جىيا يېزىسى خوتەن شەھىرىگە 10 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. بوستانلىق قىسمىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 17 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 30 مىڭ 300 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1.03 مو. قاتنىشى قۇلاي، بايلىقى مول. ئەسلىدە لوپ ناھىيە تەۋەسىدە بولۇپ ۋاكالەت نومۇرى 653224200، 2006-يىلى خوتەن شەھىرىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىگە ئايرىپ بېرىلگەن.

جىيا يېزىسى

吉亚乡.Jiya Town

خوتەننىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
شەھەر خوتەن شەھىرى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 19 دانە
نوپۇس 22 مىڭ
تور بېكەت خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

قاراشلىقىدا تاۋىغاز كەنتى، سۇيا ئۈجمىلىك كەنتى، ئوتۇنچى يولى كەنتى، كۇچا كەنتى، سۇيالەڭگەر كەنتى، باشلەڭگەر كەنتى، قۇمباغ كەنتى، ھېلىماتام كەنتى، جىلغا ئېرىق كەنتى، قوتاز مەھەلە كەنتى، ئاق مەھەللە كەنتى، شاقى مەھەللە كەنتى، ئازنازا كەنتى، تېرەكلىك كەنتى، كىرپە مەھەللە كەنتى، مەدرىس بويى كەنتى، كالتە تۈگمەن كەنتى، باش تۈگمەن كەنتى قاتارلىق 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 82 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

جىيا يېزىسى تىپىك يېزا ئىگىلىك يىزىسى، قىلىنغان كىرىمى ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك ۋە ئائىلە قول ھۈنەرۋەنچىلىكىدىن كەلگەن، يەر ئۈنۈمسىز، قۇمساڭ تۇپراق، ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن ئاساسلىقى بۇغداي، كۆممىقوناق تېرىلىدۇ، ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز مىقداردا ياغلىق دانمۇ تېرىلىدۇ. 20111-يىلى ئىجتىمائىي ئىگىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 7259.39 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1- كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 5040 مىڭ يۈەن، 2-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 1060.14 مىڭ يۈەن، 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 1195.25 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 4002 يۈەنگە يېتىپ، 2011-يىلىدىكىدىن 324 يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %8.8 بولغان. كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىي جۇغلانمىسى 296 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

باشقىلار تەھرىرلەش

يېزا بويىچە بىر پارتكوم ۋە 25 ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى 19، مەكتەپ ياچېيكا 3، دوختۇرخانىسى ياچېيكىسى 1، پېنسىيىگە چىققان كادىرلار پارتىيە ياچېيكىسى 1، ئورگان پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1. پارتىيە ئەزالىرى 489 نەپەر، ئەر پارتىيە ئەزالىرى 417 نەپەر، ئايال پارتىيە ئەزاسى 72 نەپەر، يېزا پارتىيە ئەزالىرى 359 نەپەر، دۆلەت كادىرلىرى پارتىيە ئەزالىرى 130 نەپەر، «ئۈچ پېشقەدەم» 75 نەپەر، پېشقەدەم كادىرلار 25 نەپەر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى 49 نەپەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك پېشقەدەم نەمۇنىچىلار 1 نەپەر، «ئۈچ ياش» 4373 نەپەر، كەنت كادىرلىرى 119 نەپەر، بىرىنچى ۋەزىپىدىكىلەر 38 نەپەر، مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكىلەر 81 نەپەر، ئورگان كادىرلىرى 44 نەپەر، پونكىت كادىرلىرى 41 نەپەر. كەنت ئاھالە كومىتېتى 19، يېڭىدىن سېلىنغان كەنت ئاھالە كومىتېتى 12، «بەشتە ياخشى» كەنت پارتىيە ياچېيكىسى 6، «بەشتە ياخشى» مەكتەپ پارتىيە تەشكىلاتلىرى 3، «ئامما رازىي پونكىت» 4 كە يەتكەن.