شايار بازىرى
شايار بازىرى
沙雅镇.Shayar Town | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | بازارلىق |
ۋىلايەت | ئاقسۇ ۋىلايىتى |
شەھەر | شايار ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 12 دانە |
نوپۇس | 52 مىڭ |
يەر مەيدانى | 4,141.5 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 (ئۈرۈمچى ۋاقتى) |
تېلېفون رايون نومۇرى | 997(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新N |
شايار بازىرى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Shayar Baziri)ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭ شايار ناھىيىسى گە جايلاشقان. شايار بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسىگە جايلاشقان. شايار بازىرى شايار ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت مەركىزى. ئۆگەن دەرياسى بوستانلىقى كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، شايار ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي. ھازىرقى خىزمەت بىناسى سېدەباغ غەربىي كوچىسى 3-نومۇر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 4141.5 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2226.76 كۋادرات مېتىر، خىش-بېتون قۇرۇلمىلىق تۆت قەۋەت. بازار ئىچىدە قاتنىشى قۇلايلىق، خەۋەرلىشىش تېز، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە.
مەمۇرىي رايونلار
تەھرىرلەششايار بازىرىغا قاراشلىق 10 مەھەللە ئاھالىلەر كومىتېتى بار: 2 مەمۇرىي كەنت، بىر گوفېڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى، ئومۇمىي كۆلىمى 10.81 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى6820 مو، بۇنىڭ ئىچىدە باغ كۆلىمى 6614.9 مو؛ ئومۇمىي نوپۇس 40مىڭ 600 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 75.5 ئىگىلەيدۇ، يېزا ئاھالىسى 1900 دىن ئارتۇق بۇلۇپ، %5.8 نى ئىگىلەيدۇ.