باي ناھىيىسى
باي ناھىيەسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Bay Nahiyisi) تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئاقسۇ ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. شەرق تەرىپى كۇچار ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى موڭغۇلكۈرە، تېكەسۋە خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 197.5 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 116 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ كىلومېتىر.
باي ناھىيىسى
拜城县.Bay County | |
باي ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | ناھىيە |
ۋىلايەت | ئاقسۇ ۋىلايىتى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
بازارلىق سانى | 4 دانە |
يېزا سانى | 10 دانە |
نوپۇس (2015-يىل) | 241,079 [1] |
يەر مەيدانى | 15،917 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 997(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新N |
مەمۇرىي رايون
تەھرىرلەشئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسى قارمىقىدا 4 دانە بازارلىق بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | مەھەللە/كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | باي بازىرى | Bay Baziri | Bay Town | 拜城镇 | 14 | 32 | |
2 | سايرام بازىرى | Sayram Baziri | Sayram Town | 赛里木镇 | 14 | 15 | 971.75 |
3 | ياقىئېرىق بازىرى | Yaqiériq Baziri | Yaqieriq Town | 赛尔其镇 | 11 | 18.5 | ? |
4 | تېرەك بازىرى | Térek Baziri | Terek Town | 铁热克镇 | 2 | 7.4 | 114.2 |
ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىسى قارمىقىدا 10 دانە يېزا بار بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
نومۇرى | ئىسمى | ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
دا يېزىلىشى |
ئىنگلىزچە ئىسمى | خەنزۇچە ئىسمى | كەنت سانى | نوپۇسى(مىڭ) | يەر مەيدانى(km2) |
1 | كانچى يېزىسى | Kanchi Yézisi | Kanchi Township | 康其乡 | 13 | 17.3 | 635.15 |
2 | بۇلۇڭ يېزىسى | Bulung Yézisi | Bulung Township | 布隆乡 | 7 | 9.5 | 464.9 |
3 | ياتۇر يېزىسى | Yatur Yézisi | Yatur Township | 亚吐尔乡 | 12 | 16.2 | 1,033.15 |
4 | توقسۇن يېزىسى | Toqsun Yézisi | Toqsun Township | 托克逊乡 | 13 | 15 | 765.4 |
5 | قىزىل يېزىسى | Qizil Yézisi | Qizil Township | 克孜尔乡 | 11 | 8.4 | 923.15 |
6 | قېيىر يېزىسى | Qéyir Yézisi | Qeyir Township | 黑英山乡 | 13 | 12.7 | 5,544 |
7 | مىچىغ يېزىسى | Michigh Yézisi | Michigh Township | 米吉克乡 | 13 | 10 | 971.5 |
8 | ئومباش يېزىسى | Ombash Yézisi | Ombash Township | 温巴什乡 | 14 | 15.6 | 688.6 |
9 | چوڭ كۆۋرۈك يېزىسى | Chong Köwrük Yézisi | Chong Kowruk Township | 大桥乡 | 8 | 8.4 | 378.6 |
10 | قاراباغ يېزىسى | Qarabagh Yézisi | Qarabagh Township | 老虎台乡 | 6 | 13.4 | 729 |
ئىزاھات:
جۇغراپىيە
تەھرىرلەشباي ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان. شەرق تەرىپى كۇچار ناھىيىسى بىلەن، جەنۇب تەرىپى توقسۇ ناھىيىسى بىلەن، غەرب تەرىپى ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن، شىمالىي تەرىپى موڭغۇلكۈرە، تېكەس، خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 197.5 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 116 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 15 مىڭ كىلومېتىر. ناھىيىگە ئىككى بازار، 11 يېزا، 151 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بولغان ئارىلىقى 858 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 182 مىڭ 500. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 89.26% نى، خەنزۇلار 9.86% نى، باشقا مىللەتلەر 0.88% نى تەشكىل قىلىدۇ.
يەر تۈزۈلۈشى
تەھرىرلەشغەربىي شىمالى ئېگىز، شەرقىي جەنۇبى پەس. تۆت ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان بولۇپ، شەرقتىن غەربكە سوزۇلغان ئۇزۇنچاق ئويمانلىق شەكىللەندۈرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۈزلەڭلىك 10.8% نى، تاغ يېرى 70% نى، چۆل 19.2% نى ئىگىلەيدۇ. مۇزات دەرياسى، قاپىسلاڭ دەرياسى، تەلۋىچۈك دەرياسى، قاراسۇ دەرياسى ۋە قىزىل دەريا قاتارلىق دەرياسى بار. يەر يۈزىدىكى سۇ بايلىقى ئىككى مىليارد 163 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى بىر مىليارد 310 مىليون كۇب مېتىر (ئېچىشقا بولىدىغان زاپاس مىقدارى 850 مىليون كۇب مېتىر). ياۋايى ھايۋانات بايلىقدىن يىلپىز، شىمال ئۆچكىسى، ئارقار، قارا تايغان بۇغا، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىقلار بار. دورىلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بايلىقىدىن قارلەيلىسى، كىرەش، قانتېپەر، پاقا يوپۇرماق ئۇرۇقى، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار بار. ھازىرقى بايقالغان قېزىلما بايلىقىدىن نېفىت، كۆمۈر، تۆمۈر، مانگان، ئۇران، مىس، فتورىت، بارىت، ئانالىرت قاتارلىقلار بار.
ئىقلىمى
تەھرىرلەشباي ناھىيىسىنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق كىلىماتقا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.4℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 37.4℃. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 32.0℃. يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 42.2 كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 30℃ تىن يۇقىرى بولىدۇ. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2789.7 سائەت. 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 3327.3℃ قىروسىز مەزگىلى 162 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 94.9 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1538.5 مىللىمېتىر.
يېزا ئىگىلىكى
تەھرىرلەشناھىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر راۋاجلانغان. ھازىرقى تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 49 مىڭ 200 گېكتار (738 مىڭ مو)، ئورمان كۆلىمى 78 مىڭ 700 گېكتار (1 مىليون 180 مىڭ مو). ئوتلاق كۆلىمى 723 مىڭ 300 گېكتار (10 مىليون 850 مىڭ مو) يەنە دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان 16 مىڭ 900 گېكتار (253 مىڭ 500 مو) قاقاس يەر بار. ئاساسلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، ياغلىق دان، قىزىلچا، قولماق، كېۋەز، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقى يايلاق چارۋىچىلىقى ۋە دېھقانچىلىق رايونى چارۋىچىلىقى دەپ ئايرىلىدۇ. چارۋىچىلىقتا شىنجاڭ مېرىنو ئىنچىكە يۇڭلۇق قويى، سىمىنتال كالىسى ئاساس قىلىنىدۇ. سانائىتىدىن كۆمۈر، ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىقلار بار. باي ناھىيىسىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. ئۆلكە تاشيولىنىڭ 307 - لىنيىسى ناھىيىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ ھەمدە دۆلەت تاشيولىنىڭ 314 - لىنىيىسى كېسىشىدۇ. ناھىيە، يېزا يوللىرى تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان. خەۋەرلىشىش ئوپتىكلىق كابىلى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 8000 پروگراممىلىق تېلېفون پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالاقىلىشىش تورىغا كىرگۈزۈلدى.
ئىقتىسادى
تەھرىرلەشساياھەتچىلىكى
تەھرىرلەشمائارىپى
تەھرىرلەشمەنبەلەر
تەھرىرلەش- ↑ "ئاپتونوم رايونلۇق سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2017-يىلىلىق نوپۇش سىتاتىستىكا جەدۋىلى". Archived from the original on 2017-10-11. Retrieved 2018-05-21.
سىرتقى ئۇلانمىلار
تەھرىرلەش