<

خېجىڭ ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىتىگە قارايدۇ. خېجىڭنىڭ يەر مايدانى 34،976 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 170،000.

تارىخ تەھرىرلەش

 
خېجىڭ ناھىيىسى

خېجىڭ ناھىيىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت (قارا شەھەر) دۆلىتىنىڭ يېرى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە كىنگىت تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 36 - يىلى (1771 - يىلى) قاراشەھەر ئىش باشقۇرغۇچى داچېننىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 01 - يىلى (1884 - يىلى) شىنجاڭدا ئۆلكە قۇرۇلغاندىن كېيىن، قاراشەھەر بىۋاسىتە قاراشلىق نازارەتكە قارىغان. گۇاڭشۈ 24 - يىلى (1898 - يىلى) قاراشەھەر نازارىتى قاراشلىق مەھكىمىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، خېجىڭ ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئايرىپى بېرىلگەن. مىنگونىڭ 28 - يىلى (1939 - يىلى) رەسمىي ناھىيە تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭغا خوتۇنسۇمۇل ناھىيىسى دەپ نام بېرىلگەن. 1965 - يىلى خېجىڭ ناھىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلىپ، بايىغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدىغان بولغان.

جۇغراپىيە تەھرىرلەش

خېجىڭ ناھىيىسى تەڭرىتاغنىڭ قىسمىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، قاراشەھەر ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي خوشۇت ناھىيىسى، توخسۇن ناھىيىسى بىلەن، غەربىي تەرىپى كۈنەس ناھىيىسى، تېكەس ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى يەنجى ناھىيىسى، باي ناھىيىسى، كورلا شەھىرى بىلەن، شىمالىي تەرىپى ئۈرۈمچى شەھىرى، قۇتۇبىي ناھىيىسى، ساۋەن ناھىيىسى، شىخۇ ناھىيىسى ۋە نىلقا ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 435 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان كەڭلىكى 150 كىلومېتىر. ئومۇمىي كۆلىمى 36 مىڭ 300 كۋادرات كىلومېتىر. بۇ ناھىيىگە 1 رايون. 2 بازار، 52 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ئۇنىڭ تەۋەسىدە ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2 - شىسىنىڭ بىر قىسىم تۇەن - مەيدانلىرى بار. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 456 كىلومېتىر. 9951 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇسى 170 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇڭغۇللار 16.76% نى، ئۇيغۇرلار 22.06% نى، خەنزۇلار 56.59% نى، باشقا مىللەتلەر 4.59% نى تەشكىل قىلىدۇ. يېرى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا قاراپ يانتۇ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە تاغلىق 92.6% نى، تۈزلەڭلىك 7.4% نى تەشكىل قىلىدۇ. قاراشەھەر دەرياسى، ئالار دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 5 مىليارد 670 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلاردىكى يەر ئاستى سۈيىدىن پايدىلىنىش مىقدارى 518 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋاناتلاردىن يىلپىز، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، ئاق بوغۇز بۆكەن بۇغا، سۈر تورنا، قارا تۇرنا، گاز قانات تۇرنا، بۆكەن، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈكلەردىن قارلەيلىسى، چۈچۈكبۇيا، چاكاندا، شامشاد، گىنىتىئانا، ئالقات، جىگدە قاتارلىقلار بار. قېزىلما بايلىقلىرىدىن تۆمۈر، مانگان، مىس، سىنك، ۋولفرام، ئالتۇن، كۈمۈش، ماگنېزىت، چىرىمتال، ھاك تاش، مەرمەر تاش قاتارلىقلار بار. خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېردىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرغاق ئىقلىمىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 8.7℃، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 37.2℃ قا چىقىدۇ. ئەڭ تۆۋەن بولغاندا - 30.0℃ قا چۈشىدۇ. يىلدا ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن 49.0 كۈن 30℃ دىن يۇقىرى ئىسسىق بولىدۇ. قۇياشنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 3036 سائەت. 10℃ نىڭ يىغىلما تېمپېراتۇرىسى 3590.4℃. قىروسىز مەزگىل 196 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 50.6 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2302.5 مىللىمېتىر. ناھىيە يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق ناھىيىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر 16 مىڭ گېكتار ( 240 مىڭ مو) تېرىلغۇ يەر. 13 مىڭ 100 گېكتار (196 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا بولىدىغان قاقاس يەر. 50 مىڭ 300 گېكتار (755 مىڭ مو) ئورمانلىق، 2 مىليون 333 مىڭ 300 گېكتار (35 مىليون مو) ئوتلاق بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، قىزىلچا، تاۋۇز ئۇرۇقى قاتارلىقلار بارت. چارۋىلاردىن قوي، ئات، كالا، قوتاز، تۆگە، چوشقا قاتارلىقلار بار. ھەسەل ھەرىسى بېقىش كەسپىمۇ مەلۇم كۆلەمگە ئىگە. سانائەت جەھەتتە سېمونت، ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كەسىپلەر بار. خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا. جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولى ناھىيە تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ. تاشيوللار ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ كەتكەن. 2864 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى.

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

  • خېجىڭ بازىرى (和静镇)
  • بارۇن خارمودۇن بازىرى (巴润哈尔莫墩镇)
  • بالغۇنتاي بازىرى (巴伦台镇)
  • بايىنبۇلاق بازىرى (巴音布鲁克镇)
  • خارمودۇن بازىرى (哈尔莫墩镇)
  • شەلمىربوخ بازىرى (协比乃尔布呼镇)
  • كۆڭگۆسىنغول بازىرى (巩乃斯镇)
  • نەمىنمودۇن بازىرى (乃门莫墩镇)
  • ئالغۇ يېزىسى (阿拉沟乡)
  • بايانغول يېزىسى (巴音郭楞乡)
  • كىرئۇت يېزىسى (克尔古提乡)
  • گۈلجېت ئۇل يېزىسى (额勒再特乌鲁乡)
  • 21-تۇەن مەيدانى (兵团二十一团)
  • 22-تۇەن مەيدانى (兵团二十二团)
  • 23-تۇەن مەيدانى (兵团二十三团)
  • 223-تۇەن مەيدانى (兵团二二三团)
  • ئۇلاستاي دېھقانچىلىق مەيدانى (乌拉斯台农场)

ئىقتىساد تەھرىرلەش

ئاساسىي قۇرۇلۇش تەھرىرلەش

شىمالىي تاغ كۆكەرتىش مەنزىرىلىك باغچە رايۇنى ، ئېكىلوگىيى باغچىسى ، تىيەنفۇ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايۇنى، ئۇلانباي ئۆستىڭى، كۆنەس ئورمىنى قاتارلىقلار بار.

نۇپوس ئىستاتىستىكا تەھرىرلەش

خېجىڭ ناھىيىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ نىسبىتى
مىللەت پىرسەنت
خەنزۇلار
49.1%
ئۇيغۇرلار
28.4%
موڭغۇللار
16.8%
خۇيزۇلار
3.8%
قازاقلار
0.6%
باشقا مىللەتلار
0.3%
نوپۇس ستاتىستىكىسىنىڭ مەنبەسى : [1]

تەربىيە تەھرىرلەش

ساياھەتچىلىك تەھرىرلەش

مەدەنىي يادىكارلىق ئىزلىرىدىن چابغا قەدىمىي قەبرىستانلىقى، ئالغۇي قەدىمكى شەھىرى، خارموردون كونا شەھىرى، بالفۇنتاي بۇتخانىسى، خېجىڭ بەگلىكى قاتارلىقلار بار. مەشھۇر مەنزىرىلىك جايلاردىن كۈنەس ئورمانچىلىق مەيدانى، بايىنبۇلاق بايلىقى، ئاققۇ كۆلى، ئارشاڭ، ئارشاڭ شارقىراتمىسى ۋە كۆك ئۇسان چوقچايما تاشلىرى قاتارلىقلار بار.

مائارىپ تەھرىرلەش

تەنھەرىكەت يىغىنى تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى


  1. 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.