شايار ناھىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Shayar Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. شايار ناھىيىسى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىغا، تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىغا جايلاشقان. شەرق تەرىپى لوپنۇر ناھىيىسى، چەرچەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى كېرىيە ناھىيىسى، نىيە ناھىيىسى، چىرا ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئاقسۇ شەھىرى بىلەن، شىمال تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى، كۇچار ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 180 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 220 كىلومېتىر. ناھىيە تەۋەسىدە ئاپتونوم رايونلۇق تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 835 كىلومېتىر.

شايار ناھىيىسى

沙雅县.Shayar County

شايار ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ۋىلايەت ئاقسۇ ۋىلايىتى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
بازارلىق سانى 7 دانە
يېزا سانى 4 دانە
نوپۇس (2015-يىل) 274,382 [1]
يەر مەيدانى 31,887.28 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 997 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新N

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيىسى قارمىقىدا 7 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 شايار بازىرى Shayar Baziri Shayar Town 沙雅镇 12 52
2 قايلور بازىرى Qaylor Baziri Qaylor Town 海楼镇 23 23.2 526
3 يېڭىمەھەللە بازىرى Yéngimehelle Baziri Yengimehelle Town 英买力镇 33 43 ?
4 قىزىلبايراق بازىرى Qizilbayraq Baziri Qizilbayraq Town 红旗镇 21 32 ?
5 تويبولدى بازىرى Toyboldi Baziri Toyboldi Town 托依堡勒迪镇 26 45 306
6 گۈلباغ بازىرى Gülbagh Baziri Gulbagh Town 古勒巴格镇 21 28.8 ?
7 خادادۆڭ بازىرى Xadadöng Baziri Xadadong Town 哈德墩镇 5 ? ?

ئىزاھات:

  • 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى قايلور يېزىسى قايلور بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[2]
  • 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئەسلىدىكى گۈلباغ يېزىسى گۈلباغ بازىرى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.[3]
  • 2011-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن خادادۆڭ بازىرى قۇرۇلغان.[4]

ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيىسى قارمىقىدا 4 دانە يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 نۇرباغ يېزىسى Nurbagh Yézisi Nurbagh Township 努尔巴格乡 14 11 407
2 يانتاقشەھەر يېزىسى Yantaqsheher Yézisi Yantaqsheher Township 央塔克协海尔乡 12 ? ?
3 تارىم يېزىسى Tarim Yézisi Tarim Township 塔里木乡 7 7 23,295
4 گەزقۇم يېزىسى Gezqum Yézisi Gezqum Township 盖孜库木乡 10 8.8 ?

ئىزاھات:

يەر تۈزۈلۈشى تەھرىرلەش

شىمالىي ئېگىز، جەنۇبىي پەس بولۇپ، ئۈگەن دەرياسى تىنمىسى، تارىم دەرياسى ۋادىسى تۈزلەڭلىكى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭلىك، بوستانلىق 19.5% نى، قۇملۇق 80.5% نى ئىگىلەيدۇ. ئۈگەن دەرياسى ۋە تارىم دەرياسىدىن ئىبارەت چېگرا ھالقىغان ئىككى دەرياسى بار، يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى ئالتە مىليارد 300 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 120 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن قارالەيلەك، كوكۇلىلىق تۇرنا، قارا تايغان بۇغا، تارىم توشقىنى، ئاق بوغۇز بۆكەن، ياۋا توڭگۇز، قىرغاۋۇل قاتارلىقلار بار. ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن لوپنۇر كەندىرى، توغراق (زاپاس مىقدارى 540 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ)، چۈچۈكبۇيا، ئالىقات، توشقان زەدىكى، چىغان قاتارلىقلار بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، تەبىئىي گاز، گىلائۇبېر تۇزى، شۇلتا قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

بۇ ناھىيە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 42 مىڭ 600 گېكتار (639 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 107 مىڭ 300 گېكتار (1 مىليون 610 مىڭ مو)، يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 48 مىڭ گېكتار (720 مىڭ مو)، ئورمان بىنا قىلىشقا ۋە چارۋىچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 213 مىڭ 300 گېكتار (3 مىليون 200 مىڭ مو) قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، قولماق قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە كېۋەز ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ ناھىيە 1994 - يىلى مەملىكەت بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان كۈچلۈك 100 ناھىيە ئىچىدە 10 - قاتارغا ئۆتتى. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك، ئات قاتارلىقلار بار. ھەسەل ھەرىسى بېقىش ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى ئۆستۈرۈش ۋە سۇ ئۆسۈملۈكلىرى باقمىچىلىقىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائىتىدىن توقۇمىچىلىق، قەغەز ياساش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماي خىمىيە سانائىتى، ماشىنا رېمونتچىلىقى، ئاشلىق، ماي ۋە يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. شايار ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشمەكتە. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 210 - ۋە 211 - لىنىيىسى دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى بىلەن ناھىيە تەۋەسىدە تۇتىشىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. ئوپتىكلىق كابىل ئارقىلىق خەۋەرلىشىش رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 3000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.

ئىقلىمى تەھرىرلەش

شايار ناھىيىسى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ ئىنتايىن قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 10.8℃ ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 41℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى -28.7℃، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 87.1 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3036.3 سائەت 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4109.6℃. قىروسىز مەزگىلى 216 كۈن. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 42.8 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2006.7 مىللىمېتىر.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

ساياھەتچىلىكى تەھرىرلەش

مائارىپى تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

  1. "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-02.
  2. "ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(قايلور بازىرى)". Archived from the original on 2017-09-21. Retrieved 2018-05-06.
  3. "ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(گۈلباغ بازىرى)". Archived from the original on 2017-09-21. Retrieved 2018-05-06.
  4. ش ئۇ ئا ر خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقنامىسى(خادادۆڭ بازىرى)

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى