جىڭ ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. جىڭنىڭ يەر مايدانى 11،181 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 120،000.

جىڭ ناھىيىسى

تارىخ تەھرىرلەش

جىڭ ناھىيىسىنىڭ نامى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدىغان جىڭ دەرياسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكمىسىگە قاراشلىق ئۇيسۇن دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىككى ئۈگۈز تۇتۇق مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيرات قەبىلىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 24 - يىلى (1759 - يىلى) جىڭ دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا <ئەنقۇ> قەلئەسى سېلىنغان ۋە جېڭدى دوتەي مەھكىمىسنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چيەنلۇڭ 48 - يىلى (1783 - يىلى) ئەنقۇ قەلئەسىنىڭ ئىككى چاقىرىم شەرقىگە يەنە يېڭى قەلئە سېلىنغان ۋە ئۈرۈمچى باش بوغىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 14 - يىلى (1888 - يىل) جىڭ بىۋاسىتە قاراشلق ئەمىنىيە نازارىتى تەسىس قىلىنىپ، جېڭدى دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. گۇاڭشۈ 28 - يىلى (1902 - يىلى) ئىلى - تارباغاتاي دوتەي مەھكىمىسىگە قارىغان. مىنگونىڭ 2 - يىلى ( 1913 - يىلى) بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەت ئۆزگەرتىلىپ جىڭ ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىلى دوتەي مەھكىمىسى ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. 1954 - يىلى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا ئايرىپ بېرىلگەن.

جۇغراپىيە تەھرىرلەش

جىڭ ناھىيىسى تەڭرى تېغىنىڭ تارمىقى بولغان بولجىنۇر تېغىنىڭ شىمالىيى ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان. شەرقتىن شىخۇ شەھىرى، غەربتىن بۆرتالا شەھىرى، جەنۇبتىن غۇلجا، نىلقا ناھىيىسى، شىمالدا تولى ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 166 كىلومېتىر؛ جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 134 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 11 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. بۇ ناھىيىگە بىر رايون، ئىككى بازار، ئۈچ يېزا، 54 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 423 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 113 مىڭ 100، بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇللار 3.98% نى، ئۇيغۇرلار 12.20% نى، خەنزۇلار 69.50% نى، باشقا مىللەتلەر 14.32% نى تەشكىل قىلىدۇ.

يەر تۈزۈلۈشى: جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس ھالەتتە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 41% نى، تۈزلەڭلىك 50% نى، (بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى چوڭ تۇزلۇق كۆل - ئىبنۇر كۆلى بار بولۇپ، كۆلىمى 500 كۋادات كىلومېتىر كېلىدۇ) سۇ يۈزى 9% نى ئىگىلەيدۇ. جىڭ دەرياسى، داخىيەنزى دەرياسى، ئاچال دەرياسى، تودۇگ دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يەر يۈزى سۇ بايلىقى 852 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 317 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئارقار، قاراتايغان بۇغا، ئاق بۇغۇز بۆكەن، ئۇلار، سۈلەيسۈن، توڭگۇز قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن توشقان زەدىكى، چۈچۈكبۇيا، سوغىگۈل، قان تېپەر، بۇۋانە، ئەڭلىك ئوت، داڭگۈي قاتارلىقلار بار. ھازىرغىچە بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن تۇز، گىلائۇبېر تۇزى، مولىبدېن، فوسفور قاتارلىقلار بار. جىڭ ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېپېراتۇرىسى 7.3℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41.3℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 36.4℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2691.9 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3582.5℃، قىروسىز مەزگىلى 173 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 91.4 مىللىمېتىر، سۇنىڭ ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1624.9 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 21 مىڭ 400 گېكتار ( 321 مىڭ 300 مو)، ئورمان كۆلىمى 108 مىڭ 700 گېكتار (بىر مىليون 630 مىڭ مو) ئوتلاق 716 مىڭ 700 گېكتار ( 10 مىليون 750 مىڭ مو) كېلىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، شال، كۆممىقوناق، كېۋەز، مايلىقدان ئالقات، ھەرخىل پۇرچاق ۋە قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە قاتارلىقلار بار. چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، چوشقا، قېچىر، تۆگە اتارلىقلار بار. سانائىتىدىن خىمىيە سانائىتى، توقۇمچىلىق، تۇزچىلىق، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. جىڭ ناھىيسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. دۆلەت تاشيولى 312 - لىنىيىسى ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. يولۇچىلار توشۇش مەركىزى، جىڭ ۋوگزالى تىجارەتكە كىرىشتى. ناھىيە، يېزىلارنىڭ يوللىرى ھەممە تەرەپكە تۇتىشىدۇ. نۇر كابىل ئارقىلىق يەتكۈزۈش، پروگراممىلىق تېلېفون قاتارلىق ئىلغار خەۋەرلىشىش ۋاسىتىلىرى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

ئىقتىساد تەھرىرلەش

ئاساسىي قۇرۇلۇش تەھرىرلەش

نۇپوس ئىستاتىستىكا تەھرىرلەش

تەربىيە تەھرىرلەش

ساياھەتچىلىك تەھرىرلەش

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن ئەنفۇ قەلئەسى خارابىسى، ئۇيسۇن قەبرىستانلىقى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ تەھرىرلەش

تەنھەرىكەت يىغىنى تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى