توغراغاز يېزىسى

توغراغاز يېزىسى شىنجاڭكېرىيە ناھىيىسى بازىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. يېزىنىڭ شىمال تەرىپى شىۋول يېزىسى ۋەسىيەك يېزىسى نىڭ شىمالى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇبتا لەڭگەر يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتەسىيەك يېزىسى، پەيشەنبە بازار بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى شىۋول يېزىسى بىلەن قوشنا. يەر شەكلى خۇددى ئۈچ بۇلۇڭغا ئوخشايدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 132.6 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قىيسايغان. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1453 مېتىر كېلىدۇ.

توغراغاز يېزىسى

托格日尕孜乡.Toghraghaz town

كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە كېرىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 11 دانە
نوپۇس 15 مىڭ
يەر مەيدانى 132.6 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

كىلىماتى تەھرىرلەش

توغراغاز يېزىسىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىللىق ھەم قۇرغاق، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃24.3-، 7- ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.2. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 207 كۈن. ئادەتتە شامال كۈچى 5 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 بالغا يېتىدۇ.