گۇجانباغ يېزىسى

گۇجانباغ يېزىسىخوتەن شەھىرى نىڭ جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقان، شەھەر مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5 كىلومېتىر، خوتەن ئايرودۇرۇمى بىلەن بولغان ئارىلىقى 7 كىلومېتىر. مېھمان كۈتۈش يولى، تۇنكېن يولى، 3-يېزا تۇتاشما تاشيولى، جەنۇبىي گۇجان يولى، گازوڭ يولى قاتارلىق ناھىيە بازىرىدىكى يوللار بۇ يېزىدىن ئۆتىدۇ، 5 ئاممىۋى قاتناش لىنىيىسى ياسىلىپ قاتناش باشلانغان. ئومۇمىي كۆلىمى 9600 مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5558 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 0.5 مو، ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇشتەك ئەھۋالى بىر قەدەر گەۋدىلىك، 2999 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 12526 ئادەم.

گۇجانباغ يېزىسى

古江巴格乡.Gujanbagh Town

خوتەننىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
شەھەر خوتەن شەھىرى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 5 دانە
نوپۇس 14 مىڭ
تور بېكەت خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

گۇجانباغ يېزىسىغا قاراشلىق 7 كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى: تامباغ كەنتىدىن، گۈلباغ كەنتى، تامباغ ھويلا كەنتى، تىگىنلا كەنتى، تۆۋەن گۇجان كەنتى، باش گۇجان كەنتى، روك كەنتى ۋە 34 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ يېزا ياخشى جۇغراپىيەلىك ئورۇن ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن كۆكتات تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى خېلى تېز راۋاجلانغان. يېزا بويىچە ھازىر بار بولغان كۆكتات پارنىكى 2550 كە، لاپاس 1000 غا، كۆكتات تۈرى 30 نەچچە خىلغا، كۆكتاتنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 2400 توننىغا، مەھسۇلات قىممىتى 1200 مىڭ يۈەنگە، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرچە كىرىمى 960 يۈەنگە يەتكەن، يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمىنىڭ %40 تىن كۆپرەكىنى ئىگەللىگەن. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ھازىرخوتەن دىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە سېتىشقا بولىدىغان يېڭى كۆكتاتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى بۇ يېزىدىن چىققان.

2001-يىلىدىن باشلاپ، بۇ يېزا ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، خەنزۇ دېھقانلارنى شۇ جايدىكى ئۇيغۇر دېھقانلاررغا باشلامچىلىق قىلغۇزۇپ كۆكتات پارنىكىنى راۋاجلاندۇرغان. بولۇپمۇ ۋىلايەت ئوتتۇرىغا قويغان «ئالتە 300 مىڭ» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، پىشىپ يېتىلگەن تېخنىكا ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىلمىي مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پائال يېتەكلىگەن. تەرەققىيات ئارقىلىق، يېزا بويىچە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى كۆلەملەشتۈرگەن، كۆكتات سورتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ئىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

يېزا-ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى تەرەققىياتىنى، بازاردا سېتىش يولىنىڭ ئاچقۇچى قىلغان. بۇ يېزىدا مەخسۇس كۆكتات جەمئىيىتى قۇرۇلغان، يېزىلىق كۆكتاتچىلىق جەمئىيىتى ۋە يېزىلاردىكى ئارىچى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ بازار ئېچىشىغا ياردەم بېرىش رولىنى جارى قىلدۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر ئەتراپىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، كۆكتات بازىرى ئىزچىل ياخشى بولۇپ، كۆكتات كورلا، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا، ھەتتا شىزاڭنىڭ ئالى رايونلىرىغا سېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ناھايىتى مۇۋاپىق. بازار رىقابىتىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، بۇ يېزىنىڭ چوڭ زىيانسىز يېشىل كۆكتات ماركىسى ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى بېكىتكەن زىيانسىز كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ھېسابلىنىدۇ.

يېزىدا پارنىكتا تېرىغان كۆكتات، زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، دېھقانلارنىڭ مەھەللىۋى ئوغۇتنى كۆپلەپ ئىشلىتىپ، كۈندىلىك باشقۇرۇشنى قوللىنىپ، زىيانسىز بىيولوگىيەلىك زەمبۇرۇغلۇق ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىغان، ئىشلەپچىقىرىلغان كۆتاتلارنىڭ ھەممىسى «شەكسىز كۆكتات» بولىشىغا كاپالەتلىك قىلغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كېيىنكى قەدەمدە يېزا زىيانسىز يېشىل كۆكتات كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەمدە مۇشۇ ئاساستا، زىيانسىز يېشىل كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان.