چىڭگىل ناھىيىسى

چىڭگىل ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. چىڭگىلنىڭ يەر مايدانى 15،722 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 60،000.

چىڭگىل ناھىيىسى

تارىخ تەھرىرلەش

چىڭگىل ناھىيىسى چىن ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ھونلارنىڭ چارۋا باقىدىغان يېرى بولغان. سۈي سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي تۈرلەرگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بېشبالىق قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چىيەنلۇڭ 28 - يىلى (1963 - يىلى) قۇندۇ مەسلىھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 30 - يىلى (1904 - يىلى) ئالتاي خان ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 26 - يىلى (1937 - يىلى) چىڭگىل باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسىس قىلىنغان. مىنگونىڭ 30 - يىلى (9411 - يىلى) دەرىجىسىنى كۆتۈرۈپ ناھىيە قىلىنىپ، چىڭگىل ناھىيىسى دەپ ئاتالغان. 6 - مەمۇرىي رايون ۋە ئاشەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسى ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.

جۇغراپىيە تەھرىرلەش

چىڭگىل ناھىيىسى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا، ئالتاي تېغىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئېتكىگە جايلاشقان. شەرقىي بىلەن شىمالىي تەرىپى موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 152 كىلومېتىر). غەربىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى گۇچۇڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغا بولغان ئۇزۇنلۇقى 218 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربقىچە بولغان كەڭلىكى 97 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ 500 كۋادرات كىلومېتىر. چىڭگىل ناھىيىسىگە 1 بازار، 5 يېزا، 48 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 10 - شىسىنىڭ مۇستەقىل يېڭى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 534 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 51 مىڭ 100، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 74.94% نى، خەنزۇلار 19.26% نى باشقا مىللەتلەر 5.8% نى تەشكىل قىلىدۇ.  يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تاغلىق، تاغ ئارىسىدىكى ئويمانلىق، ئېدىرلىق ۋە چۆللۈككە ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 61.3% نى، ئېدىرلىق 19.5% نى، تۈزلەڭلىك 19.2% نى، تەشكىل قىلىدۇ. چوڭ چىڭگىل، كىچىك چىڭگىل، چاڭقان، بۇلغۇنلۇق، ئۇلۇڭگۈر قاتارلىق دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 854 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۇ مىقدارى 153 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن قۇندۇز، سۆسۈن بۇلغۇن، ياۋا ئېشەك، يىلپىز، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋايى دورا ئۆسۈملۈكتىن چاكاندا، قانتېپەر، چۈچۈكبۇيا، مېھرىگىياھ، قارلەيلىسى، ئاۋېي، بۇغا مۈڭگۈزى، دىڭىزىيا، ئۇچار چاشقان مايلىقى قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن كۆمۈر، مىس، ئالتۇن، قەلەي، تۆمۈر، نېكىل، كۈمۈش، قوغۇشۇن، چىرىمتال، سېرپېنتىن، بېرىل، لېتىي تېشى، فوسفورلۇق تاش، دال شىپاتى، سۈرمە تاش، خرۇستال قاتارلىقلار بار. چىڭگىل ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى - 0.2℃ ئەڭ يۇقىرى تېمپراتۇرىسى 34.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 49.7℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3157.5 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 1983.9℃. قىروسىز مەزگىلى 72 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 162.4 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1475.6 مىللىمېتىر. بۇ ناھىيە چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىر 8500 گېكتار (127 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 42 مىڭ 500 گېكتار (637 مىڭ 500 مو) ئورمانلىق، 16 مىڭ 700 گېكتار (250 مىڭ مو) چاتقاللىق، 1 مىليون 552 مىڭ 700 گېكتار (23 مىليون 290 مىڭ مو) ئوتلاق بار. چارۋىچىلىقتا يايلاقتا بېقىشنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇقى قويى، شەرقىي شىمالنىڭ نەسلى ياخشىلانغان تىۋىتلىك ئۆچكىسى ۋە كالا، ئات، تۆگە قاتارلىقلار بار. دېقھانچىلىقتا بۇغداي تېرىشنى ئاساس، قىچا، ئاق پۇرچاق، كۆممىقوناق تېرىشنى قوشۇمچە قىلىدۇ. سانائىتىدىن خۇرۇمچىلىق، ياغاچچىلىق، پولات ماتېرىيال، چارۋا مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئالتۇن قېزىش قاتارلىقلار بار. بۇ ناھىيىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 228 -، 320 - لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ. ناھىىە، يېزا ئاسفالىت يولى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. ئوپتىكلىق خەۋەرلىشىش ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ ناھىيىدىكى تايكەشكىن ئېغىزى شىنجاڭنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن سودا قىلىشىدىكى مۇھىم يولىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

ئىقتىساد تەھرىرلەش

ئاساسىي قۇرۇلۇش تەھرىرلەش

نۇپوس ئىستاتىستىكا تەھرىرلەش

چىڭگىل ناھىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
قازاقلار
76.8%
خەنزۇلار
18.1%
خۇيزۇلار
2.1%
موڭغۇللار
1.4%
ئۇيغۇرلار
0.9%
باشقا مىللەتلار
0.7%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [1]

تەربىيە تەھرىرلەش

ساياھەتچىلىك تەھرىرلەش

چىڭگىل ناھىيىسىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن قەدىمكى قىيا تاش رەسىمىرى، تاش ئادەم سۈرىتى، ساندۇخەيزى قەدىمكى قەبرىستانلىقى، قەدىمىي ياغاچتىن ياسالغان يول، كوكۈي بۇتخانىسى قاتارلىقلار بار. داڭلىق مەنزىرىلىك جايلاردىن چوڭ - كىچىك چىڭگىل دەرياسى تەبىئىي مەنزىرە رايونى، بۇلغۇنقول قوندۇز مۇھاپىزەت رايونى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ تەھرىرلەش

تەنھەرىكەت يىغىنى تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.