شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى

سابىق دۆلەت (1944 - 1949)
''شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
Flag of the Second East Turkestan Republic.svg
[1]
كۆكبايراق
ئومۇمىي ئەھۋال
پايتەخت غۇلجا
رەسمىي تىللار ئۇيغۇرچە
دىن ئىسلام
پرېزىدېنت ئېلىخان تۆرە
ئەخمەتجان قاسىمى
تارىخى قۇرۇلۇش: 1943-يىلى 12-نويابىر
يىمىرلىش: 1949-يىلى 20-دىكابىر

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Sherqiy Türkistan Jumhuriyiti)بولسا 1944-يىلى غۇلجادا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنى كۆرسىتىدۇ. 1933 - يىلى 12 - ئاپرىل سىياسى ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، شىنجاڭدا ھاكىمىيەتنىڭ قولغان ئالغان شېڭ شىسەينىڭ 11 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىپ، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىنگو(خەنزۇچە:中华民国،中華民國)نىڭ رەسمى باشقۇرۇشىغا ئۆتۈشى بىلەن، شىنجاڭدا شېڭ شىسەينىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن مىللىي زىددىيەتلىرى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. خەلق ئىچىدە، ھۆكۈمەتنىڭ ئادىل بولمىغان سىياسەتلىرىگە قارشى نارازىلىقنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر ئارىسىدا ئىنقىلاپ تۇيغۇلىرى ئوت ئېلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ، شۇ مەزگىللەردە سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىنقىلاپ ئىستىكىنىڭ تۈرتكىسىدە، خەلق ئارىسىدا ئىنقىلاپ پىكىر - ئىدىيىلىرىنىڭ تارقتىشقا باشلىدى. ۋە نىھايەت 1944 - يىلىغا كەلگەندە، بۇ ئىنقىلاپ پارتىلىدى. غۇلجا شەھرىدىكى داڭلىق ئۇرۇشلاردىن، ھەرەمباغ ئۇرۇشى، ئايردروم ئۇرۇشى ۋە لەڭشاڭ ئۇرۇشى نىڭ غەلبىسى بىلەن غۇلجا شەھرىنىڭ تولۇق ئازاد قىلىنىشى نەتىجىسدە، 1944-يىلى 12 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەسمى قۇرۇلدى. ئېلىخان تۆرە جۇمھۇرىيەتنىڭ رەئىسجۇمھۇر(پرىزدېنت)لىقىغا كۆرسىتىلدى.

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ يۈرگۈزۈلگەن ئۈچ ۋىلايىتى: ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايىتى

نىلقىدا پارتىلىغان ئىنقىلاپ ۋە ئارقا كۆرۈنىشىتەھرىر

ھۆججەت:Gheni-batur.jpg
غېنى باتۇر

1944 - يىلى 9 - ئاپرىل، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا، غۇلجا ناھىيە بازىرى (ھازىرقى غۇلجا شەھىرى)دە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى يەر ئاستى تەشكىلات - <<غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى>> قۇرۇلدى. ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى. تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك تەركىبى مۇرەككەپ بولۇپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ،قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىق تەرەققىپەرۋەر زىيالىلارنىڭ سىرتىدا،ئېلىخان تۆرە،مۇھەممەتجان مەخسۇم قاتارلىق يۇقىرى قاتلام دىنىي زاتلار ۋە رەھىمجان سابىر ھاجى، سالىجانباي باباجان قاتارلىق سودىگەر ۋە چارۋىدار، پومشىچىكلەرمۇ بار ئىدى.

1944 - يىلى 14 - ئاۋغۇست، پاتىخ مۇسىلىموپ، ئەكبەر، سېيىت، غېنى (غېنى باتۇر) قاتارلىقلار نىلقا ناھىيىسىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىق رايونىدا پارتىزانلار ئەترىتى قۇردى. 17 - ئاۋغۇست، بۇ ئەترەت ئەزالىرى روزا ھېيت نامىزى ئۆتەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ مەسچىتتە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش توغرۇلۇق مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا، كۈتۈلمىگەن يەردىن بىر گومىنداڭنىڭ نىلقا ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە بۇ ئىشنى مەلۇم قىلىپ قويدى. ساقچى ئىدارىسى شۇ ھامان بۇلارنى تۇتۇشقا ئادەم ئەۋەتتى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پارتىزانلار، ئۇلاستايدا يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ زەربە بېرىپ، ساقچىلارنى يوقىتىپلا قالماي بىرمۇنچە قورال - ياراق غەنىمەت ئالدى. بۇ مەشھۇرنىلقا قوزغىلىڭىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى.

5 - ئۆكتەبىردە ئۇلاستاي پارتىزانلىرى ئەكبەر، خەمىت مۇسىلىموپ قاتارلىقلارنى 500نەچچە كىشىلىك قوراللىق كۈچ بىلەن نىلقا ناھىيسىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى. پارتىزانلار بىر كىچە-كۈندۈز جەڭ قىلىش ئارقىلىق، 7 - ئۆكتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پۈتۈن ناھىيە بازىرىنى ئىشغال قىلدى.

ئىنقىلاپ ئوتىنىڭ غۇلجىغا تۇتىشىشى ۋە غۇلجىدا جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلىشىتەھرىر

ھۆججەت:Ilixan Töre.jpg
جۇمھۇرىيەت رەئىس جۇمھۇرى - ئېلىخان تۆرە


ئۈچ ۋىلايەتنىڭ پۈتۈنلەي ئازاد قىلىنىشىتەھرىر

ماناس دەرياسىدىن قايتىشتەھرىر

ئۈرۈمچىدە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلىشىتەھرىر

ھۆججەت:ExmetjanQasimi.jpg
بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇمھۇرىيەت باش مىنىستېرى - ئەخمەتجان قاسىمى

بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ پارچىلىنىشى ۋە ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ غۇلجىغا قايتىشىتەھرىر

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىشىتەھرىر

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى دۆلەت قۇرۇلمىسىتەھرىر

مىللى ئارمىيەتەھرىر

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى مەدەنىيەت - سەنئەت ۋە تەنتەربىيەتەھرىر

دۆلەتكە قاراشلىق مەتبۇئاتلارتەھرىر

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدىكى قوللىنىلغان پۇللارتەھرىر

پايدىلانغان مەنبەلەرتەھرىر

شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى - شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،1996 - يىل ئاۋغۇست

باشقىلارتەھرىر

قارالسۇنتەھرىر

جۇمھۇرىيەتلەر:

مەنبەلەرتەھرىر

  1. تەڭرىتاغ بۈركۈتى. سەيپىدىن ئەزىرى.

سىرتقى ئۇلانمىلارتەھرىر

سىرتقى ئۇلانمىلارتەھرىر

شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر
قۇرۇلغان ۋاقىت مەۋجۇت بولغان دۆلەتلەر
مىلادتىن بۇرۇن: شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك قەبىلىلەر
م. 0-499: خوتەن پادىشاھلىقى
م. 500-999: كۆكتۈرك خاقانلىقى | شەرقىي كۆكتۈرك خاقانلىقى|ئىككىنجى شەرقىي كۆكتۈرك خاقانلىقى| غەربىي كۆكتۈرك خاقانلىقى| ئۇيغۇر خاقانلىقى| قاراخانىيلار خانلىقى| كەڭسۇ ئۇيغۇر پادىشاھلىقى| ئىدىقۇت ئۇيغۇر پادىشاھلىقى
م. 1000-1499: چاغاتاي خانلىقى |موغۇلىستان |تۇرپان خانلىقى
م. 1500-1999: سەئىدىيە خانلىقى|جۇڭغار خانلىقى |قۇمۇل خانلىقى |يەتتەشەھەر خانلىقى |شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى |شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى