ئىستىقلال مارشى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Istiqlal Marshi) بولسا 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەر شەھىرى دە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشى دەپ قوبۇل قىلىنغان.

ئىستىقلال مارشى

独立进行曲.Independence March

شەرقىي تۈركىستان دۆلەت بايرىقى(1933-يىل)
ئومۇمىي ئەھۋال
سۆزى مەمتىلى ئەپەندى، 1933-يىلى
قوبۇل قىلىنغان 1933-يىلى 12-نويابىر

تارىخى تەھرىرلەش

1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەر شەھىرى دە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشى دەپ قوبۇل قىلىنغان.

سۆزى تەھرىرلەش

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى تەتقىقاتچىلار 2018-يىلى 12-نويابىر تۆۋەندىكى ئىستىقلال مارشىنىڭ نۇسخىسىنى قوللىنىش ھەققىدە قارار ئالغان. [1]

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى
قۇرتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز
سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتۇمىز، بولسۇن فىدا بۇ جانىمىز
قان كەچىپ ھەم جان بەرىپ، ئاخىر قۇرتۇلدۇردۇق سەنى
قۇرتقۇزۇشقا قەلبىمىزدە بار ئىدى ئىمانىمىز


يۇرتۇمىز بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلەدۇق
ئەمدى ھىچ كىرلەتمەگەيمىز، چۈنكى تۈركتۇر نامىمىز
يارۇ ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممەتىمىز سەن ئۈچۈن
دۇنيانى سوراغان ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز


ئاتالارنىڭ جەڭلىرى ئۆچمەيدۇ تارىخ بەتىدىن
نەسلى قالدى جەڭگاۋەر، بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز
چىقتى جان ھەم ئاقتى قان، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان
ياشىسۇن ھىچ ئۆلمىسۇن گۈزەل ئىستىقبالىمىز
ياشىسۇن، مىڭ ياشىسۇن، پارلانسۇن ئىستىقبالىمىز
Qurtulush yolida sudek aqti bizning qanimiz
Sen üchün ey yurtumiz, bolsun fida bu janimiz
Qan kechip hem jan berip, axir qurtuldurduq seni
Qurtquzushqa qelbimizde bar idi imanimiz


Yurtumuz biz yüz közüngni qan bilen pakizleduq
Emdi hich kirletmegeymiz, chünki Türktur namimiz
Yaru hemdem boldi bizning himmetimiz sen üchün
Dunyani soraghan idi himmet bilen ejdadimiz


Atalarning jengleri öchmeydu tarix betidin
Nesli qaldi jenggawer, biz uning ewladi biz
Chiqti jan hem aqti qan, boldi yawdin el aman
Yashasun hich ölmesun güzel istiqbalimiz
Yashasun, ming yashasun, parlansun istiqbalimiz

ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ تور بېكىتىدە مۇراسىملاردا ئىشلىتىش قولاي بولسۇن ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇسخىسى بېرىلگەن:

  • قۇرتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز
  • سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتۇمىز، بولسۇن فىدا بۇ جانىمىز
  • قان كەچىپ ھەم جان بەرىپ، ئاخىر قۇرتۇلدۇردۇق سەنى
  • قۇرتقۇزۇشقا قەلبىمىزدە بار ئىدى ئىمانىمىز


  • ئاتالارنىڭ جەڭلىرى ئۆچمەيدۇ تارىخ بەتىدىن
  • نەسلى قالدى جەڭگاۋەر، بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز
  • چىقتى جان ھەم ئاقتى قان، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان
  • ياشىسۇن، مىڭ ياشىسۇن، پارلانسۇن ئىستىقبالىمىز

ئاھاڭ تەھرىرلەش

ئىستىقلال مارشى ھازىر نەچچە خىل ئاھاڭلاردا ئېيتىلىپ كېلىنمەكتە.

ئوخشىمىغان نۇسخىلىرى تەھرىرلەش

ھازىرغىچە ئاساسلىق 5 دانە كەڭ قوللىنىلغان نۇسخىلىرى بار بولۇپ...

باشقىلار تەھرىرلەش

قارالسۇن تەھرىرلەش

جۇمھۇرىيەتلەر:

مەنبەلەر تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش