ئاقتو ناھىيىسى ( ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى : Aqto Nahiyisi) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. ئاقتۇ ناھىيىسى پامېر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرق قىسمى يېڭىسار ناھىيىسى، يەكەن ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب قىسمى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب، غەربىي جەنۇب تەرىپى ئايرىم - ئايرىم ھالدا قىرغىزىستان نىڭ ئوش ئوبلاستى، تاجىكىستان نىڭ تاغلىق باداخشان ئاپتونوم ۋىلايىتى بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 344 كىلومېتىر). شىمال تەرىپى ئۇلۇغچات ناھىيىسى، قەشقەر كونا شەھەر ناھىيىسى ۋە قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 283 كىلومتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 216 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 23 مىڭ 100 كۋادرات كىلومېتىر. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى بىرمىڭ 512 كىلومېتىر.

ئاقتو ناھىيىسى

阿克陶县.Aqto County

ئاتۇش شەھىرى ( نومۇرى 2 ) خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى ناھىيە
ئوبلاست قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى
مىللەتلەر ئۇيغۇر،قىرغىز
تىللار ئۇيغۇرچەقىرغىزچە
بازارلىق سانى 2 دانە
يېزا سانى 9 دانە
نوپۇس 221 مىڭ
يەر مەيدانى 24،555.06 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)
تېلېفون رايون نومۇرى 908 (0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新P

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتو ناھىيىسى قارمىقىدا 2 دانە بازارلىق ۋە 9 يېزا بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

نومۇرى ئىسمى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى

دا يېزىلىشى

ئىنگلىزچە ئىسمى خەنزۇچە ئىسمى مەھەللە/كەنت سانى نوپۇسى(مىڭ) يەر مەيدانى(km2)
1 ئاقتو بازىرى Aqto Baziri Aqto Town 阿克陶镇 14 36 136
2 ئويتاغ بازىرى Oytagh Baziri Oytagh Town 奥依塔克镇 4 5 1,537
3 بارىن يېزىسى Barin Yézisi Barin Township 巴仁乡 15 33 1,087
4 ئۈجمە يېزىسى Üjme Yézisi Ujme Township 玉麦乡 12 28 194
5 پىلال يېزىسى Pilal Yézisi Pilal Township 皮拉力乡 19 50
6 جامالتېرەك يېزىسى Jamaltérek Yézisi Jamalterek Towship 加马铁力克乡 6 10 44
7 قاراكېچىك يېزىسى Qarakéchik Yézisi Qarakechik Township 喀热克其克乡 4 5
8 بۇلۇڭكۆل يېزىسى Bulungköl Yézisi Bulungkol Township 布伦口乡 5 7
9 مۇجى يېزىسى Muji Yézisi Muji Township 木吉乡 4 3.8
10 قىزىلتو يېزىسى Qizilto Yézisi Qizilto Township 克孜勒陶乡 11 9.2 3,882
11 چارلۇڭ يېزىسى Charlung Yézisi Charlung Township 恰尔隆乡 5 4.8 2,203
12 كوسراپ يېزىسى Kosrap Yézisi Kosrap Township 库斯拉甫乡 4 3.5 1,039
13 تار تاجىك يېزىسى Tar Tajik Yézisi Tar Tajik Township 塔尔塔吉克族乡 8 5 1009.7

ئىزاھات:

يەر تۈزۈلۈشى تەھرىرلەش

غەربىي جەنۇب تەرىپى ئېگىز، شەرقىي شىمال تەرىپى پەس بولۇپ، تاغ يېرى 83.3% نى، تۈزلەڭلىك 16.7% نى ئىگىلەيدۇ. داڭلىق تاغ چوققىلىرىدىن دېڭىز يۈزىدىن 7719 مېتىر ئېگىز بولغان قوڭۇر چوققىسى (كونىلار مۇز تاغ مەلىكىسى دەپ ئاتىغان). دېڭىز يۈزىدىن 7975 مېتىر ئېگىز بولغان قوڭۇر تۆپە چوققىسى ۋە دېڭىز يۈزىدىن 7546 مېتىر ئېگىز بولغان مۇز تاغ چوققىسى (كونىلار مۇز تاغ ئاتىسى دەپ ئاتىغان) بار. ئاساسلىق دەرياسىدىن پاسراۋات دەرياسى، چارلۇڭ دەرياسى ۋە ئېگىز يار دەرياسى، كۈسەن دەرياسى، گەز دەرياسى قاتارلىقلار بار.

ئىقلىمى تەھرىرلەش

ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ تۈزلەڭلىك رايونى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.3℃. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2859.4 سائەت. قىروسىز مەزگىلى 221 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 60.2 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2427.5 مىللىمېتىر.

بايلىقى تەھرىرلەش

يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى ئىككى مىليارد 484 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 280 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋانات بايلىقىدىن يىلپىز، قوڭۇر ئېيىق، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن، سۇغۇر، ئۇلار قاتارلىقلار بار. ياۋا دورا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن سېرىق كەندىر، ئىلانسىمان قامچا ئوت، قانتېپەر، زاراڭزا قاتارلىقلار بار. بايقالغان بايلىقلىرىدىن كۆمۈر، تۆمۈر، مىس، قوغۇشۇن، سىنىك، كوبالت، ئالتۇن، كۈمۈش، كرىستال، ياقۇت، ئىسلاندىيە تېشى، سليۇدا، تۇز قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

بۇ ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى بولۇپ، ھازىر بار تېرىلغۇ يېرى 18 مىڭ 900 گېكتار ( 283 مىڭ 500 مو)، ئوتلاق 712 مىڭ 900 گېكتار (10 مىليون 693 مىڭ 500 مو). دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، ياغلىق دان قاتارلىقلار بار. جەنۇب تەرىپىدىكى تاغلىق رايوندىكى جىلغىلارنىڭ يايلاقلىرى كەڭ بولۇپ، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شارائىتى بىرقەدەر ياخشى. مال - چارۋىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، كۆمۈرچىلىك، رەڭلىك مېتال قېزىش، سېمونت ئىشلەش، دېھقانچىلىق ماشىنلىرىنى رېمونت قىلىش، ئاشلىق - ماي پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. ناھىيە بازىرىدىن يېزا - بازار، مەيدانلارغىچە تۇتىشىدىغان غول تاشيوللار بار. كەنت پوچتا - تېلېگراف مۇلازىمەت پونكىتىدىن 15ى قۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. پروگراممىلىق تېلېفوندىن 1000 ى ئېچىۋېتىلدى. بۇ ناھىيە قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇقەررەر ئۆتىدىغان يول ئىدى.

ساياھەتچىلىكى تەھرىرلەش

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن گەز ئۆتىڭى، مۇزتاغ چوققىسى، قوڭۇر چوققىسى، قوڭۇر تۆپە چوققىسى، قاراكۆل، بۇلۇڭكۆل، ئويتاغ ئورمانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلار بار.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

مائارىپى تەھرىرلەش

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى