مۇش يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمال ئۇچىغا جايلاشقان. شەرقىي لەڭگەر يېزىسى، جەنۇب تەرىپى قىزىل دەرياسى ۋە زەمىن يېزىسى، ئوپال يېزىسىغا يېقىن، غەربىي شىمالدا قارا تاغ، بوز تاغ، ئاقتاغ بىلەن ئۇلۇغچات ناھىيەسى، ئاتۇش شەھىرى بىلەن قوشنا.

مۇش يېزىسى

木什乡. Mush town

كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
ناھىيە كونا شەھەر ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 9 دانە
نوپۇس 14.6 مىڭ
يەر مەيدانى 692.3 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

مۇش يېزا تەۋەسىدە شەرەكسېيى كەنتى، كۆلمەھەللىسى كەنتى، توپا ئېرىق كەنتى، ئەپرات كەنتى، نىياز ھاۋارەڭسېيى كەنتى، ئەسلىمۇش كەنتى، ئۆستەڭبويى كەنتى، مىڭيول كەنتى، يېڭى ئۆستەڭبويى كەنتى قاتارلىق كەنت ئاھالە كومىتېتىلىرىدىن توققۇزى بار، 65 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار.

مائارىپى تەھرىرلەش

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

باشقىلار تەھرىرلەش

مۇش يېزىسىدا بىر ئوتتۇرا مەكتەپ، 8 باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر 154 ئادەم، ئوقۇغۇچىلار 3647 ئادەم. يېزىلىق دوختۇرخانا، كەنت ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى بار بولۇپ، جەمئىي تېببىي خادىمى 18 گە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتە نەپىرى دوختۇر-سېسترا. يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىدا رادىئو ئۇزېلى، رادىئو پروگراممىسى، كىنو قويۇش ئەترىتى، كەنت كۇتۇپخانىسى، ، ئېلېكترودىئوگرامما بۆلۈمى، تەنتەربىيە مەيدانى (تەنھەرىكەت مەيدانى) مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئۆيى قاتارلىقلار بار.

تاشقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش