ساۋەن شەھىرى
ساۋەن شەھىرى沙湾市 شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن تارباغاتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ساۋەننىڭ يەر مايدانى 12،468 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 200،000.
تارىخ
تەھرىرلەشساۋەن غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئوتتەنزىل بەگلىكىگە قاراشلىق جاي ئىدى. ئۈچ پادىشاھلىق ۋە غەربىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە سىيانپىيلارنىڭ سۇيۇرغالىق يېرى بولغان. سۈي - تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدە غەربىي تۈركلەر ئىگىىۋالغان، سۇڭ، يۈەن سۇلالىرى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارغا قاراشلىق بولغان، مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيراتلارغا قارىغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلوڭ يىللىرىدا ماناس ناھىيىسىگە قارىغان مىنگونىڭ 4 - يىلى (1915 - يىلى) ماناس ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ ساۋەن شەھىرى قىلىپ قۇرۇلغان ۋە ئۈرۈمچى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 6 - يىلى (1917 - يىلى) تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن تارباغاتاي ۋالى مەھكىمىسىگە قارايدىغان بولغان. 1975 - يىلى شىخەنزە ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان. 1978 - يىلى شىخەنزە ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرلغاندىن كېيىن قايتىدىن تارباغاتاي ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولغان.
جۇغراپىيە
تەھرىرلەشساۋەن شەھىرى تەڭرى تېغى ئوتتۇرا قىسىمىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى شىخەنزە شەھىرى، ماناس ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى شىخۇ شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، قاراماي شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، جەنۇبى تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 240 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 101 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 12 مىڭ كۋادات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭغا 7 بازار، بەش يېزا، 247 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 7 - شىسى بىلەن 8 - شىسىنىڭ 12 تۇەن - مەيدانى ۋە زاۋۇت - كان، كارخانىسى بار، ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 185 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 369 مىڭ 002، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 2.22% نى، خەنزۇلار 85.55% نى، باشقا مىللەتلەر 12.23% نى تەشكىل قىلىدۇ.
ئۇنىڭ يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان: جەنۇبىي قىسمى تاغلىق، ئوتتۇرا قىسمى تۈزلەڭلىك ۋە شىمالىي قىسمى قاقاس تۈزلەڭلىك. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 39.8% نى، تۈزلەڭلىك 22.4% نى، قاقاسلىق 37.8% نى ئىگىلەيدۇ. دەرياسىدىن ماناس دەرياسى، نىڭجياخې دەرياسى، قورغاس دەرياسى ۋە چوڭ - كىچىك جىلغا دەريالار، بايانقۇ دەرياسى قاتارلىقلار بار، يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 1 مىليارد 810 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 240 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، بۇغا، ئاق بۇغۇز بۆكەن، ياۋ تۆڭگۈز، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن كىرەش، رەۋەن، سۇغىگۈل، قارلەيلىسى، چۈچۈكبۇيا، ئالقات، قانتېپەر، سۈلەپ، مامۇرانچىن، پاقا يوپۇرماق قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن ئالتۇن، كۆمۈر، ھاك تاش، گىلائۇبېر تۇزى، سىلانس، قاش تېشى قاتارلىقلار بار. ساۋەن شەھىرى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.9℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 42.8℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -37.0℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2874.2 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3619.1℃، قىروسىز مەزگىلى 170 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 185.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2046.0 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان. ھازىر 57 مىڭ گېكتار (855 مىڭ مو) تېرىلغۇ يېرى، 100 مىڭ گېكتار (1 مىليون 500 مىڭ مو) ئورمانلىقى، 588 مىڭ 007 گېكتار (8 مىليون 830 مىڭ مو) ئوتلىقى بار، يەنە 24 مىڭ گېكتار (360 مىڭ مو) تېرىقچىلىققا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى، 6700 گېكتار (100 مىڭ مو) ئورمان ئەھيا قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا، ماش - پۇرچاق، ياغلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي، ئات ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. سانائەتتە ئېلېكتر قۇۋۋتى كەسپى، كۆمۈرچىلىك، خىمىيە سانائىتى، سېمونت ئىشلەش، سۇلياۋ ئىشلەش، كاۋچوك ئىشلەش، گۈل بېسىش، پاختا توقۇمىچىلىقى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. ساۋەن شەھىرىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەلەشمەكتە. لەنجۇ - شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ غەربىي بۆلىكى ۋە دۆلەت تاشيولى 312 - لىنىيىسى، ئۆلكە تاشيولى 201 -، 101 - لىنىيىسى بۇ ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ناھىيە - يېزا تاشيوللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن. ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكا كابىلى بۇ ناھىيە ئىچىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، 6000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تورلاشتۇرۇلغان، كۆچمە تېلېفون، سىمسىز چاقىرغۇ ۋە خەلقئارا تېلېگراف ئىشلىتىشكە باشلىدى.
مەمۇرىي رايون
تەھرىرلەشئىقتىساد
تەھرىرلەشئاساسىي قۇرۇلۇش
تەھرىرلەشنۇپوس ئىستاتىستىكا
تەھرىرلەشتەربىيە
تەھرىرلەشساياھەتچىلىك
تەھرىرلەشبۇ ناھىيىنىڭ داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن لۇجاۋۋەن، موڭغۇل بۇتخانىسى، شۇيگۇ، دۇڭداتاڭ قاتارلىقلار بار.
مائارىپ
تەھرىرلەشتەنھەرىكەت يىغىنى
تەھرىرلەشسىرتقى ئۇلاش
تەھرىرلەش