شورباغ يېزىسى خوتەن شەھىرى نىڭ غەربىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان، شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 3 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 7 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 5 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 34 مىڭ مو، تەۋەسىدە 4100 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 26 مىڭ ئادەم.

شورباغ يېزىسى

肖尔巴格乡.Shorbagh Town

خوتەننىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
شەھەر خوتەن شەھىرى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 16 دانە
نوپۇس 40 مىڭ
تور بېكەت خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

ئاساسىي ئەھۋالى تەھرىرلەش

شورباغ يېزىسى خوتەن شەھەرلىك بېيجىڭ يولى غەربكە ئۇزارتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرىغا جايلاشقان، 315-دۆلەت يولى بىلەن قوشنا، شەرقىي خوتەن شەھەرلىك 2-ئايلانما يولىغا تايانغان، خوتەن شەھەرلىك 3-يېزىغا تۇتاشقان تاشيول بۇ يېزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق، ئورنى ئىنتايىن ئەۋزەل بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق نۇقتىلىق كىچىك يېزا-بازار قۇرۇلىشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازارلىرىنىڭ بىرى. بۇ يېزىغا قاراشلىق 16 مەمۇرىي كەنت، 89 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 19 مىڭ مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 0.6 مو، ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولغان شەھەر ئەتراپى تىپىدىكى يېزا ئىگىلىك يېزىسى، ئاساسلىق زىرائەتلەردىن بۇغداي، قوناق، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گۆش قۇشلىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارى بار، خوتەن شەھىرىدىكى مۇھىم ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، چارۋا ئىشلەپچىقىرىش يېزا-بازىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازارلىرىنىڭ بىرى.

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

شورباغ يېزىسى تەۋەسىدە خېنى كەنتى، شورباغ كەنتى، قۇمباغ كەنتى، تۆۋەن شورباغ كەنتى، ئاقتاش كەنتى، يېڭىباغ كەنتى، تېرەكئۆستەڭ كەنتى، ئايدىڭكۆل كەنتى، گازۇن كەنتى، ئاقلەڭگەر كەنتى، باش تېرەك كەنتى، چېدىر كەنتى، باش ئاچچۈ كەنتى، ئاياق ئاچچۈ كەنتى، ئارىل كەنتى، رېھىمباغ كەنتى قاتارلىق 16 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

شورباغ يېزىسىدا 1600 پارنىك بار، بۇ يىل يېڭىدىن قۇرۇلغان چوڭ لاپاس 220 گە يېتىپ پۈتۈن يېزىدىكى دېھقانلار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئاكتىپلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا جوڭ چېڭ جېنشەن مۇنداق دېگەن: خوتەن شەھىرىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، بۇ ئېسىلباغۋەنچىلىك تەرەققىياتىدا، چوقۇم ئىلمىي باشقۇرۇش، دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىكتىن قىلغان كىرىمىنى يىلمۇ يىل كۆپەيتىش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر ئەتراپىغا جايلىشىشتەك ئەۋزەللىكى تولۇق پايدىلىنىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، مو بېشى ئۈنۈمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى كىرىمىنى مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇشنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

2012-يىلى يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 9570.75 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1626.26 مىڭ يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبتى %20.20، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4719.9 يۈەنگە يېتىپ، 465.9 يۈەن ئاشقان، ئېشىش نىسبىتى %14.93 بولغان.