تارباغاتاي ۋىلايىتى

تارباغاتاي ۋىلايىتى (Tarbaghatay Wilayiti)، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ۋىلايەت. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ نۇپۇسى 892 مىڭ 397، يۈز ئۆلچىمى 98 مىڭ 824 كۋادرات كىلومېتىردۇر، شىمالىي كەڭلىك 45.83°، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 84°83.

تارباغاتاي ۋىلايىتى

جۇغراپىيە تەھرىرلەش

تارغاتاي ۋىلايىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي، شەرقىي شىمالى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبى، غەربىي جەنۇبى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەربى، غەربىي شىمالى قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيسى 784 كىلومېتىر). شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 300 نەچچە كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالىغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 437 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 93 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. ئۇنىڭغا 2 شەھەر، 5 ناھىيە (يەنى چۆچەك شەھىرى، دۇربىلجىن ناھىيىسى، شىخۇ شەھىرى، ساۋەن ناھىيىسى، تولى ناھىيىسى، چاغانتوقاي ناھىيىسى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى) قارايدۇ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 7 - شىسى، 9 - شىسى مەمۇرىيىتى ۋە 7 - شىسى، 8 - شىسى، 9 - شىسى، 10 - شىسىنىڭ 30 - تۇەن مەيدانى بار. ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە تۇرۇشلۇق جاي - چۆچەك شەھىرىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 637 كىلومېتىر كېلىدۇ. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون 203 مىڭ 300 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 17.75% نى، ئۇيغۇرلار 3.34% نى، خەنزۇلار 69.91% نى، باشقا مىللەتلەر 9.0% نى تەشكىل قىلىدۇ. تارباغاتاينىڭ يەر تۈزۈلۈش جەنۇب، شىمالى ئېگىز، شەرقى، ئوتتۇرىسى پەس، شىمالىي قىسمى، جەنۇبىي قىسمى تاغلىق رايون (مۇزلۇق ككلىمى 106.9 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ)، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسمى جۇڭغار ئويمانلىقىغا تەۋە. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى تەخمىنەن 40% نى، تۈزلەڭلىك ۋە فۇملۇق تەخمىنەن 40% نى، ئويمانلىق، ئېدىرلىق 20% نى ئىگىلەيدۇ. چوڭ - كىچىك دەرياسىدىن 107 سى بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 6 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 2 مىليارد 10 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن ئاساسلىقى يىلپىز، سايگاڭ بۆكىنى، غۇلجا، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۈر بۇغا، قوڭۇر ئېيىق، ئالتاي ئاق توشقىنى، سېرىق بۈركۈن، دۇغداق، ئاققۇ، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن ئاساسلىقى ياۋا بادام، چۈچۈكبۇيا، توشقان زەدىكى، سوغىگۈل، چاكاندا، قانتېپەر قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن ئاساسلىقى تۆمۈر، كۆمۈر، خروم، نېفىت، ئالتۇن، تۇز، بېنتونىت، ھاكتاش قاتارلىقلار بار. تارباغاتاي ۋىلايىتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. تارباغاتاينىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.3℃ ~ 2.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرسى 42.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 42.6℃ بولىدۇ. قىروسىز مەزگىلى 185 ~ 130 كۈن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى تاغلىق رايوننىڭ 500 ~ 300 مىللىمېتىر، ئويمانلىقنىڭ 280 ~ 150 مىللىمېتىر؛ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2100 ~ 1600 مىللىمېتىر. بۇ ۋىلايەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى بىر قەدەر ياخشى. ھازىر 217 مىڭ 100 گېكتار (4 مىليون 68 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 780 مىڭ گېكتار (11 مىليون 700 مىڭ مو) ئورمانلىقى، 5 مىليون 720 مىڭ 700 گېكتار (85 مىڭ 810 مىڭ 500 مىڭ مو) ئوتلىقى بار، يەنە 666 مىڭ گېكتار 700 گېكتار (001 مىليون مو) تېرىقچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى، 1 مىليون 526 مىڭ گېكتار (22 مىليون 830 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشق اباب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، قىزىلچا، قىچا، ھەرخىل پۇرچاق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چىۋە، كككتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى، دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا قوي، كالا، ئاتنى ئاساس قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە باشباي چوڭ قۇيرۇقلۇق قويى ۋە تولى تىۋىتلىق ئۆچكىسى بۇ جاينىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئاساسلىقى ئېنېرگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، تۇز - خىمىيە سانائىتى، توقۇمىچىلىق، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزۈلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ۋىلايەتنىڭ جەنۇبىنى كېسىپ ئۆتكەن لەنجۇ - شىجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلۈكى، دۆلەت تاشيولىنىڭ 312 - لىنىيىسى بىلەن ئۆلكە تاشيولىنىڭ 122 - لىنىيىسى ۋە ھەممە تەرەپكە تۇتۇشۇپ كەتكە ناھىيە، يېزا تاشيوللىرى بىر قەدەر قولايلىق قاتناش تورى شەكىللەندۈرگەن. چۆچەك ئايرودورومىغا ئوتتۇرا تىپتىكى يولوچىلار ئايروپىلانى قونالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچالايدۇ، بۇ يەردىن ئۈرۈمچىگە نۆۋەتچى ئايروپىلان قەرەللىك ئۇچۇپ تۇرىدۇ. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكا كابىلى تارباغاتايدىن ئۆتىدۇ. شىمالىي شىنجاڭ ئوپتىكا كابىلىنىڭ چۆچەك - ماراماي بۆلىكى ئىشلىتىشكە باشلىدى. سىفىرلىق مىكرو دولقۇنلۇق ئالاقىلىشىش، كۆچمە ئالاقىلىشىش ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئالاقىلىشىش يەر شارى پونكىتى ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىشكە باشلىدى، 5 ناھىيە، 2 شەھەردە 54 مىڭ تېلېفون پۈتۈنلەي پروگراممىلاشتۇرۇلدى ھەمدە تارباغاتايدىن قازاقىستاننىڭ شەمەي ئوبلاستى ئوتتۇرىسىدا خەلقئارا نۇقتىلار ئارا ئالاقىلىشىش يولغا قويۇلدى. ۋىلايەتنىڭ ئاساسلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن شارسۇلاما بۇتخانىسى، داغۇرلارنىڭ چېگرا رايوننى قوغداش خاتىرە مۇنارى، مانې خانلىقىنىڭ قەدىمى تۇرالغۇسى، قاناك مەسچىتى، قارائىمىل قەدىمكى تاش سىزمىسى، ئۇسۇنلار قەدىمكى قەبرىستانلىق خارابىسى قاتارلىقلار بار، ئاساسلىق داڭلىق مەنزىرىلىك جالىرىدىن كويغولىن ئورمىنى، جيۈليەن بۇلىقى، قارىغاي جىلغىسى، بۇغا مۈڭگۈزى داۋىنى قاتارلىقلار بار.

