ئوپال بازىرى
ئوپال يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيە شەھىرنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 32 كىلومېتىر، دۆلەت يولى 314 دۆلەت زېمىنى، جۇڭگونىڭ غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە توشۇش ئۆتىڭى بولۇپ قالغان ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك مۇھىم شەھەر. ئۇمۇمىي نوپۇسى 31180 ئادەم، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52000 مو. بۇ يېزىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەتى ئۇزۇن بۇلۇپ، مىلادىيە 11-ئەسىردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاغلىق ئالىمى ۋە تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرىنىڭ مازىرى، قىرىق بۇلاق قاتارلىق نۇرغۇن ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى بار، يېزا ئىگىلىكتە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىكنى ئاساس قىلغان كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يېزىسى.
ئوپال بازىرى
乌帕尔镇. Opal town | |
كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | بازارلىق |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
ناھىيە | كونا شەھەر ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 17 دانە |
نوپۇس | 34 مىڭ |
يەر مەيدانى | 34.7 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
مەمۇرىي كەتلەر
تەھرىرلەشپۈتۈن ئوپال يېزىسىغا قاراشلىق 17 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، يەنى:
- ئاچال كەنتى (阿恰村)
- ئاقئۆستەڭ كەنتى (阿克吾斯塘村)
- ئايدىڭكۆل كەنتى (阿依丁库勒村)
- ئوپۇلات كەنتى (乌普拉特村)
- باش ياغۇ كەنتى (巴什亚果村)
- بەشباغ كەنتى (拜什巴格村)
- دېھقانچىلىق مەيدانى كەنتى (农场村)
- دوغىلات كەنتى (多格拉提村)
- شوتا كەنتى (肖塔村)
- قارائۆستەڭ كەنتى (喀拉吾斯塘村)
- قاراباش كەنتى (喀拉巴什村)
- قۇمباغ كەنتى (库木巴格村)
- كۆكچى كەنتى (科克其村)
- موللامبېغى كەنتى (毛拉木贝格村)
- نوقات كەنتى (诺喀提村)
- ھۆلجىگدە كەنتى (约勒吉格代村)
- ياغۇ كەنتى (亚果村)؛
ئوپالنىڭ يېزىلىرىدا 137 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.
ئىقتىسادى
تەھرىرلەشيېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ يېزىنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە بايلىقى مول بولغان ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ پەن تېخنىكىغا تايىنىپ زور كۈچ بىلەن باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2003-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 57 مىليون 934 مىڭ يۈەن، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 1398 يۈەن. ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 23 مىڭ 600 توننا، پاختا ئومۇمىي مەھسۇلاتى 834.7 توننا، چارۋىنىڭ يىللىق قوتاندىكى سانى 84 مىڭ تۇياق (دانە)؛ ئىقتىسادىي ئورمان كۆلىمى 38 مىڭ موغا يەتكەن، بۇلار ئىچىدە ھازىرقى زامان سۇغۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ ئۆرۈك، ﺋﺎﻧﺎﺭ، چوڭ گىلاس قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىساد ئورمىننى، سۇ تېجەپ سۇغىرىش ئۈلگە كۆرسىتىشنى جارى قىلدۇردى. يىلدىن يىلغا كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەر 31 مىڭ ئادەم (قېتىم)، ساياھەتچىلىك كىرىمى 210 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
جۇغراپىيەلىك ئورنى
تەھرىرلەشبۇ يېزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ياخشى پۇرسىتنى چىڭ تۇتۇپ، كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ سودا، يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى ۋە ساياھەتچىلىك كەسپىنى ئاساس قىلغان 2-، 3-كەسىپلەرگە تايىنىپ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلەتتى.