ئاقچى ناھىيىسى ( ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Aqchi Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ئاقچى ناھىيىسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى قىسمىغا، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى توشقان دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى ئۇچتۇرپان ناھىيىسى، كەلپىن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى مارالبېشى ناھىيىسى، ئاتۇش شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمال تەرىپى قىرغىزىستان نىڭ ئىسسىقكۆل ئوبلاستى بىلەن، شەرق تەرىپى نارىن ئوبلاستى بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 276 كىلومېتىر). ئومۇمىي يەر مەيدانى 12 مىڭ 200 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە قارمىقىدا بىر بازار، 5 يېزا، 23 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1184 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 32 مىڭ 800، بۇنىڭ ئىچىدە قىرغىزلار 88.96% نى، ئۇيغۇرلار 4.55% نى، خەنزۇلار 6.28% نى، باشقا مىللەتلەر 0.21% نى تەشكىل قىلىدۇ.

ئاقچى ناھىيىسى

阿合奇县.Aqchi County

ئاقچى ناھىيىسى ( نومۇرى 3 ) خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئوبلاست قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
مىللەتلەر ئۇيغۇر،قىرغىز
تىللار ئۇيغۇرچەقىرغىزچە
بازارلىق سانى 1 دانە
يېزا سانى 5 دانە
نوپۇسى (2015-يىل) 44,656 [1]
يەر مەيدانى 11،545.38 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 908 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新P

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيىسى قارمىقىدا 1 دانە بازارلىق ۋە 5 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 ئاقچى بازىرى Aqchi Baziri Aqchi Town 阿合奇镇 3 12
2 سومتاش يېزىسى Somtash Yézisi Somtash Township 苏木塔什乡 2 4
3 قاراچى يېزىسى Qarachi Yézisi Qarachi Township 哈拉奇乡 4 8
4 قارابۇلاق يېزىسى Qarabulaq Yézisi Qarabulaq Township 哈拉布拉克乡 3 7
5 ساپارباي يېزىسى Saparbay Yézisi Saparbay Towship 色帕巴依乡 4 3.5
6 قۇلانساراق يېزىسى Qulansaraq Yézisi Qulansaraq Township 库兰萨日克乡 5 4.5

ئىزاھات:


نۇپوس ئىستاتىستىكا تەھرىرلەش

پىچان ناھىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
قىرغىلار
76.1%
ئۇيغۇرلار
12.8%
خەنزۇلار
10.5%
خۇيزۇلار
0.2%
قازاقلار
0.1%
تاجىكلار
pink%
باشقا مىللەتلار
0.2%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [2]

يەر تۈزۈلۈشى تەھرىرلەش

بۇ ناھىيىنىڭ جۇغراپىيلىك ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئىككى تاغ بىر جىلغىنى قورشاپ تۇرىدۇ. شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى تۆۋەن بولۇپ، غەربتىن شەرققە قىيپاش. شىمالىي تەرىپىدە كوكسال تېغى بولۇپ، ئەڭ ئېگىز چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 5 مىڭ 958 مېتىر ئېگىز. جەنۇب تەرىپىدە قارا تېكەن تېغى بولۇپ، ئەڭ ئېگىز چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 4 مىڭ 679 مېتىر ئېگىز. ئوتتۇرىسىدا توشقان دەرياسى جىلغىسى بار. توشقان دەرياسى غەربتىن شەرققە ئېقىپ پۈتۈن ناھىيىنى كېسىپ ئۆتىدۇ.

ئىقلىمى تەھرىرلەش

ئاقچى ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 6.2℃. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 36.4℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 27.2℃، كۈننىڭ ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2988.6 سائەت. 10℃ جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 2434.8℃، قىروسىز مەزگىلى 171 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 184.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2501.4 مىللىمېتىر.

بايلىقى تەھرىرلەش

يەر ئۈستى سۇ بايلىقى 2 مىليارد 680 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، ئۇلار، چىل قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقى بىرقەدەر مول بولۇپ، ئىككى تاغ، بىر جىلغىغا تارالغان ئۆسۈملۈك 200 خىلدىن كۆپرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن چۈچۈكبۇيا، ياۋا ئارپىبەدىيان، قىل يوپۇرماق، ئەمەن قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلاردىن سېرپېنتىن، گەز، مەرمەر تاش، ئىسلاندىيە تېشى، تۆمۈر، مانگان قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

بۇ ناھىيە تاغلىق رايون چارۋىچىلىق ناھىيىسى بولۇپ، ھازىر بار تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 4 مىڭ 300 گېكتار ( 64 مىڭ 500 مو)، ئورمان كۆلىمى 760 مىڭ گېكتار ( 11 مىليون 400 مىڭ مو)، ئوتلاق كۆلىمى 884 مىڭ 700 گېكتار ( 12 مىليون 670 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىققا باب كېلىدىغان 8 مىڭ 700 گېكتار (130 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. مال - چارۋىسىدىن قوي، كالا، ئات، قوتاز، تۆگە، ئېشەك قاتارلىقلار بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا، يالىڭاچ، ئارپا، دادۇر (باقىلە)، زىغىر، قىچا قاتارلىقلار بار.

ساياھەتچىلىكى تەھرىرلەش

بۇ ناھىيىنىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلىرى ۋە داڭلىق ساياھەت نۇقتىلىرىدىن كىرگىن قەدىمىي قەلئەسى، ئۇچتۇرپان قەدىمىي شەھەر خارابىسى، بالىگېندى قەدىمىي پوتىيى، ئىبراھىم قەدىمىي قەلئەسى، بەدەل بولال تۇراسى، قارلىق مۇز چوققا، جىلو سۇ ئارشىڭى، توشقان دەرياسى جىلغىسى مەنزىرىسى قاتارلىقلار بار.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

مائارىپى تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-04-28.
  2. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى