بۇلاقسۇ يېزىسى
بۇلاقسۇ يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 13.5 كىلومېتر، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 71 مىڭ مو. بۇ يېزىنىڭ يەر شەكلى تۈز، گەز دەرياسىغا يېقىن، دەريا سۈيى، بۇلاق سۈيى بايلىقى مول، بىر تۇتاش چوڭ چارۋىچىلىق، بورداقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىيات يېزا ئىگىلىك چوڭ يېزىسى. بۇلاقسۇ يېزىسى تەۋەسىدىكى 16 مەمۇرىي كەنت، 139 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، ئومۇمىي نوپۇسى 36 مىڭ ئادەم.
بۇلاقسۇ يېزىسى
布拉克苏乡. Bulaqsu town | |
كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
ناھىيە | كونا شەھەر ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 16 دانە |
نوپۇس | 38.3 مىڭ |
يەر مەيدانى | 47.3 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |