زەمىن يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى كونا شەھەر ناھىيەسى قارمىقىدا بۇلۇپ، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 5.88 كىلومېتىر، يەر شەكلى غەربىي تەرىپى ئىگىز، شەرقىي تەرىپى پەس ئومۇمىي كۆلىمى 221.07 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن يېزىدا 19 مەمۇرىي كەنت، 94 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 4606 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 21305 ئادەم؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 10985 نەپەر، ئايال 10320 نەپەر، 6083 نەپەر ئەمگەك كۈچى بولۇپ، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 98 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 46 مىڭ مو، ئېچىلغان بوز يەر كۆلىمى 12 مىڭ مو. 2002-يىلى يېزا بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ساپ كىرىمى 1125 يۈەن.

زەمىن يېزىسى

站敏乡. Zemin town

كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت قەشقەر ۋىلايىتى
ناھىيە كونا شەھەر ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 19 دانە
نوپۇس 22.5 مىڭ
يەر مەيدانى 221.1 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 998(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新Q

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

ئىقتىسادى تەھرىرلەش

1953-يىلى توققۇزاق رايونى، زەمىن رايونى تەسىس قىلىنغان. 1958-يىلى خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلۇپ، 1984-يىلى يېزا قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. زەمىن يېزىسى گەز دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىغاجايلاشقان. مول سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئاساسلىقى ئاشلىق، كېۋەز، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك ئاساس قىلىنغان كۆپ خىل تىجارەت شەكلى يېزا ئىگىلىك چوڭ يېزىسى. يېزىلىق پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ھازىرقى شەرت شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پاختا، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىقنى يۈكسەلدۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك، ئۆزگىچە باقمىچىلىق ۋە ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق كەسىپنى بىرلەشتۈرۈپ كوللېكتىپ ئىگىلىك تىكلىشى يۇقىرى.

باشقىلار تەھرىرلەش

زەمىن يېزىسى چارۋىچىلىقتا قارا، ئاق كالاۋە مەكىت قويى كىرگۈزۈپ ھەمدە سورتىنى ياخشىلاپ زور كۈچ بىلەن باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى ۋە كەسپىي ئائىلىلەر يار-يۆلەك بولۇش، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق «كەپتەر، توخۇ» ئۆزگىچە باقمىچىلىق جەھەتتىكى گەۋدىلىك بولغان.

تاشقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش