بۇرچىن ناھىيىسى
بۇرچىن ناھىيىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر ناھىيە بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن ئالتاي ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. بۇرچىننىڭ يەر مايدانى 10،362 كۇۋادىرات كىلومەتەر بولۇپ 2002-يىلدىكى سىتاتىسكىگا ئاساسلاڭاندا، ئۇنىڭ نۇپۇسى 70،000.
تارىخ
تەھرىرلەشبۇرچىن ناھىيىسى بۇرچىن دەرياسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە قۇبدۇ مەسلىھەتچى ئامبىلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. مىنگونىڭ 3 - يىلى (1914 - يىلى) سارسۇمبە ناھىيىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، بۇرچىن دەرياسى باشقۇرۇش ئىدارىسى قىلىنغان. مىنگونىڭ 8 - يىلى (1919 - يىلى) ناھىيە قىلىپ تەسىس قىلىنغان ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاشەن دوتەي مەھكىمىسى، 6 - مەمۇرىي رايون، ئاشەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارىغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئالتاي ۋالىي مەھكىمىسىگە ۋە ئالتاي ۋىلايىتىگە قارىغان.
جۇغراپىيە
تەھرىرلەشبۇرچىن ناھىيىسى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، ئېرىتىش دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى ئالتاي شەھىرى بىلەن، غەربىي تەرىپى قابا ناھىيىسى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى جىمىنەي ناھىيىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شىمالىي تەرىپى روسىيە، قازاقىستان، موڭغولىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ (چېگرا لىنىيىسى 981 كىلومېتىر). جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 200 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 49 - 82 كىلومېتىر. ئومۇمىي يەر مەيدانى 10 مىڭ 440 كۋادرات كىلومېتىر. بۇرجىن ناھىيىسىگە 1 بازار، 6 يېزا، 56 كەنت ئاھالە كومىتېتى قارايدۇ. ناھىيە بازىرىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 620 كىلومېتىر. 1995 - يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 62 مىڭ 500، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 56.84% نى، خەنزۇلار 31.26% نى، باشقا مىللەتلەر 11.90% نى تەشكىل قىلىدۇ. يەر تۈزۈلۈشى پەلەمپەيسىمان بولۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا قىيپاش، شىمالىي قىسمى ئېگىز، ئوتتۇرىسى تاغلىق رايون، ئوتتۇرا قىسمى پەس تاغلىق، ئېدىرلىق جىلغا يەر، جەنۇبىي قىسمى يېرىم قاقاسلىق پەس تاغلىق رايون. بۇنىڭ ئىچىدە تاغ يېرى 75.6% نى، تۈزلەڭلىك 23.3% نى، قۇملۇق 1.1% نى تەشكىل قىلىدۇ. قاناس، توقمۇت، ئاقكۆل قاتارلىق كۆللىرى ۋە ئېرتىش دەرياسى، بۇرجىن دەرياسى قاتارلىق دەرياسى بار. يەر ئۈستى سۇ بايلىقى مىقدارى 3 مىليارد 47 مىليون كۇب مېتىر، تۈزلەڭلىك رايونلارنى تەمىنلەيدىغان يەر ئاستى سۈيى مىقدارى 330 مىليون كۇب مېتىر. ياۋايى ھايۋان بايلىقىدىن يىلپىز، سۈلەيسۈن، سۆسۈن بۇلغۇن، قوڭۇر ئېيىق، سۈر بۇغا، قانداغاي، ئۇلار، ئاققۇ قاتارلىقلار بار. ياۋايى ئۆسۈملۈك بايلىقى بىر قەدەر مول. شىنجاڭ قىزىل قارغىيى، ئاق قارىغاي، بال قارىغاي، تاغ تېرىكى، ئاق قېيىن، سىبىرىيە چىتەنى، چاتقال سۆگىتى قاتارلىق 30 نەچچە خىل دەرەخ بار، قۇرۇقئوت، قىزىل مىھرىگىيا، چاكاندا، قانتېپەر قاتارلىق 300 نەچچە خىل قىممەتلىك دورا ئۆسۈملۈك بار. بايقالغان قېزىلما بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، ئاليومىن، سىنىك، مىس، چرىمتال،تالىك، ھاك تېشى، گاۋلىڭ توپىسى، تازىلانغان شور قاتارلىقلار بار. بۇرچىن ناھىيىسى مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 4.0℃، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 38.0℃، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى - 41.2℃ . كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2970.3 سائەت، 10℃ يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 2837.6℃، قىروسىز مەزگىلى 128 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل - يېغىن مىقدارى 118.6 مىللىمېتىر، سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1743.2 مىللىمېتىر. بۇرچىن ناھىيىسى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىپ، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرۈگەن ناھىيە. ھازىر 17 مىڭ 900 گېكتار (268 مىڭ 500 مو) تېرىلغۇ يەر، 233 مىڭ 300 گېكتار (3 مىليون 350 مىڭ مو) ئورمانلىق، 818 مىڭ گېكتار (12 مىڭ مو) دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يېرى بار. چارۋىچىلىقتا قوينى ئاساس قىلىدۇ، يۇڭ كۆپ چىقىدۇ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، پۇرچاق، ياغلىقدان، ئارپا، قىزىلچا، قوغۇن - تاۋۇز، مېۋە - چېۋە، سەي كۆكتات قاتارلىقلار بار. سانائىتىدىن يۇڭ توقۇمىچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئېچىتىپ ياساش، ئېلېكتر قۇۋۋىتى قاتارلىقلار بار. ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلىدۇرۇش ئىستىقبالى ناھايىتى ياخشى. بۇرچىن ناھىيىسىنىڭ ئاساس مۇئەسسەسەلىرى تەدرىجىي ياخشىلانماقتا. دۆلەت تاشيولى 217 - لىنيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، شەھەر، يېزا تاشيوللىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. 2000 پروگراممىلىق تېلېفون ئورنىتىلىپ مەملىكەت تېلېفون تورى بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى، ئاسىيا - ياۋروپا ئوپتىكىلىق خەۋەرلىشىش لىنىيىسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ.
مەمۇرىي رايون
تەھرىرلەشئىقتىساد
تەھرىرلەشئاساسىي قۇرۇلۇش
تەھرىرلەشنۇپوس ئىستاتىستىكا
تەھرىرلەشتەربىيە
تەھرىرلەشساياھەتچىلىك
تەھرىرلەشبۇرچىن ناھىيىسىنىڭ داڭلىق مەنزىرىلىك جايلىرىدىن قاناس تەبىئىي مەنزىرە مۇھاپىزەت رايونى بار. بۇ مۇھاپىزەت رايونىغا ئالتاينىڭ جانلىقلار بايلىقى مۇجەمسسەملەشكەن. بۇ يەردە قەدىمكى يەر قىياپىتى ئېنىق، مۇكەممەل ساقلانغان. كۆل ئەتراپى گۈزەل ھەم ھاۋالىق، مەنزىرىسى كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ. ئۇ ئىلىم پەن بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان ۋە ساياھەت قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك جاي.
مائارىپ
تەھرىرلەشتەنھەرىكەت يىغىنى
تەھرىرلەشسىرتقى ئۇلاش
تەھرىرلەش
- ↑ 3-7 各地、州、市、县(市)分民族人口数 [3-7 Population by Nationality by Prefecture, State, City and County (City)]. tjj.xinjiang.gov.cn (in خەنزۇچە). Statistical Bureau of Xinjiang Uyghur Autonomous Region. 2020-06-10. Archived from the original on 2020-11-01. Retrieved 2021-06-11.