ئارش يېزىسى شىنجاڭ كېرىيە ناھىيىسى گە جايلاشقان، كېرىيە ناھىيەسى بازىرىغا 13 كىلومېتىر كېلىدۇ، شەرقىي تەرىپى ئارال يېزىسى بىلەن قوشنا، غەربىي تەرىپى لەڭگەر يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇبتا ھەيۋەتلىك كۇئىنلۇن تېغى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالىي بىلەن كۆكيار يېزىسى تۇتىشىدۇ، كېرىيە دەرياسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قۇرۇپ قالغان دەرەخلەرنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 32 مىڭ مو، تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ كۆلىمى 10 مىڭ مو، چۆل-جەزىرلەرنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 63.47 مىڭ مو كېلىدۇ. يېزا بويىچە توققۇز كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، يايلىغان كەنتى، يېڭىئېرىق كەنتى، بەشتاش كەنتى، ئارىش كەنتى، شىرىكە كەنتى، ئاۋاپ كەنتى، يەتتە دۆڭ كەنتى، قوشلاش كەنتى، جىگدەكېچىك كەنتى قاتارلىقلا بار.

ئارىش يېزىسى

阿日西乡.Arish town

كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە كېرىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 9 دانە
نوپۇس 8 مىڭ
يەر مەيدانى 451.73 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

بايلىقى تەھرىرلەش

ئارش يېزىسىنىڭ سۇ بايلىقى مول، سۇغىرىش كۆلىمى 32 مىڭ مو؛ ئورمان كۆلىمى 13951 مو؛ چوڭ تىپتىكى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش تايانچ بازىسى بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە يەر بايلىقى ئىنتايىن مول، يەر تۈز، تۇپراق كۆپىنچە قوڭۇر چۆل تۇپراق، تۇپراق بىر قەدەر نېپىز، تۇپراقتىكى ئورگانىك ماددىلارنىڭ تەركىبى بىرقەدەر تۆۋەن، سۇ ۋە ئوغۇت ساقلاش ئىقتىدارى ناچار، لېكىن يەر ۋە ئوغۇت بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ياخشى، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك يىغىندى تېمپېراتۇرا يۇقىرى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ.

ھاۋا قۇرغاق، ئىسىقلىق ئېنېرگىيەسى تۇلۇق، ياڭاق ئۆسىتۈرۈلىدۇ، ياڭاق، ئانارئىشلەپچىقىرىش تەبىئىي ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزگىچە ئېكولوگىيلىك مۇھىت ھازىرلانغان، ياڭاق، ئانار مەھسۇلاتى يۇقىرى، ئانارنىڭ رەڭگى ياخشى، مەيلى تەبىئىي بايلىق ياكى بازار شارائىتى جەھەتتە بولسۇن، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە . ئارش يېزىسىنىڭ يەنە مول ئوت-چۆپ بايلىقى بۇلۇپ، تەخمىنەن 67945 مو تەبىئىي ئوتلىقى بار، تىۋىتلىقئۆچكە بېقىشقا ماس كېلىدۇ، تىۋىت سېتىش ئارقىلىقمۇ ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتالايدۇ.