بۇرھان شەھىدى (1894- يىل 3- ئوغۇز1989- يىل 27- تومۇز؛ لاتىن: Burhan Shehidi، خەنزۇچە: 包尔汉·沙希迪)، ئۇيغۇر سىياسىئون، ئىنقىلابچى، كوممۇنىست. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇڭگو توپرىقىغا رەسمىي قوشۇلىشىدا ھەسسىسى چوڭ بولغان.

بالاللىقى تەھرىرلەش

بۇگۈنكى رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازان ۋىلايىتى تېتيوش ناھىيىسىدە، ئەسلى ئۇيغۇر بولغان، ئاقسۇنىڭ ئونسۇدىن كەلگەن كۆچمەن ئائىلىدە توغۇلغان. 1912- يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ غولىشىدىن سوڭرە ئائىلىسى بىلەن بىرگە ۋەتەنگە قايتقان. سىياسىي ئىقتىساد ئىلىمىدە ئوقۇغان. 1935-يىلى شىنجاڭ خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 1938-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە شىنجاڭدىكى مىلىتارىست شېڭ شىسەي تەرىپىدىن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1945-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە ئالدى كەينى بولۇپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى) ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيسى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغان. 1949-يىلى، ئۇ گېنېرال تاۋ سىيۆ بىلەن بىللە تېلېگرامما يوللاپ، تىنچ يول بىلەن ھەقىقەتكە قايتقان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1953-يىلدىن كېيىن جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 2-، 3-، 5-، 6-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى، پەخرىي باشلىقى ،1-، 2- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ھەمدە جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئەرەب بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو خەلق دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئاسىيا - ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئافرىقا خەلقى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو - ئافرىقا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان.  ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ياۋروپادىكى ئون نەچچە دۆلەتنى زىيارەت قىلغان ھەمدە جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىش ئۆمىكىنى مەككىگە ھەج  قىلىشقا ئاپارغان.

خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىغا كۆپ قېتىم قاتناشقان، جۇڭگو خەلقى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەل خەلقى بىلەن، بولۇپمۇ ئەرەب، ئىسلام دۆلەتلىرى خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان.

1989- يىلى 27- ئاۋغۇست كۈنى 95 ياشىدا بېيجىڭدا قايتىش بولغان.

مەنبە تەھرىرلەش

http://wiki.izda.com/?a=show&id=9327