كونا شەھەر ناھىيىسى
قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى يەيزىۋات ناھىيىسى، غەرب تەرىپى ئۇلۇغچات ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى، ئاقتۇ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ، شىمالىي تەرىپى ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 113 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 91 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 4140.7 كۋادرات كىلومېتىر.
كونا شەھەر ناھىيىسى
疏附县.Konasheher County | |
كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 4 دانە |
يېزا سانى | 6 دانە |
نوپۇس | 360 مىڭ |
يەر مەيدانى | 3,482.95 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
يەر تۈزۈلۈشى
تەھرىرلەشيەر تۈزۈلۈشى: غەربىي-شىمالدىن شەرقىي ەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ ماڭىدۇ. جەنۇب، شىمال ۋە غەرب تەرەپلىرىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ. شەرق تەرىپى قىزىل دەرياسى بىلەن گەز دەرياسىنىڭ يەلپۈگۈچسىمان تىنمىسىدىن شەكىللەنگەن تىنما تۈزلەڭلىك، ئومۇمىي كۆلىمىدە تاغلىق يەر % 54.4 نى، چۆللۈك % 5.7 نى، تۈزلەڭلىك % 39.9 نى ئىگىلەيدۇ. دەريا ئېقىنلىرىدىن قىزىل دەرياسى، گەز دەرياسى، چاقماق دەرياسى ۋە تۈمەن دەرياسى قاتارلىقلار بار. يىللىق ئوتتۇرىچە سۇ ئېقىش مىقدارى 859 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنىڭ يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى 884 مىليون كۇب مېتىر.
مەمۇرىي رايون
تەھرىرلەشقەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيىسى قارمىقىدا 4 بازارلىق ۋە 6 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | توققۇزاق بازىرى | Toqquzaq baziri | Toqquzaq town | 托克扎克镇 | 11 | 34 | 8.7 |
2 | ئوغۇساق بازىرى | Oghusaq baziri | Oghusaq town | 吾库萨克镇 | 8 | 15 | 17.5 |
3 | لەڭگەر بازىرى | Lengger baziri | Lengger town | 兰干镇 | 11 | 19 | 21.2 |
4 | ئوپال بازىرى | Opal baziri | Opal town | 乌帕尔镇 | 17 | 34 | 34.7 |
5 | زەمىن يېزىسى | Zemin yëzisi | Zemin town | 站敏乡 | 19 | 22.5 | 221.1 |
6 | مۇش يېزىسى | Mush yëzisi | Mush town | 木什乡 | 9 | 14.6 | 692.3 |
7 | سايباغ يېزىسى | Saybagh yëzisi | Saybagh town | 萨依巴格乡 | 16 | 23 | ? |
8 | بۇلاقسۇ يېزىسى | Bulaqsu yëzisi | Bulaqsu town | 布拉克苏乡 | 16 | 38.3 | 47.3 |
9 | تېرىم يېزىسى | Tërim yëzisi | Tërim town | 铁日木乡 | 4 | 5.1 | 50 |
10 | تاشمىلىق يېزىسى | Tashmiliq yëzisi | Tashmiliq town | 塔什米里克乡 | 15 | 28 | 333.14 |
ئىزاھات:
- 2012-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى لەڭگەر يېزىسى لەڭگەر بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.
- 2012-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئوغۇساق يېزىسى ئوغۇساق بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.
- 2014-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى ئوپال يېزىسى ئوپال بازىرى بولۇپ قۇرۇلغان.
بايلىقى
تەھرىرلەشياۋايى ھايۋنات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆرە، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقى بىرقەدەر مول. 31 خىل دەرەخ ئائىلىسى بويىچە 108 خىل دەل-دەرەخ بار. بۇنىڭ ئىچىدە دورا ماتېرىيالى ھېسابلىنىدىغىنى 100 خىلدىن ئاشىدۇ. بايقالغان قېزىلما بايلىقدىن ئالتۇن، تۇز، گەز، ھاك قاتارلىقلار بار.
ئىقلىمى
تەھرىرلەشقەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 121 10، يۇقىرى تېمپراتۇرىسى 39.6، تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى-25.2. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2870.6 سائەت، قىروسىز مەزگىلى 212 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 72.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2537.8 مىللىمېتىر.
يېزا ئىگىلىكى
تەھرىرلەشبۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 42 مىڭ 500 گېكتار(637 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 56 مىڭ 900 گېكتار(853 مىڭ 500 مو) ئوتلاق، 33 مىڭ گېكتار(495 مىڭ مو) ئورمان، 13 مىڭ 600 گېكتار(204 مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر، 10 مىڭ گېكتار(150 مىڭ مو) ئورمانچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، ياغلىقدان، ماش-پۇرچاق، قوغۇن-تاۋۇز، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋچىلىقتا كالا، قوي بېقىش ئاساس قىلىنىدۇ.
باشقىلار
تەھرىرلەشسانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، پاختا چىقىرىش ۋە مېۋە پىششىقلاپ ئىشلەش، ئاشلىق-ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 314-لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. شەھەر-يېزا تاشيولى تەرەپ-تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. 1200 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خەۋەرلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.
سىرتقى ئۇلانمىلار
تەھرىرلەش