىيىسى بىلەن، غەرب ۋە غەربىي شىمال تەرىپى موڭغۈلكۈرە ناھىيىسى ھەم چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقىدىن غەربىگىچە بولغان كەڭلىكى 910 كىلومېتىر، جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 116 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 8352 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، يەتتە يېزا، 75 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تۇرۇشلۇق ئورۇنلاردىن ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 4 - شېسىنىڭ 78 - تۈەن - مەيدانى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ ھەربىي ئات مەيدانى ۋە غەربىي تىيانشان ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ تېكەس ئورمانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە مەركىزى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارىلىقى 980 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 143 مىڭ 100 بولۇپ، قازاقلار 40.23% نى، ئۇيغۇرلار 9.71% نى، خەنزۇلار 24.93% نى، باشقا مىللەتلەر 25.13% نى تەشكىل قىلىدۇ. ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدىن قارىغاندا جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، تاغلىق جايلار 93.5% نى، پەلەمپەيسىمان ۋادا 5.8% نى، سۇ كۆلىمى 0.7% نى ئىگىلەيدۇ. تېكەس دەرياسى، كۆكسۇ دەرياسى، كۆكتېرەك دەرياسى قاتارلىق دەريا - ئېقىنلار بار بولۇپ، يەر ئۈستى سۇ بايلىق مەنبەسى 2 مىليارد 694 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىدىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 208 مىليون كۇب مېتىر. يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، قارا تايغان بوغا، ئىلىك، ياۋا چوشقا، ئۇلار قاتارلىق ياۋايى ھايۋانات بايلىقلىرى ۋە سوغىگۈل، قانتېپەر، قارلەيلىسى، گۈل سامساق، كىرەش، پەربۇن قاتارلىق دورا ماتېرىيالى قىلىنىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقلىرى بار. ھازىرغىچە بايقالغان كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، مىس، نىكېل، خروم، تىتان، قوغۇشۇن، سىنك، كۈمۈش، بېرىل، چىرىمتال، سېرپېنتىن، گىرانت تاش، ھاك تېشى، تاش پاختا قاتارلىقلار بار. تېكەس ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق كىلىمات ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 5.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 36.7℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا - 33.4℃. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە يورۇتۇش ۋاقتى 2732.2 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپراتۇرا 2292.2℃، قىروسىز مەزگىلى 133 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 328.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1456.8 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 18 مىڭ 900 گېكتار (284 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 43 مىڭ گېكتار (645 مىڭ مو) ئورمانلىق، 502 مىڭ 800 گېكتار (7 مىليون 542 مىڭ مو) يايلاق بار. يەنە 15 مىڭ گېكتار (252 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان يەر بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىلى ئېتى ۋە شىنجاڭ ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى چىقىدىغان ئاساسلىق جايلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەسەل ھەرىسى بېقىشمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە، بۇغداي، مايلىقدان، كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك زىرائەتلەر ۋە ئېلېكتر - ئېنرگىيىسى، كۆمۈر، سېمونت، يۇڭ توقۇمچىلىق، تېرە پىششىقلاپ ئىشلەش، سۈت مەھسۇلاتلىرى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق سانائەت تۈرلىرى بار. تېكەس ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزۈلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 220 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ناھىيە، يېزىلاردىكى تاشيوللار ئۆزئارا كېسىشكەن. 1000 توچكا پروگراممىلىق تېلېفون مەمىلىكەتلىك تورغا كىرگۈزۈلگەن.
«شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» دىن
مەمۇرىي رايون
تەھرىرلەشئىقتىساد
تەھرىرلەشئاساسىي قۇرۇلۇش
تەھرىرلەشنۇپوس ئىستاتىستىكا
تەھرىرلەشتەربىيە
تەھرىرلەشساياھەتچىلىك
تەھرىرلەشناھىيە بازىرى <پالنامە>دىكى تەرەپلىك سەپ سىخىمىسى بويىچە لايھەلەنگەن بولۇپ، جايلىشىشى غەلىتە ھەم ئۆزگىچە.
مائارىپ
تەھرىرلەشتەنھەرىكەت يىغىنى
تەھرىرلەشسىرتقى ئۇلاش
تەھرىرلەش