جاي يېزىسى كېرىيە ناھىيىسى گە جايلاشقان. غەربتە سىيەك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇب تەرىپى كۆكيار يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا بوستان شاللىق رايونى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى بەش كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى سەككىز كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 28 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى غەربى ئېگىز، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇپقا قىيپاش كېلىدۇ، تۇپرىقى مۇنبەت، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1420 مېتىر كېلىدۇ.

جاي يېزىسى

加依乡.Jay town

كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە كېرىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 13 دانە
نوپۇس 18 مىڭ
يەر مەيدانى 28 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

كىلىماتى تەھرىرلەش

ھاۋا كىلىماتى ئىللىق، قۇرغاق، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃24.3-، 7-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.2، قىروسىز مەزگىلى 213 كۈن، يىللىق قۇم-بوران 150 كۈن ئەتراپىدا، ئادەتتە شامال كۈچى 5 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 10 بالغا يېتىدۇ.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

يېزا بويىچە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ، بۇغداي، قوناق، كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ. بۇ يېزىنىڭ كېرىيە ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىر قەدەر يېقىن، ئادەم كۆپ، يەر ئاز، بىر قەدەر كۆپ دېھقانلار كۆكتات سودىسىغا تايىنىدۇ.