كېرىيە ناھىيىسى
كېرىيە ناھىيىسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرقى نىيە ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي شىزاڭ ئاپتونوم رايونى بىلەن، غەربى چىرا ناھىيىسى بىلەن، شىمالى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭشايار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 471.7 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 122 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 39 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر.
كېرىيە ناھىيىسى
于田县.Keriya County | |
كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 2 دانە |
يېزا سانى | 13 دانە |
نوپۇس | 300 مىڭ |
يەر مەيدانى | 39،500 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
ناھىيىلىك پارتىكومنىڭ شۇجىسى | ما جىجۈن،马志军 |
ھاكىم | غەيرەت يۇنۇس |
تېلېفون رايون نومۇرى | 903(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新R |
تور بېكەت | كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |
تارىخ
تەھرىرلەشكېرىيە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇزۇتقات، كېرىيە دۆلەتلىرىنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيا تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە موڭغۇل خانلىرىنىڭ سۇيۇرغاللىق يېرى بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) تۆتىنچى دەرىجىلىك ھاكىمبەگ تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 8 - يىلى (1882 - يىلى) قاراقاش شەھىرىنى مەركەز قىلىپ كېرىيە ناھىيىسى قۇرۇلغان. گۇاڭشۈ 11 - يىلى (1885 - يىلى) مەركىزىي كېرىيە شەھىرىگە كۆچۈرۈلۈپ، قەشقەر دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1959 - يىلى خەنزۇچە <于> (كېرىيە) دېگەن خەتنى <于田> دەپ ئۆزگەرتىلگەن. خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان.
جۇغراپىيە
تەھرىرلەشكېرىيە ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، كوئىنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى نىيە ناھىيىسىگە، غەرب تەرىپى چىرا ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى شايار ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 471.7 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 122 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 39 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 13 يېزا، 168 ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1329 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 191 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 98.49% نى، خەنزۇلار 1.41% نى، باشقا مىلللەتلەر 0.1% نى تەشكىل قىلىدۇ.
مەمۇرىي رايون
تەھرىرلەشكېرىيە ناھىيىسىدە 2 بازارلىق ۋە 13 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | مۇغاللا بازىرى | Mughalla Baziri | Mughalla Town | 木尕拉镇 | 17 | 30 | 54.47 |
2 | شەنبە بازار بازىرى | Shenbe Bazar Baziri | Shenbe Bazar Town | 先拜巴扎镇 | 11 | 20 | 49.3 |
3 | جاي يېزىسى | Jay Yézisi | Jay Township | 加依乡 | 13 | 18 | 28 |
4 | ئارال يېزىسى | Aral Yézisi | Aral Township | 阿热勒乡 | 10 | 18 | 335.33 |
5 | كۆكيار يېزىسى | Kokyar Yézisi | Kokyar Township | 科克亚乡 | 13 | 19 | 54.33 |
6 | ئارىش يېزىسى | Arish Yézisi | Arish Township | 阿日希乡 | 9 | 8 | 451.73 |
7 | يېڭىباغ يېزىسى | Yengibagh Yézisi | Yengibagh Township | 英巴格乡 | 12 | 9 | 4,333.8 |
8 | سىيەك يېزىسى | Siyek Yézisi | Siyek Township | 斯也克乡 | 14 | 22 | 220.48 |
9 | توغراغاز يېزىسى | Toghraghaz Yézisi | Toghraghaz Township | 托格日尕孜乡 | 11 | 15 | 132.6 |
10 | لەڭگەر يېزىسى | Lengger Yézisi | Lengger Township | 兰干乡 | 17 | 20 | ? |
11 | شىۋول يېزىسى | Shiwol Yézisi | Shiwol Township | 希吾勒乡 | 4 | 5 | 210 |
12 | قارقى يېزىسى | Qarqi Yézisi | Qarqi Township | 喀拉克尔乡 | 13 | 14 | ? |
13 | ئويتوغراق يېزىسى | Oytoghraq Yézisi | Oytoghraq Township | 奥依托格拉克乡 | 12 | 18 | 28.67 |
14 | ئاچچان يېزىسى | Achchan Yézisi | Achchan Township | 阿羌乡 | 10 | 9 | 10,247.26 |
15 | دەريا بويى يېزىسى | Deryaboyi Yézisi | Deryaboyi Township | 达里亚博依乡 | 1 | 1.2 | 15,344.60 |
يەر تۈزۈلۈشى
تەھرىرلەشجەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. جەنۇبىي كوئىنلون تاغلىق رايونى، ئوتتۇرا، شىمالىي قىسمى تىنما تۈزلەڭلىك ۋە قۇملۇق. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق رايون 31.3% نى، بوستانلىق 6% نى، چۆل - باياۋان 62.7% نى ئىگىلەيدۇ. كېرىيە دەرياسى قاتارلىق 11 دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى بىر مىليارد 114 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىكتىكى يەر ئاستى سۇ بايلىقى مىقدارى 595 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن شىمال ئۆچكىسى، تېبەت بۆكىنى، يىلپىز، ياۋا قوتاز، ياۋا تۆگە، قۇلان، سۇغۇر قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توغراق، يۇلغۇن، قومۇش، توشقان زەدىكى، چاكاندا، چۈچۈكبۇيا، لوپنۇر، كەندىرى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، تۆمۈر، مىس، خرۇستال، تاش پاختا، قاشتېشى، چىرىمتال، كۆمۈر، گۈڭگۈرت قاتارلىقلار بار.
كىلىماتى
تەھرىرلەشكېرىيە ناھىيىس مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.2℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 24.3℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2759.6 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4199.6℃، قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 44.1 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2489.6 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە قاتتىق قۇم ئۇچۇش - بوران چىقىش ۋاقتى 17.8 كۈن.
يېزا ئىگىلىكى
تەھرىرلەشناھىيىنىڭ دېھقانچىلىقى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. ھازىر 23 مىڭ 800 گېكتار (357 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر. 9100 گېكتار (136 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق، يەنە 213 مىڭ 300 گېكتار (3 مىليون 200 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر 42 مىڭ 700 گېكتار (640 مىڭ مو) ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى ئوتلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. پىلىچىلىكىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، پاختا چىقىرىش، قاشتېشى ئويمىچىلىقى، ئاشلىق - ماي ۋە يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولىنىڭ 315 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ.
ساياھەتچىلىك
تەھرىرلەشمەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قارا دۆڭ خارابىلىقى، قازناق مەسچىت خارابىسى، ئىمامزار خارابىسى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلىك جايلىرى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. دەريا بويى يېزىسى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ مەنزىرىسى بىلەن نۇرغۇن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا.
سىرتقى ئۇلاش
تەھرىرلەش