خوتەن شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى بىر شەھىر بۇلۇپ مەمۇرى جەھەتتىن خوتەن ۋىلايىتىتىگە قارايدۇ. خوتەن تارىختا ئۇدۇن ۋە ئىلچى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، ھازىرقى خوتەن شەھىرى قەدىمدىن تارتىپ بۇ رايوننىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ كەلگەن.

خوتەن شەھىرى

和田市.Hotan City

خوتەن شەھىرىنىڭ(قىزىل) خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى شەھەر
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر

خەنزۇ

تىللار ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە
بازارلىق سانى 2 دانە
يېزا سانى 6 دانە
كوچا ئىش باشقارمىسى سانى 4 دانە
نوپۇس 180 مىڭ
تور بېكەت خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

ئومۇمى ئەھۋالى تەھرىرلەش

خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەر مەركىزىدىن يۇرۇڭقاش دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىق نەچچە كىلومىتېرلا كىلىدۇ. شەرقى تەرىپى لوپ ناھىيىسى بىلەن يۇرۇڭقاش دەرياسى ئارقىلىقلا ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربى تەرىپى خوتەن ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ، قاراقاش ناھىيە بازىرى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئارىلىقى 20كىلومىتېر كېلىدۇ. شەھەر رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان تاشيول مۇساپىسى 1500 كىلومېتىر، قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 500كىلومىتېر ئەتراپىدا كېلىدۇ.

ھۆججەت:Xoten.jpg

تارىخى تەھرىرلەش

خوتەن شەھىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇن دۆلىتىنىڭ يېرى بولغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ۋەيسا تۇتۇق مەھكىمىسىگە قارىغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە نامى خوتەن < > دەپ ئاتالغان. مىنگو 2 - يىلى خوتەن ناھىيىسى تەسىس قىلىنغان. 1959 - يىلىغا كەلگەندە خەنزۇچىدىكى < > خېتىگە ئۆزگەرتىلگەن. 1984 - يىلى خوتەن ناھىيىسىنىڭ بىر قىسمى ئايرىلىپ چىقىلىپ خوتەن شەھىرى تەسىس قىلىنغان ھەم خوتەن ۋىلايىتىگە قارىغان

جۇغراپىيە تەھرىرلەش

خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىدىن ھاسىل بولغان تىنما تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان. شىمالىي تەرىپى لوپ ناھىيىسى بىلەن دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، غەربىي تەرىپى خوتەن ناھىيىسىگە تۇتىشىدۇ. جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 27 كىلومېتىر، شەرقىتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 11.5 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 189 كۋادرات كىلومېتىر.

 
خوتەن_شەھىرى (1971)

مەمۇرىي رايون تەھرىرلەش

خوتەن شەھىرى قارمىقىدا جەمئى 2 بازارلىق 6 يېزا، 4 مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى، 28 ئاھالە كومىتېتى، 58 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. ئىككى بازارلىق بولسا:

ئالتە يېزا بولسا:

تۆت دانە مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى بولسا نارباغ كوچا باشقارمىسى، گۈلباغ كوچا باشقارمىسى، نۇرباغ كوچا باشقارمىسى، گۇجانباغ كوچا باشقارمىسى.

ئىقتىساد تەھرىرلەش

ئۇزۇندىن بېرى خوتەن شەھىرىنىڭ ئىقتىسادى مۇقىم تۈردە تېز تەرەققى قىلىپ كەلدى. خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىپ، كىشى-بېشىغا كەلگەن ئوتتۇرىچە كىرىم ئۈزلۈكسىز مۇقىم ئاشتى. 2010-يىلى پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى 2مىليارد500مىليون بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14ئاشقان. يەرلىك مالىيە كىرىمى 250مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41ئاشقان، كىشى-بېشىغا كەلگەن ئوتتۇرىچە كىرىم 3800يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14ئاشقان.

نوپۇس ئەھۋالى تەھرىرلەش

خوتەن شەھىرىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى380مىڭ(2010-يىلىدىكى 6-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى) بولۇپ، ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق 13مىللەت ياشايدۇ.

ساياھەتچىلىك تەھرىرلەش

 

بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خوتەننىڭ ساياھەتچىلىكى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ماس قەدەمدە تېز ھەم مۇقىم تەرەققى قىلدى. خوتەن ئۆزىنىڭ <ئېچىۋېتىلگەن خوتەن، گۈزەل قاشتېشى ماكانى سىزنى قارشى ئالىدۇ> دېگەن شۇئارى بىلەن ساياھەتچى دوستلارنىڭ خوتەندىكى ساياھەت قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئۇندىن باشقا خوتەن شەھىرىدە خوتەن چۇقۇ بازار چوڭ مەسچىتى، ئات بازىرى رايونى، كوئىنلۇن باغچىسى، قاشتېشى مەدەنىيەت سېبىلى، قىزىل يۇلتۇز سودا شەھەرچىسىدىكى قۇملۇق كۆزىتىش مۇنارى قاتارلىق ساياھەت نۇقتىلىرى بار بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ.

مائارىپ تەھرىرلەش

خوتەن شەھىرىدە نۇرغۇنلىغان ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەپ چىقىۋاتقان مەكتەپلەر بار، بۇلارنىڭ ئىچىدا كىشىلەر تەرىپىدىن دائىم تىلغا ئېلىنىدىغان ئىككى مەكتەپ بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى ۋە خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى. ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان كەسپىي مەكتەپلەر بار بولۇپ، ئۇلار خوتەننىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ تېگىشلىك تۆھپىلىرىنى قوشماقتا. 1) شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالىي تېخنىكومى: بۇ مەكتەپ خوتەن شەھىرى غەربى بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان بولۇپ، 1989-يىلى قورۇلغان. مەكتەپ ئۇيغۇر تىبابىتى تەتقىقاتىدا نۇرغۇنلىغان كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۇيغۇر تىبابىتى ساھاسىدە بىر ئابىدە بولۇپ قالغۇسى. مەكتەپنىڭ بارلىق دەرسلىرى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئالاقىدار ئېچىلغان دەرس جەمئى20دىن ئارتۇق. ئابدۇقادىر مۇئەللىم باش بولۇپ تۈزۈلگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر تىبابىتى ئالىي تېخنىكومى ژورنىلى نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا، ئۇيغۇر تىبابىتى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

2) خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى: بۇ مەكتەپمۇ خوتەن شەھىرى غەربى بېيجىڭ يولىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ مەكتەپ 1938-يىلى قۇرۇلغان خوتەن پىداگوگىكا مەكتىپى ئاساسىدا 1978-يىلى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى بولۇپ قۇرۇلغان. مەكتەپ ماتېماتىكا، فىزىكا، بىئولوگىيە، خىمىيە، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى، تارىخ، خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى، كومپيوتېر، گۈزەل-سەنئەت، مۇزىكا، سىياسەت نەزەرىيىسى، مائارىپ نەزەرىيىسى قاتارلىق 17كەسىپنى يولغا قويغان بولۇپ، پۇتۈن مەملىكەن دائىرىسىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. مەكتەپتە ھازىر ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 5000غا يېتىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىدۇ، يەنە ئاز ساندا خەنزۇ، قازاق، قىرغىز ۋە تاجىك قاتارلىق مىللەت ساۋاقداشلىرىمۇ بار.

سىرتقى ئۇلاش تەھرىرلەش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى

(مەركەز: ئۈرۈمچى)

مەمۇرىي رايون ئىسمى شەھەر | ناھىيە | ئاپتونوم ناھىيە
ئۈرۈمچى شەھىرى: تەڭرىتاغ رايونى | سايباغ رايونى | يېڭىشەھەر رايونى | بۇلاقتاغ رايونى | تۇدۇڭخابا رايونى | كۆكتاغ رايونى | داۋانچىڭ رايونى | ئۈرۈمچى ناھىيىسى
قاراماي شەھىرى: قاراماي رايونى | مايتاغ رايونى | جەرەنبۇلاق رايونى | ئورقۇ رايونى
تۇرپان شەھىرى: قاراھوجا رايونى | توقسۇن ناھىيىسى | پىچان ناھىيىسى
قۇمۇل شەھىرى: ئىۋىرغول رايونى | ئارا تۈرۈك ناھىيىسى | باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
خوتەن ۋىلايىتى: خوتەن شەھىرى | خوتەن ناھىيىسى | قاراقاش ناھىيىسى| گۇما ناھىيىسى | لوپ ناھىيىسى | چىرا ناھىيىسى | كېرىيە ناھىيىسى | نىيە ناھىيىسى
قەشقەر ۋىلايىتى: قەشقەر شەھىرى | كونا شەھەر ناھىيىسى | يېڭىشەھەر ناھىيىسى | يېڭىسار ناھىيىسى | يەكەن ناھىيىسى | پوسكام ناھىيىسى | قاغىلىق ناھىيىسى | مەكىت ناھىيىسى | يوپۇرغا ناھىيىسى | پەيزاۋات ناھىيىسى | مارالبېشى ناھىيىسى | تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئاقسۇ شەھىرى | كۇچار شەھىرى | ئونسۇ ناھىيىسى | شايار ناھىيىسى | باي ناھىيىسى | ئاۋات ناھىيىسى | كەلپىن ناھىيىسى | توقسۇ ناھىيىسى | ئۇچتۇرپان ناھىيىسى
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى: ئاتۇش شەھىرى | ئاقتو ناھىيىسى | ئۇلۇغچات ناھىيىسى | ئاقچى ناھىيىسى
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: كورلا شەھىرى | خېجىڭ ناھىيىسى | لوپنۇر ناھىيىسى | خوشۇت ناھىيىسى | چەرچەن ناھىيىسى | باغراش ناھىيىسى | بۈگۈر ناھىيىسى | چاقىلىق ناھىيىسى | يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيىسى
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى: سانجى شەھىرى | فۇكاڭ شەھىرى | گۇچۇڭ ناھىيىسى | ماناس ناھىيىسى | جىمىسار ناھىيىسى | قۇتۇبى ناھىيىسى | مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى: بورتالا شەھىرى | جىڭ ناھىيىسى | ئارىشاڭ ناھىيىسى
ئاپتونوم رايونغا بىۋاستە

قاراشلىق رايونلار:

شىخەنزە شەھىرى | ۋۇجياچۈ شەھىرى | بەيتۈن شەھىرى | قوشئۆگۈز شەھىرى | كۆكدالا شەھىرى

ئارال شەھىرى | تۇمشۇق شەھىرى | باشئەگىم شەھىرى | قۇرۇمقاش شەھىرى | يېڭى يۇلتۇز شەھىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى:
ئوبلاستقا بىۋاستە قاراشلىق رايونلار: غۇلجا شەھىرى | قورغاس شەھىرى | كۈيتۇن شەھىرى | غۇلجا ناھىيىسى | قورغاس ناھىيىسى | نىلقا ناھىيىسى | كۈنەس ناھىيىسى | توققۇزتارا ناھىيىسى | تېكەس ناھىيىسى | موڭغۇلكۈرە ناھىيىسى | چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسى
تارباغاتاي ۋىلايىتى: چۆچەك شەھىرى | شىخۇ شەھىرى | ساۋەن شەھىرى | چاغانتوقاي ناھىيىسى | دۆربىلجىن ناھىيىسى | تولى ناھىيىسى | قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئالتاي ۋىلايىتى: ئالتاي شەھىرى | بۇرچىن ناھىيىسى | قابا ناھىيىسى | جېمىنەي ناھىيىسى | بۇرۇلتوقاي ناھىيىسى | كۆكتوقاي ناھىيىسى | چىڭگىل ناھىيىسى