قاغىلىق ناھىيىسى

قاغىلىق ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Qaghiliq Nahiyisi چاغاتايچە : قارغاليق) بولسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قەشقەر ۋىلايىتىگە قارايدۇ. قاغىلىق ناھىيىسى قارا قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي جەنۇب چېتىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى گۇما ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرپى كەشمىر (پاكىستان كونتروللۇقىدىكى رايون) بىلەن تۇتۇشىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 80 كىلومېتىر)، غەرب تەرىپى پوسكام ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى مەكىت ناھىيىسى بىلەن ۇتتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 326 كىلومېتىر. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 120 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 28 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. قارمىقىدا ئۈچ بازار، 17 يېزا، 302 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 3 - شىسىنىڭ بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1514 كىلومېتىر.

قاغىلىق ناھىيىسى

叶城县.Qaghiliq County

قاغىلىق ناھىيىسى (نومۇرى 7) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 3 دانە
يېزا سانى 17 دانە
نوپۇس 500 مىڭ
يەر مەيدانى 28،928.64 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيىسى قارمىقىدا 3 بازارلىق ۋە 17 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 قاغىلىق بازىرى Qaghiliq Baziri Qaghiliq Town 喀格勒克镇 12 76
2 چارباغ بازىرى Charbagh Baziri Charbagh Town 恰尔巴格镇 14 17 0
3 ئۇششارباش بازىرى Ushsharbash Baziri Ushsharbash Town 乌夏巴什镇 20 25 2125
4 تۆگىچى يېزىسى Tögichi Yézisi Tögichi Town 吐古其乡 16 16 40.75
5 بارىن يېزىسى Barin Yézisi Barin Town 巴仁乡 10 10 ؟
6 جايتېرەك يېزىسى Jaytérek Yézisi Jayterek Town 加依铁勒克乡 23 20 97.38
7 جاڭگىلىئەسكى يېزىسى Janggilieski Yézisi Janggilieski Town 江格勒斯乡 16 19 280
8 چاسا مەسچىت يېزىسى Chasa Meschit Yézisi Chasa Meschit Town 恰萨美其特乡 11 19.5 ؟
9 بەشئېرىق يېزىسى Beshériq Yézisi Besheriq Town 伯西热克乡 18 33 450
10 لوق يېزىسى Loq Yézisi Loq Town 洛克乡 12 15 1400
11 يىتىملىقۇم يېزىسى Yitimliqum Yézisi Yitimliqum Town 依提木孔乡 27 30 101.5
12 سايباغ يېزىسى Saybagh Yézisi Saybagh Town 萨依巴格乡 21 22.5 ؟
13 غوجائېرىق يېزىسى Ghojaériq Yézisi Ghojaeriq Town 乌吉热克乡 17 17.1 ؟
14 شاخاپ يېزىسى Shaxap Yézisi Shaxap Town 夏合甫乡 18 18.2 64
15 يىلقىچى يېزىسى Yilqichi Yézisi Yilqichi Town 依力克其乡 14 11 ؟
16 چىپان يېزىسى Chipan Yézisi Chipan Town 棋盘乡 13 13 ؟
17 تېتىر يېزىسى Tétir Yézisi Tetir Town 铁提乡 11 14 ؟
18 زۇڭلاڭ يېزىسى Zunglang Yézisi Zunglang Town 宗朗乡 6 5.5 72.75
19 كۆكيار يېزىسى Kökyar Yézisi Kokyar Town 柯克亚乡 17 18 3663.5
20 شىخشۇ يېزىسى Shixshu Yézisi Shixshu Town 西合休乡 9 5 13,900

’’’ئىزاھات:’’’

يەر تۈزۈلۈشى تەھرىرلەش

جەنۇبىي ئېگىز، شىمالىي پەس. جەنۇبىي قىسمىدىكى ئېگىز تاغلىق جايلارنىڭ كۆپ قىسمى مۇزلۇق ۋە قارلىق دالا (تىرام كەڭرى چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 7464 مېتىر ئېگىز)، ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغلىرى ئېگىز - پەس بولۇپ، ئۇنىڭدا زور كۆلەملىك ئورمانلىق، ئوتلاق بار. شىمالىي قىسمى تىنما يەلپۈگۈچسىمان شەكىلدىكى جايلار بولۇپ، تۈزۈلۈشى پەس بولۇپ، ئېگىز - پەس ئېدىرلىق، قاغىلىقنىڭ تاغ يېرى 73.3% نى، تۈزلەڭلىك 23.6% نى، قۇملۇق ۋە چۆللۈك 3.1% نى ئىگىلەيدۇ. تەۋەسىدە تىزناپ دەرياسى، ئۇلۇق دەرياسى، چىپان دەرياسى، كۆكيار دەرياسى قاتارلىق دەريالار بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 2 مىليارد 761 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭ يەر ئاستى سۇ زاپىسى 689 مىليون كۇب مېتىر.

بايلىقى تەھرىرلەش

ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قوڭۇر ئېيىق، يوپۇرماقلىق مىمىنايا، غاز قانىتى، چۈچۈكبۇيا، تورسۇلداق قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، ئالتۇن، مىس، تۆمۈر، ئاليۇمىن، قاشتېشى، مەرمەرتاش، گرافىت قاتارلىقلار بار.

==ئىقلىمى==

قاغىلىق ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 39.5℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 22.7℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2741.9 سائەت، 10℃ جۇغلانما تېپمېراتۇرىسى 4060.6℃. قىروسىز مەزگىلى 234 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېقىن مىقدارى 53.2 مېللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2480 مىللىمېتىر.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

بۇ ناھىيىدە دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ھازىر 47 مىڭ 800 گېكتار (717 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر، 20 مىڭ گېكتار (300 مىڭ مو) ئورمان، 567 مىڭ گېكتار (سەككىز مىليون 505 مىڭ 700 مو) ئوتلاق، 3300 گېكتار (50 نەچچە مىڭ مو) دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان بوز يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، كۆممىقوناق، ياغلىقدان، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. ئالاھىدە مەھسۇلاتىدىن قەغەز ياڭاق، دەنەك ئانار، ئۆرۈك قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا ئات، كالا، قوي ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، پاختا چىقىرىش، گىلەمچىلىك، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار.

ساياھەتچىلىكى تەھرىرلەش

مائارىپى تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى