ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى

1930- يىللاردىن كېيىن شىنجاڭدا زامانىۋى مەتبەئە بارلىققا كېلىپ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق خۇسۇسىيىتىگە قەدەممۇ قەدەم ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى. چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىنى ئورتاق قوللىنىپ كەلگەن تۈركىي مىللەتلەر ئارقا-ئارقىدىن يېزىق ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى ياكى باشقا يېزىق سىستېمىدىكى يېزىقلارنى قوللاندى.

1954- يىلى ماقۇللانغان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى

ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيىمىز مىللىي تىل-يېزىق ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 1950- يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى قارىمىقىدا «شىنجاڭ مىللەتلەر تىل –يېزىقىنى مۇزاكىرە قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىش ھەيئىتى» قۇرۇلدى. بۇ ھەيئەت خىزمەتنى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش، ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدىكى ئاخبارات، نەشرىيات، مەتبۇئات، تىل-يېزىق خادىملىرى، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئارىسىدا كۆپ قېتىم مۇزاكىرە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرى» نىڭ لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، 1953- يىل 10- ئايدا ئۈرۈمچىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلدى. 1954- يىل 3-ئايدا ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ۋەكىل قاتناشتۇرۇپ چاقىرىلغان تىل-يېزىق خىزمىتى يىغىنىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىلىرىنىڭ لايىھىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى. بۇ لايىھىنى سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى 1954- يىل 4- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى 21- سانلىق ھەيئەتلەر يىغىنى بىلەن 125- سانلىق مەمۇرىي يىغىندا ماقۇللاپ، 1954- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش توغرىسىدا قارار چىقاردى. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ بۇ ئېلىپبەسىدە ئۇيغۇر تىلىدا مۇستەقىل فونېما سۈپىتىدە قوللىنىلمايدىغان، پەقەت ئەرەب تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنى يېزىشتا ئىشلىتىلىدىغان « ح، ث، ذ، ص. ض. ط. ظ، ع» قاتارلىق سەككىز ھەرپ ئېلىپبە جەدۋىلىدىن چىقىرىپ تاشلاندى. شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدا ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدىغان، ئۇيغۇر يېزىقىدا كەم بولسا بولمايدىغان سوزۇق تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان سەككىز فونېما ئۈچۈن «ئا، ئە، ئې، ئى، ئو (ئو، ئۆ)، ئۇ (ئۇ،ئۈ) دىن ئىبارەت ئالتە ھەرپ قوشۇلدى. ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن ھەرپلەرنىڭ نامى قايتىدىن بېكىتىلدى. بۇمۇ ئەمەلىيەتتە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان يېقىنقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئىبارەت بىر قېتىملىق ئىسلاھات بولسىمۇ، يېزىق شەكلى ھەم يېزىق سىستېمىسى جەھەتتىن چوڭ پەرق بولمىغاچقا، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ باسقۇچلىرى ھېسابىدا ئۇنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىلدى. بۇ يېزىق 1954- يىل 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 1976- يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە ھەممە ئاخبارات-نەشرىيات، مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ خەت-ئالاقە ھۆججەتلىرىدە، مەدەنىيەت-مائارىپ سەھەلىرىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلدى. ئۇيغۇر تىلىنى ئىپادە قىلىغۇچى 32 تاۋۇش بۇ يېزىقتا 30 ھەرپ بىلەن ئىپادىلەندى.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى كەڭ مەنىدە چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىن كېيىنكى يېزىقنى، يەنى ئازادلىقتىن كېيىن قوللىنىلغان يېزىقنى، تار مەنىدە لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى قوللىنىلىشتىن توختاپ، قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ھەمدە بىر ئاز تولۇقلاپ ئىسلاھ قىلىنغان ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەب ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى 1000 يىللار مابەينىدە خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇس، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلمەكتە. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، مۇشۇنداق ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا مەلۇم ئېھتىياجلار تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئىسلاھاتلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كەلگەنلىكى ئۈچۈن يېزىق تەرەققىيات تارىخىمىزدا ئاكتىپ رول ئوينىدى. يەنە بەزىلىرى بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىچە پەسسىپ رول ئوينىدى.

1983- يىلى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، يېزىقىمىزدىكى ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ھەل بولمىغان ئىملا مەسىلىلىرى گەۋدىلىك كۆرۈلۈشكە باشلاپ، ھەل قىلىنمىسا تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىغان دەرىجىگە يەتتى. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تەرىپىدىن 1983- يىل 4- ئايدا كەڭ كۆلەملىك يىغىن چاقىرىلىپ، مۇناسىۋەتلىك يولداشلارنىڭ كەڭ تۈردە مۇھاكىمە قىلىشى ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېما سىستېمىسى ۋە يېزىق ئەنئەنىسىگە ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى تۈزۈپ چىقىلدى. ئۇنىڭدا لەۋلەشكەن تۆت سۇزۇق تاۋۇشنى پەقەت «ئو، ئۇ» دىن ئىبارەت ئىككى ھەرپ بىلەنلە ئىپادىلەشتەك ئۇسولغا خاتىمە بېرىلىپ، بىر فونېمىغا بىر ھەرپ بولۇش پرىنسىپىغا ئاساسەن «ئۆ، ئۈ» ھەرپلىرى تولۇقلاپ كىرگۈزۈلدى. ئېلىپبە تەرتىپى يېڭىدىن بېكىتىلدى. ھەرپلەرنىڭ نامى ۋە شەكلى مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ بۇ ئېلىپبەسى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983- يىل 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى تەستىقى ۋە 1984- يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ھەققىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن كەڭ تۈردە قوللىنىلىۋاتىدۇ.

ئېلىپبە جەدۋىلى تەھرىرلەش

ئۇيغۇر كونا يېزىق جەدۋىلى
ھەرپلەر ئا،ا ئە،ە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ھ ئو،و ئۇ،ۇ ئۆ،ۆ ئۈ،ۈ ۋ ئې،ې ئى،ى ي
IPA ɑ,a ɛ,æ b p t χ,x d r,ɾ z ʒ s ʃ ʁ,ɣ f,ɸ q k g ŋ l m n h,ɦ o,ɔ u,ʊ ø y,ʏ w,v e i,ɨ j

قىسقىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى بىر قەدەر ئىلمىي، ئاممىباب، تامغىلىرى ئاددىي، ئوقۇش-ئوقۇتۇش، ساۋات چىقىرىشقا بىر قەدەر ئەپلىك يېزىققا ئايلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ پەن-مەدەنىيەت ئۆگىنىشى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى مۇھىم قورالغا ئايلاندى.

 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى
 
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى