كورلا شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھەر بۇلۇپ، مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىگە قارايدۇ. كورلىنى يەنە "نەشپۈت شەھىرى" دەيدۇ، چۈنكى كورلىنىڭ نەشپۈتلىرى جۇڭگودا ئەڭ داڭلىق.

جۇغراپىيە

تەھرىرلەش

كورلىنىڭ يەر مەيدانى 482،665 كۇۋادىرات كىلومېتېر. كورلا ئۈرۈمچىدىن تەخمىنەن 200 كىلومېتېر غەربىي جەنۇبىگە جايلاشقان. كورلا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا ۋە تاكلىماكان چۆلىنىڭ شىمالىدا جايلاشقان. كورلىنىڭ مەركىزىدە كوڭچى دەرياسى ئاقىدۇ. بۇ دەريانىڭ سۈيى باغراش كۆلىدىن كېلىدۇ.


مەمۇرىي رايون

تەھرىرلەش
  • ئىتتىپاق كوچا باشقارمىسى (团结街道)
  • تەڭرىتاغ كوچا باشقارمىسى (天山街道)
  • سايباغ كوچا باشقارمىسى (萨依巴格街道)
  • قۇرۇلۇش كوچا باشقارمىسى (建设街道)
  • يېڭىشەھەر كوچا باشقارمىسى (新城街道)
  • چاۋياڭ كوچا باشقارمىسى (朝阳街道)
  • نەشپۇتزار كوچا باشقارمىسى (梨香街道)
  • تاشدەن بازىرى (塔什店镇)
  • شاڭخۇ بازىرى (上户镇)
  • شىنىغا بازىرى (西尼尔镇)
  • ئاۋات يېزىسى (阿瓦提乡)
  • پۇخۇي يېزىسى (普惠乡)
  • توۋۇرچى يېزىسى (托布力其乡)
  • تېكىچى يېزىسى (铁克其乡)
  • چارباغ يېزىسى (恰尔巴格乡)
  • قارايۇلغۇن يېزىسى (哈拉玉宫乡)
  • قوشئېرىق يېزىسى (和什力克乡)
  • لەڭگەر يېزىسى (兰干乡)
  • يېڭىشەھەر يېزىسى (英下乡)
  • ئاۋات دېھقانچىلىق مەيدانى (巴州阿瓦提农场)
  • باۋتۇخۇ دېھقانچىلىق مەيدانى (包头湖农场)
  • پۇخۇي دېھقانچىلىق مەيدانى (普惠农场)
  • پۇخۇي چارۋىچىلىق مەيدانى (普惠牧场)
  • چەرچى باغۋەنچىلىك مەيدانى (库尔楚园艺场)
  • سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى (巴州沙依东园艺场)
  • ئوبلاستلىق سۈتچىلىك فېرمىسى (巴州奶牛场)
  • ئىقتىساد چارۋىچىلىق مەيدانى (经济牧场)
  • ئۇرۇق مەيدانى (良种场)

كورلا ئىقلىمى

تەھرىرلەش

كورلا شەھىرىنىڭ كىلىماتى ناھايىتى قۇرغاق. يىلدا 3،000 سائەت ئاپتاپ چىقىدۇ. بۇ سەۋەبتىن كۆپ كۈنلىرى ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ. ھەر يىلى پەقەت 115.9 مىللىمېتىر يامغۇر ۋە قارياغىدۇ.  ھەر يىلى 2- ئايدىن 3- ئايغىچە بىر نەچچە قېتىم قۇم  بوران چىقىدۇ ۋە توپا ياغىدۇ. 1- ئاي ئەڭ سوغۇق ئاي بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 7 ˚ سېلسىيە گرادۇس بولىدۇ. 7- ئاي ئەڭ ئىسسىق ئاي بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا 33 ˚ سېلسىيە گرادۇس بولىدۇ.

ئىقتىسادى

تەھرىرلەش

كورلىنىڭ ئىقتىسادى ئىككى سەۋەب بىلەن تونۇلغان. بىرىنچى سەۋەب نېفىت بولىدۇ. تارىم ئويمانلىقىدىكى جۇڭگو بېنزىن شىركىتىنىڭ باش شتابى كورلىدا. ئىككىنچى سەۋەب - دېھقانچىلىق، بولۇپمۇ نەشپۈتلىرى ۋە توغاچ شاپتۇللىرى بەك داڭلىق.

شەھەر قۇرۇلۇشى

تەھرىرلەش

كورلا شەھىرى تاغقا بەك يېقىن بولۇپ، شەرقتىن غەربكە قۇرۇلغان. شەھەرنىڭ كەڭلىكى 15 كىلومېتىر ۋە ئۇزۇنلىقى 5  كىلومېتىر. كورلىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى تولىمۇ رەتلىك، كوچىلىرى ئازادە. شەھەرنىڭ شەرقىدە يېڭى ئېچىلغان رايون بار. بۇ رايوندا ئۈچ ئالىي مەكتەپ بار. كورلىنىڭ غەربى ئەڭ كونا راييون ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەردە بىرىنچى نومۇرلۇق مەكتەپ، بىر نەچچە بازارلار بار. مەسىلەن، ئالتۇن ئۈچ بولۇڭ بازىرى، باغراش بازىرى ۋە چوڭ بازار قاتارلىقلار. بۇ جايدا يەنە كۆپلىگەن دۇكانلار، سودا سارىيى ۋە جەلق مەيدانى بار. كورلىنىڭ پويىز ئىستانسىسى شىمالدا جايلاشقان. كورلىدىكى ئاممىۋى قاتناش ئىنتايىن قولايلىق. 20-30 مىنۇتتا شەھەرنىڭ بىر چەككىسىدىن يەنە بىر چەككىسىگە بارالايسىز.

كورلىدا ئۈچ گۈزەل دەريا بار: توز دەرياسى، ئاققۇ دەرياسى، ۋە كاككۇك دەرياسى. ئاققۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەر كۈنى رەڭدار چىراغلاردا گۈزەل مۇزىكا ساداسىغا ئەگىشىپ، فونتانلار ئېتىلىپ چىقىدۇ. دەريالارنى بويلاپ ماڭسىڭىز، چىرايلىق باغچىلارنى كۆرەلەيسىز. بۇ باغچىلاردا ياپ- يېشىل دەرەخلەر قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ.

نۇپوس ئىستاتىستىكىسى

تەھرىرلەش

1995- يىلى رەسمىي نوپۇس تەكشۈرۈش قىلىندى. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار 29.6% ، خەنزۇلار 59.85% ، باشقا مىللەتلەر 10.55%تىنى تەشكىل قىلغان. 2000- يىلى كورلىنىڭ نۇپۇسى  381،943 ئىدى. 2010- يىلىنىڭ رەسمىي نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا كورلىدا 23 مىللەت بولۇپ، ئۇنىڭ نوپۇسى 549،324. شەھەرلىك ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ھازىر كورلىنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 1،000،000.[1]


كورلا شەھىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
خەنزۇلار
66.7%
ئۇيغۇرلار
28.9%
خۇيزۇلار
2.4%
موڭغۇللار
1.2%
مانجۇلار
0.2%
باشقا مىللەتلار
0.6%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [2]

تەربىيە

تەھرىرلەش

ساياھەتچىلىك

تەھرىرلەش

كورلىدا گۈزەل باغچىلاردىن باشقا يەنە كۆپ قىزىق ئورۇنلار بار. مەسىلەن، قەدىمىي لولان شەھىرى كورلىغا بەك يېقىن. يەنە تاكلىماكان چۆلىنىڭ چېتىدە تېرەك ئورمانى بار. كۈزدە   گۈزەل ئالتۇنرەڭ تېرەك ئورمانلىقى ۋە قۇم دۇۋىلىرىنى كۆرەلەيسىز. بۇ ئورمانلىق بىلەن قۇم بارخانلىرى كورلىدىن 1.5 سائەتلىك يولدا.

كۆپ ئاھالىلەر يازدا ئىسسىقتىن قېچىپ باغراش كۆلىگە بارىدۇ. بۇ كۆل كورلىدىن پەقەت 57 كىلومېتىر يىراقلىقىدا جايلاشقان.

كورلىنىڭ ئەڭ ئېگىز ئورنى لوڭشان مەيدانى. بۇ يەر بەك قىزىقارلىق؛ بۇ يەردە كۆڭۈل ئېچىش باغچىسى، كۆل، چىغىر يول ۋە ھايۋاناتلار باغچىسى بار. شۇ ياردىن كورلىنىڭ  چىرايلىق مەنزىرىلىرىنى كۆرەلەيسىز.

كورلىنىڭ يەنە "تۆمۈر دەرۋازا" دېگەن ساياھەت ئورنى بار. ئۇ شەھەر سىرتىدىكى تاغدا جايلاشقان. بۇ جايدا ياخشى ئارام ئالالايسىز ۋە كورلىنىڭ داڭلىق كاۋاپلىرى بىلەن بىرگە باشقا تائاملارغىمۇ ئېغىز تېگەلەيسىز. زىيارەتچىلەر بۇ يەردە ھەم تاغقا چىقالايدۇ، ھەم دەريادا سۇ ئۈزەلەيدۇ.

مائارىپ

تەھرىرلەش

تەنھەرىكەت يىغىنى

تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلاش

تەھرىرلەش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. http://www.xjkel.gov.cn/zjkel/kelgl/29568.htm
  2. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.