كۇچار شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. كۇچا شەھىرى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى بۈگۈر ناھىيىسى، باغراش ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى شايار ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى، باي ناھىيىسى بىلەن، شىمال تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 193 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 164 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيىگە بىر بازار، 13 يېزا، 216 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 745 كىلومېتىر.

كۇچار شەھىرى

库车市.Kuchar City

كۇچار شەھىرىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ۋىلايەت ئاقسۇ ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كوچا باشقارمىسى سانى 4 دانە
بازارلىق سانى 8 دانە
يېزا سانى 6 دانە
نوپۇسى (2015-يىل) 492,535 [1]
يەر مەيدانى 14,528.74 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 997 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新N

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا شەھىرى قارمىقىدا 4 دانەكوچا باشقارمىسى ، 8 دانە بازارلىق ۋە 6 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 رەستە كوچا باشقارمىسى Reste Kocha Bashqarmisi Reste Subdistrict 热斯坦街道办事处 7 13
2 ساقساق كوچا باشقارمىسى Saqsaq Kocha Bashqarmisi Saqsaq Subdistrict 萨克萨克街道办事处 8 18
3 يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى Yéngisheher Kocha Bashqarmisi Yengisheher Subdistrict 新城街道办事处 8 44
4 شەرقىي شەھەر كوچا باشقارمىسى Sherqiy Sheher Kocha Bashqarmisi Sherqiy Sheher Subdistrict 东城街道办事处 6 27
نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 ئۇچار بازىرى Uchar Baziri Uchar Town 乌恰镇 11 22
2 ئىشخىلا بازىرى Ishxila Baziri Ishxila Town 依西哈拉镇 12 32 241.6
3 ئۇزۇن بازىرى Uzun Baziri Uzun Town 乌尊镇 11 41.5 136.8
4 ياقا بازىرى Yaqa Baziri Yaqa Town 牙哈镇 25 32 265.6
5 ياقىلا بازىرى Yaqila Baziri Yaqila Town 雅克拉镇 2 1 214.5
6 چىمەن بازىرى Chimen Baziri Chimen Town 齐满镇 19 42 197.7
7 ئالاقاغا بازىرى Alaqagha Baziri Alaqagha Town 阿拉哈格镇 25 38 ?
8 دۆڭقوتان بازىرى Döngqotan Baziri Dongqotan Town 墩阔坦镇 19 18
9 بېھىشباغ يېزىسى Béhishbagh Yézisi Behishbagh Township 比西巴格乡 15 27 85.3
10 ئۈچئۆستەڭ يېزىسى Üchösteng Yézisi Uchosteng Township 玉奇吾斯塘乡 19 27 ?
11 ئاقئۆستەڭ يېزىسى Aqösteng Yézisi Aqosteng Township 阿克吾斯塘乡 13 16
12 خانقىتام يېزىسى Xanqitam Yézisi Xanqitam Township 哈尼喀塔木乡 26 35.5 ?
13 تارىم يېزىسى Tarim Yézisi Tarim Township 塔里木乡 6 4 23,295
14 ئاغى يېزىسى Aghi Yézisi Aghi Township 阿格乡 6 7 ?

ئىزاھات:

يەر تۈزۈلۈشى تەھرىرلەش

شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس، شىمالىي تەرىپى تەڭرىتاغ رايونى، مۇزتاغ چوققىسى ئەڭ ئېگىز بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4553 مېتىر كېلىدۇ). جەنۇبىي تەرىپى دەريا ئېقىنىنىڭ تىنىشىدىن بولغان تۈزلەڭلىك. تاغ يېرى 44% نى، تۈزلەڭلىك 56% نى ئىگىلەيدۇ. كۇچار دەرياسى بىلەن ئۈگەن دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دەرياسى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى 592 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 780 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قاقىر شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، قارا تايغان بۇغا، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن شىنجاڭ ئارچىسى، مېۋىلىك ئاق تىكەن، تەڭرىتاغ چىتەنى، قارا ئالىقات، ئېگىر، قارا يوپۇرماقلىق جىنتيانا، چىلان، ئوسما يىلتىزى قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

بۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52 مىڭ 200 گېكتار ( 783 مىڭ مو)، ئورمانلىق كۆلىمى 101 مىڭ 700 گېكتار (بىر مىليون 525 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى 380 مىڭ 600 گېكتار (بەش مىليون 709 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا، ئورمان بەرپا قىلىشقا باب كېلىدىغان 341 مىڭ 500 گېكتار (بەش مىليون 122 مىڭ 500 مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئېشەك، ئات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرىنى ياساش، پاختا چىقىرىش، كىگىز ئىتىش ۋە ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى قاتارلىقلار بار.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

كۇچار شەھىرىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە، دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - ۋە 217 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. شەھەر، يېزا تاشيوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. خەلق ئاۋىئاتسىيىنىڭ كۇچادىن كورلا، ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان قەرەللىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى بار. 10 مىڭ پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقىلىشىش توغرىغا كىرگۈزۈلدى. كۇچادا مول سۇ ، تۇپراق ، يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق مەنبەسى بار. بولۇپمۇ ئۇ تارىم ۋە غەربىي شىمال تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرىدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى. تەبىئىي گاز زاپىسى 2 تىرىليون كۇب مېتىر بولۇپ ، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئىسپاتلانغان زاپىنىڭ% 90 تىن كۆپرەكىنى ، خام نېفىت زاپىسى 700 مىليون توننا بولۇپ ، ئىسپاتلانغان زاپاس مىقدارىنىڭ% 70 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. ئىسپاتلانغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازلار ياكېلا ، تاھې ، دوڭخېتاڭ ، ياخا ، ئىچى كرېك ، دالۇبا ، يىنەن ، يىشېن ، دىنا 2 ، ياكېن ئانتىتېلاسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسپاتلانغان كۆمۈر زاپىسى 1 مىليارد 560 مىليون توننا. تاش تۇز زاپىسى 3 مىليارد 600 مىليون توننا. بۇ ناھىيەنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 790 مىڭ مو بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 3 مىليون 500 مىڭ مو قاقاس يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

ئىقلىمى تەھرىرلەش

كۇچار شەھىرى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -27.4℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 73.8 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2912.4 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4300.7℃، قىروسىز مەزگىلى 248 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 64.8 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2842.5 مىللىمېتىر.

ساياھەتچىلىكى تەھرىرلەش

كۇچا شەھىرىدە دۇنخۇاڭنىڭ غەربى، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي بويىچە سانى ئەڭ كۆپ، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تاش غار بۇتخانىسى، قەدىمكى تۇرا قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە داڭلىقلىرىدىن كۇسەن قەدىمكى شەھىرى، قۇمتۇرا مىڭئۆيى ۋە جاۋخۇلى بۇتخانىسى خارابىسى بار.

مائارىپى تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-02.

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى