يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

يېڭى يۇلتۇز شەھىرى (ئۇيغۇرچە باشقىچە ئاتىلىشى: شىنشىڭ شەھىرى؛ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنچە: 新星市) يېڭىدىن قۇرۇلغان بىڭتۈەن شەھىرى. 2021-يىلى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇشىدىكى 11 - شەھەر − يېڭى يۇلتۇز شەھىرى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى.

ھەققىدە تەھرىرلەش

يېڭى يۇلتۇز شەھىرى قومۇلنىڭ تاغنىڭ جەنۇبىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىغا جايلاشقان، ھازىر قارىمىقىدا بىڭتۇەن 13 - دىۋىزىيە قىزىل يۇلتۇز 1 - مەيدانىنىڭ ھەممىسى، قىزىل يۇلتۇز 4 - مەيدانى، ساقا دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ قىسمەن رايونلىرى بار، مەمۇرىي رايونغا ئايرىلغان كۆلىمى 539 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يېڭى يۇلتۇز شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى ساقا دېھقانچىلىق مەيدانىدا. يېڭى يۇلتۇز شەھىرى تەۋەلىك رايونىنىڭ قومۇل ئايرودۇرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئون كىلومېتىر. لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى قاتارلىق قاتناش غول لىنىيەلىرى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، كۆزنەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك. كۆپ يوللۇق، ھەر تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى بارغانسېرى زىچلىشىدۇ.

يېڭى يۇلتۇز شەھىرى مەملىكەت ئىچىدىكى يېڭى رايونلارنى پىلانلاش ئىدىيەسىنى ئۆرنەك قىلىپ، «سەرخىل» «گۈزەل» «باي» «خاس» بولۇشتىن ئىبارەت ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان شەھەر بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان، پىلانلانغان كۆكەرتىش نىسبىتى %43 بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك باغ - ئورمان شەھىرى ئۆلچىمىدىن يۇقىرى.