شەنبە بازار بازىرى

شەنبە بازار بازىرى شىنجاڭكېرىيە ناھىيىسى بازىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، كېرىيە ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 155 كىلومېتىر كېلىدۇ، 3155-دۆلەت يولىنىڭ جەنۇب تەرىپىدە. جاي يېزىسى ۋە كۆكيار يېزىسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى لەڭگەر يېزىسى ۋەئارال يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە توغراغاز يېزىسى بىلەن قوشنا،سىيەك يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 8.2 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 49.33 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قىيسايغان. جەنۇبىي دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1490 مېتىر، شىمالىي قىسمى دېڭىز يۈزىدىن 1416.5 مېتىر ئېگىز، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1453 مېتىر.

شەنبە بازار بازىرى

先拜巴扎镇.Shenbe Bazar town

كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە كېرىيە ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 11 دانە
نوپۇس 20 مىڭ
يەر مەيدانى 49.3 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

ئىقلىمى تەھرىرلەش

ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃24.3-، 7-ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.2. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 210 كۈن. يىل بويى غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ، ئادەتتە شامال كۈچى 5 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 بالغا يېتىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

بازار تەۋەسىدە 29067 مو تېرىلغۇ يەر بار، ئورمانچىلىق كۆلىمى 11419 مو، ئوتلاق كۆلىمى 12893 مو، چۆل-جەزىرە 43539 مو. پۈتۈن بازار يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلىدۇ. مېۋىلىك باغ كۆپ بۇلۇپ، قۇرۇق ئۈزۈم كۆپ چىقىدۇ، ياڭاق، ئۆرۈك، چىلان قاتارلىقلار بار؛ ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، شال،كېۋەز قاتارلىقلار تېرىلىدۇ. ئالاھىدە تېرىقچىلىقىدىن كاۋا بار؛ باقمىچىلىقىدىن پىلە ئۈجمىسى، ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى قاتارلىقلار بار.