تاشمىلىق يېزىسى

تاشمىلىق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 38.4 كىلومېتىر، شەرقىي تەرىپى ئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى ئاقتۇ ناھىيەسى ئۇيتاغ بازىرى بىلەن، غەربتە گەز دەرياسى، شىمالدا تېرىم يېزىسى بىلەن قوشنا.

تاشمىلىق يېزىسى

塔什米里克乡. Tashmiliq town

كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
ناھىيە كونا شەھەر ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 15 دانە
نوپۇس 28 مىڭ
يەر مەيدانى 333.14 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

پۈتۈن تاشمىلىق يېزىسىغا قاراشلىق 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، يەنى : قاراباش كەنتىى، بەشباغ كەنتى، ياغۇ كەنتى، باش ياغۇ كەنتى، موللامبېغى كەنتى، كۆكچى كەنتى، قۇمباغ كەنتى، دوغىلات كەنتى، دۆڭئۆستەڭ كەنتى، ھۆلجىگدە كەنتى، قارا ئۆستەڭ كەنتى، ئاچال كەنتى، نوقات كەنتى، ئايدىڭكۆل كەنتى، ئاقئۆستەڭ كەنتى، بىر تەرەققىيات رايونى 136 كىچىك كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

تاشمىلىق يېزىسى ئاشلىق، پاختا، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق 4 چوڭ كەسىپ ئاساس قىلىنىدۇ، ئالاھىدە كەسپنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قوشۇمچە ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتقا ئىگە بولغاچقا كۈن نۇرى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، مېۋە-چېۋە ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ئۆسۈش شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەن. تاشمىلىق يېزىسىدىن چىقىدىغان مېۋە تەمى ناھايىتى مەززىلىك بولۇپمۇ «مۇياق ئۆرۈك» نى، «ئۆرۈك شاھى» دېيىشكە بولىدۇ. گۆشى قېلىن، شۆپىكى نېپىز، سۇلۇق، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، تەمى يېڭىچە ھەم تەملىك ئۆرۈكلەرنىڭ سەرخىلى. ئۆرۈك قېقى ئۆرۈكنى ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن ياسىلىدۇ، مېڭىنى روھلاندۇرۇش، ئۆمۈرنى ئۇزارتىش رولى بار. نۆۋەتتە يېزا بويىچە جەمئىي كۆلىمى 34 مىڭ مو، 520000 تۈپ ئۈرۈك، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 10 مىڭ توننىغا يېتىدۇ، كۆپىنچىسى ئۈرۈمچى، سانجى، كورلا ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ سېتىلىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

تاشمىلىق يېزىسىدا تېرىلغۇ يەر ئاز، نوپۇس كۆپ، مول ئوشۇق بولغان ئەمگەك كۈچلىرىدىن تاشمىلىق يېزىسى ھازىر ۋاسىتىچى تەشكىلات قۇرۇپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىشى ھەر يىلى نۇرغۇن ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا يەتكۈزۈش خادىملارنى تەشكىللەپ سىرىتقا چىقىرىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ بىلىم ئېلىشقا تۆھپە قوشۇپ ئەمگەك كۈچىنى ياخشىلاپ، شۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى. تاشمىلىق يېزىسى كان بايلىقلىرى مول، تۇز كانى، گەج كېنى قاتارلىق مىنېرال ماددىلار كېنى بۇلۇپ، مەھسۇلات نۇقتىسى، باھاسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان قېزىش كېنى.

مائارىپى تەھرىرلەش

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

باشقا ئۇلانمىلار تەھرىرلەش