ئاۋات ناھىيىسى
ئاۋات ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Awat Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. ئاۋات ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان. شەرق ۋە شىمال تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، غەرب تەرىپى كەلپىن ناھىيىسى، مارالبېشى ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى لوپ ناھىيىسى، قاراقاش ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 150 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 13 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى يېزا ئىگىلىك 1 - شىسىنىڭ ئۈچ تۇەن - مەيدانى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق قارا دۆڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېقھانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيەبازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئارىلىقى 1071 كىلومېتىر.
ئاۋات ناھىيىسى
阿瓦提县.Awat County | |
ئاۋات ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ۋىلايەت | ئاقسۇ ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 3 دانە |
يېزا سانى | 5 دانە |
نوپۇس (2015-يىل) | 262,842 [1] |
يەر مەيدانى | 13,067 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) |
تېلېفون رايون نومۇرى | 997 (0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新N |
مەمۇرىي رايون
تەھرىرلەشئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسى قارمىقىدا 3 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | مەھەللە/كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | ئاۋات بازىرى | Awat Baziri | Awat Town | 阿瓦提镇 | 9 | 34 | |
2 | بەشئېرىق بازىرى | Beshériq Baziri | Besheriq Town | 拜什艾日克镇 | 27 | 41 | 486 |
3 | غورۇچۆل بازىرى | Ghoruchöl Baziri | Ghoruchol Town | 乌鲁却勒镇 | 25 | 40 | 744 |
ئىزاھات:
- ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاۋات ناھىيىسى قارمىقىدا 5 دانە يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | مەھەللە/كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | دولان يېزىسى | Dolan Yézisi | Dolan Township | 多浪乡 | 4 | 7.5 | 15.8 |
2 | تامتوغراق يېزىسى | Tamtoghraq Yézisi | Tamtoghraq Township | 塔木托格拉克乡 | 18 | 16.2 | 291.89 |
3 | ئايباغ يېزىسى | Aybagh Yézisi | Aybagh Township | 阿依巴格乡 | 16 | 19.5 | 300 |
4 | بايتوغراق يېزىسى | Baytoghraq Yézisi | Baytoghraq Township | 巴格托格拉克乡 | 4 | 3.7 | 13,300 |
5 | يېڭىئېرىق يېزىسى | Yéngiériq Yézisi | Yengieriq Township | 英艾日克乡 | 22 | 28 | 616 |
ئىزاھات:
يەر تۈزۈلۈشى
تەھرىرلەشيەر تۈزۈلۈشى تۈز بولۇپ، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قىيپاش. بوستانلىق 18.2% نى، چۆل - قۇملۇق 81.8% نى ئىگىلەيدۇ. ئاقسۇ دەرياسى ۋە كونا دەريادىن ئىبارەت چېگرا ھالقىيدىغان ئىككى دەرياسى بار. يىللىق ئېقىن مىقدارى بىر مىليارد 387 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 783 مىليون كۇب مېتىر (ئېچىشقا بولىدىغان زاپاس مىقدارى 470 مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن ئاق بوغۇز بۆكەن، بۆكەن (ئاھۇ)، ياۋا بۇغا، تۈلكە، ياۋا چوشقا قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، قومۇش، يۇلغۇن، لوپنۇر كەندىرى، توشقان زەردىكى قاتارلىقلار بار.
يېزا ئىگىلىكى
تەھرىرلەشبۇ ناھىيە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 36 مىڭ 900 گېكتار (553 مىڭ 500 مو)، ئورمان كۆلىمى 27 مىڭ 900 گېكتار (418 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق كۆلىمى 176 مىڭ 900 گېكتار (2 مىليون 653 مىڭ 500 مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 80 مىڭ گېكتار (1 مىليون 200 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېقھانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، پۇرچاق، ياغلىق دان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق بىلەن ئۆرۈك ئاۋات ناھىيىسىنىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چارۋىچىلىقىدا كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش، پاختا ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتىنى سىستېمىلىق پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.
ئىقلىمى
تەھرىرلەشئاۋات ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق كىلىماتقا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃ 10.5، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃ 39.4، ئەڭ تۆۋە تېمپېراتۇرىسى -℃ 23.3، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 75.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمېپراتۇرا ℃ 30 تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2596.6 سائەت. ℃ 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3975.8، قىروسىز مەزگىلى 214 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 1.45 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1887.4 مىللىمېتىر.
ئىقتىسادى
تەھرىرلەشساياھەتچىلىكى
تەھرىرلەشمائارىپى
تەھرىرلەشمەنبەلەر
تەھرىرلەش- ↑ "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-20.
سىرتقى ئۇلانمىلار
تەھرىرلەش