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

تارىخ تەھرىرلەش

تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قاراشلىق جايلار خەن سۇلالىسى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان. مىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قۇرۇقچىبەگ مەھكىمىسىگە قارىغان، سۇلالىسى دەۋرىدە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىنىڭ باشلىرىغا قەدەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۇرغۇتلار، جۇڭغارلارنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسنىڭ چيەنلوڭ 29 - يىلى (1764 - يىلى) بۇ يەردە تارباغاتاي مەسلىھەتچى ئامبىلى قويۇلغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۇ 14 - يىلى (1888 - يىلى) تارباغاتاي تەمىنات يانداش ئايماق بېگى قىسقارتىلىپ، تاربااتاي ياردەمچى ئەمىنىيە بىۋاسىتە قاراشلىق نازارىتى قۇرۇلغان. مىنگونىڭ 5 - يىلى (6191 - يىلى) تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسى تەسىس قىلىنغان، ئۇنىڭغا چۆچەك، شىخۇ، ساۋەن 3 ناھىيە قارىغان. مىنگونىڭ 18 - يىلى (1929 - يىلى) تارباغاتاي دوتەيلىكى تارباغاتاي مەمۇرىي رايون دەپ ئۆزگەرتىلگەن، مىنگونىڭ 34 - يىلى (1945 - يىلى) تارباغاتاي ۋالى مەھكىمىسى دەپ ئاتالغان. 1971 - يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتى دەپ ئاتالغان.

نۇپوس ئىستاتىستىكا تەھرىرلەش

ئىقتىساد تەھرىرلەش

توشۇش تەھرىرلەش

قارالسۇن تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى