سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى

(قايتا نىشان بەلگىلەش ئورنى سوۋېت ئىتتىپاقى)

سوۋېت سوتسىيالىسيىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى __ (روسچە: Союз Советских Социалистических Республик\Soyuz Sovetskih Sotsialistiçeskih Respublik؛ قىسقارتىلمىسى: cccp، ئېنگ: قىسقارتىلمىسى : USSR)، قىسقارتىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى، 1922 - يىلى 12-ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە مەۋجۇد بولغان بولۇپ ئىتپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر شەكلىدىكى دۆلەت قۇرۇلما شەكلىنى يولغا قويغان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت. ياۋروپانىڭ شەرقىي ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان . يەر كۆلىمى 22 مىليون 400 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتېر بولۇپ دۇنيا بويىچە زىمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت . نوپوسى 290 مىليون 100 مىڭ ( 1990 - يىل ) . 100 دىن كۆپەرەك مىللەت بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە روسلار %51 نى، ئوكرائىنلار %15 نى، ئۆزبېكلەر %6 نى، بىلىروسلار %4 نى، باشقا قازاقلار ، تاتارلار ، ئەزەربەيجانلار ، ئەرمىنىيەلىكلەر ، گىروزىنلار، موردوۋالار ، تاجىكلار ، لىتۋالىقلار ، تۈركمەنلەر ، گىرمانلار ، قىرغىزلار ، يەھۇدىيلار ، لاتۋىيىلىكلەر ، ئىستونىيەلىكلەر بولۇپ %24 نى تەشكىل قىلىدۇ .

دۆلەت تىلى روس تىلى . 200 دىن كۆپەرەك تىل ۋە يەرلىك دىئالىكىت ( يەرلىك شىۋە ) بار بولۇپ ، سىلاۋىيان تىل سېستىمىسىدىكىلەر %75 نى ، ھىندى - ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكىلەر %8 نى ، ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكىلەر %12 نى ، ئورال تىل سېستىمىسىدىكىلەر %3 نى ، كاپكاز تىل سېستىمىسىدىكىلەر %2 نى تەشكىل قىلىدۇ .

ئاساسلىق دىن روسلارنىڭ پىراۋىسلاۋىيە دىنى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىرستىيان دىنى ، يەھۇدىي دىنى ۋە ئىسلام دىنى مەۋجۇت بولغان . پايتەخت موسكىۋا . سوۋېت ئىتتىپاقى روسىيە ، ئوكرائىنا ، بىلىروسىيە ، ئۆزبېكىستان ، قازاقىستان ، گىروزىيە ، ئەزەربەيجان ، تاجىكىستان ، قىرغىزىستان ، تۈركمەنىستان ، ئەرمىنىيە ، موردۇۋا ، لاتۋىيە ، لىتۋا ، ئىستونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش رىسپوپلىكىلارنى ۋە باشقىرت ، بوريات ، داغىستان ، قارا قالپاق ( ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا ) ، كارا بالدا - بايقال ، قىرمىز ، كارىرىيە ، كېمى ، مالى ، شىمالىي ئوسىتىي ، تاتارىستان ، توۋا ، ۋودمۇرت ، چېچىن - ئىنگۇش ، چۇۋاشىيە ، ياقۇت ، ئابغازىيە ، ئازار ، ناشچىفان قاتارلىق 20 ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت ، 8 ئاپتونۇم ئوبلاست 10 ئاپتونۇم رايون ۋە 129 چېگرا رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

سوۋېت ئىتتىپاقى ئاساسى قانۇنىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى فىداراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ 15 ئىتتىپاقتا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ، ئۆزلىكىدىن قوشۇلۇش پىرىنسىپى بويىچە تەشكىللەنگەن دەپ بەلگىلەنگەن . پايتەخت موسكىۋا . دۆلەت باشلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى رەئىسلەر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دەپ ئاتالغان بولۇپ ، كېيىن ھوۋېت ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى دەپ ئاتالغان . ھۆكۈمەت باشلىقى مىنىستېرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى دەپ ئاتىلىدۇ . ھەربىي كۈچ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ .

دۆلەت شوئارى : پۈتۈن دۇنيا پۇرۇلتارلىرى بىرلىشىڭلار ! دۆلەت تىلى : روس تىلى . پايتەخت : موسكىۋا ، يەر كۆلىمى : دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا بولۇپ ، 22 مىليون 402 مىڭ 200 كۇۋادىرات كىلومېتېر ، نوپوسى : 293 مىليون 47 مىڭ 571 ( 1991 - يىل 7 - ئاي ) . دۆلەت قۇرۇلغان كۈن : 1917 - يىلى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ، پارچىلانغان ۋاقتى : 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ، پۇلى : روپىيە ، ۋاقىت رايون پەرقى : 3+ دىن 11 + غىچە ، دۆلەت شېئىرى : ئىنتېرناتسىيىۇنال شېئىرى ( 1917 - 1991 ) ، خەلقئارالىق رايون قىسقارتما نامى : SU ( ھازىرمۇ ئىشلىتىلمەكتە ) .

قىسقىچە تارىخى

تەھرىرلەش

1917 - يىلى 11- ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچ سائەت 9 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ، تۇنجى پاي زەمبىرەك ئوقۇنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ ، ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى پۇرۇلتارىيات ھاكىميەت تۇتقان تۇنجى ھۆكىمەت __ سوۋېت ھۆكىمىتى قۇرۇلدى . ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن بولشىۋىكلار پارتىيىسى ھوقۇقنى ئىگەللەپ ، گىرمانىيە بىلەن < بېريوسېل شەرتنامىسى > نى ئىمزالاپ ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىقتى . ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا ، تىروتىسكىي رەھبەرلىك قىلغان قىزىل ئارمىيە قانلىق جاپالىق ئىچكى ئۇرۇش قىلىپ ئاقلار ۋە شەرتنامىلەشكەن دۆلەتلەرنى يېڭىپ جاپالىق ئىلگىرلەش ئېلىپ باردى . 1921 - يىلى 3 - ئايدا ، سوۋېت ھۆكىمىتى بىر قاتار يېڭى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇپ ، ئالدى بىلەن دىخانلارنىڭ كىرىم مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ ، ئارتۇق ئاشلىقنى بازار ئېلىپ - سېتىشنى چەكلەپ يىغىۋېلىش ئېلىپ باردى . 1922 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى روسىيە ، بىلىروسىيە ، ئوكرائىنا ۋە تاشقى كاپكاز فىدىراتسىيەلىرى ئورتاق سوۋېت ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىقتى . 1924 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىسى لېنىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يۇسېف سىتالىن ھاكىميەتنى قولغا ئېلىپ ، جاپالىق بىر قاتار ۋاستىلەر ئارقىلىپ ، سىياسى رەقىپلىرىنى تازىلاپ ، يېزا ئىگىلىكىنى كوللىكتىپلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈردى ، شۇنداقلا كەسكىن ۋاستىلەر ئارقىلىق ، پارتىيە ، دۆلەت ۋە ئارمىيە رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن چوڭ تازىلاش ئېلىپ باردى . 1927 - يىلى ئەنگىلىيە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلاپ ، 1921 - يىلى ئىمزالانغان ئەنگىلىيە سوۋېت سودا شەرتنامىسىنى يىرتىپ تاشلىدى . ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى چامبېرلىن 6 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىرى يىغىنىدا < خەلقارا ئىنتېرناتسىيىۇنال بىلەن كۆرەش قىلىش > ئوتتۇرىغا قويدى .

گەرچە غەرپ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر سىتالىننى ھەر قايسى مىللەتلەرگە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان جاللات دەپ ئاتىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى غەلبىلىك ھالدا سانائەت ۋە ھەربىي جەھەتتىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇردى . سىتالىننىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈلمىسى ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ ، بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلەندۈردى . 1929 - يىلى 10 - ئاينىڭ24 - كۈنى نىيو - يورك پاي چېكى بازىرىدا پاي چېكىنىڭ چۈشۈشىدىن باشلانغان كىرىزىس ، تېز سۈرئەتتە پۈتۈن دۇنيانى قاپلاشقا باشلاپ ، كاپىتالىستىك دۆلەتلەر ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەردى . مۇشۇ 1929 - يىلى كىرزىس پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن چاغدا ، سىتالىنگىرادتا كۆلىمى غايەت چوڭ بولغان بىر تىراكتۇر زاۋۇدى ئىش باشلاپ 10 ئايدىن كېيىن مەھسۇلات چىقىرىشقا باشلىدى . 1932 - يىلى يۇنجى 5 يىللىق پىلان تاماملىنىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىك دۆلىتىدىن سانائەت دۆلىتىگە ئايلاندى . 1937 - يىلى 2 - بەش يىللىق پىلان تاماملىنىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تېز ئۆرلەپ ياۋروپادا 1 - ئورۇنغا ، دۇنيادا 2 - ئورۇنغا ئۆتتى .

1939 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ناتسېست گىرمانىيەسى < ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتنامىسى > ئىمزالاپ ، ئۆزئارا شۈبھىلىنىش قاپلىغان سىرلىق مۇناسىۋەت ئورناتتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىككى تەرەپ مەخپى يوسۇندا لەھىستان ، بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەر ۋە فىنلاندىيەنى ئۆزىنىڭ كۈچ دائىرىسىگە كىرگۈزدى .1939 - يىلى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى .

1941 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سەھەر سائەت 3 دە گىرمانىيە تۇيۇقسىز سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلدى . بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت قىزىل ئارمىسىدىن بىر مىليوندىن كۆپرەك ئادەم چىقىم بولۇپ ، غەرپتىكى سانائەت رايونلىرى پۈتۈنلەي گىرمانىيە ئارمىسىنىڭ كونتىرول دائىرىسىگە كىرىپ قالدى . ئادولوف گىتلېر سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ . 1945 - يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى ۋە ئىتتىپاقداش ئارمىيە ناتسېس گىرمانىيەسىنى ئۆز چېگرىسى ئىچىدە مەغلۇپ قىلىپ ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى . 1945 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى .

سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بېرلىنغا قايتارما ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ، قىزىل بايراقنى گىرمانىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە قادىدى . گىرمانىيە ئارمىيىسىدىن گىرمان - سوۋېت جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئېشىپ ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ، گىرمانىيە تەرەپتىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار نىسپىتىنىڭ %73 نى ئىگەللىدى . سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن 20 مىليون ئادەم قۇربان بولغان بولۇپ ، ھەققانىيەت ۋە تېنچلىقنى قوغداش جەھەتتە بەلگىلىك قىممەت ياراتتتى . ئۇرۇشتىن كېيىن سىتالىن ۋە باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ئىتتىپاقى < ۋارشاۋا شەرتنامىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى > نى قۇرۇپ ئامېرىكا ۋە < شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى > بىلەن تىركەشتى . 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى دۇنيانىڭ نىسپىي مۇقىم بولغان شارائىتىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدا بىر بىرىگە خىرىس قىلىپ ، دۇنيانىڭ نەچچە ئون يىللىق يۈزلىنىنىشە رەھبەرلىق قىلدى .

1957 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى سۈنئى ھەمرانى ئالەم بوشلىقىغا قويۇپ بەردى . 1961 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم ئۇچقۇچىسى گاگارېن < شەرق > ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلىقىغا چىقىش ئارزۇسۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى .

1953 - يىلى سىتالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ يۇقۇرى رەھبەرلىك قاتلىمىدا بىر قانچە يىلغا سوزۇلغان ھوقۇق تالىشىش كۆرىشى ئېلىپ بېرىلىپ ئاخرىدا خىروششىف ھوقۇقنى ئىگەللىدى . خىروششىف 1956 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىنىڭ 20 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىدىكى مەخپىي دوكلاتتا ، سىتالىن ۋە شەخسكە چۇقۇنۇشنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى تەنقىد قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن سىياسى كۆرەش ئىنسانپەرلىك ئۇسۇلىغا قاراپ تەرەقىي قىلدى . ئاڭ فورماتسىيەسى جەھەتتىكى ئىختىلاپ سەۋەبىدىن ، 1959 - يىلىدىن باشلاپ ، سوۋېت كومپارتىيەسى بىلەن جوڭگو كومپارتىيەسى ئوتتۇرسىدا بىر قاتار تەنقىد قىلىش ۋە ئىختىلاپلار ئېلىپ بېرىلدى . 1964 - يىلى خىروشىف تەختىن چۈشۈپ ھوقۇقنى بېرژىنېف ئىگەللىدى . مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە جوڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتى سۇسلىشىپ ئىنتايىن تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ پەقەت نامدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ھالىتىلا قالدى ، ھەتتا ئىككى تەرەپتە < گۆھەر ئارال ھەقەسى > ۋە < تېلىكېت ۋەقەسى > دىن ئىبارەت چېگرا تۇقۇنۇشى يۈز بەردى . 1968 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى چېخسىلاۋاكىيەگە تاجاۋۇز قىلدى . 1969 - يىلى < گۆھەر ئارال مەسىلىسىدە > قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ ، جۇڭگو خگلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى . 1979 - يىلى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلدى . بۇ ئىككى ھەركەت خەلقارا جەمىيەتنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى .

بېرژىنېف دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى سىرقا نىسبەتەن كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ، شەرقىي ياۋروپادىكى سابىق سوتسىيالىزىم لاگىرىدىكى دۆلەتلەر ۋە موڭغۇلىيەدە ئەسكەر تۇرغۇزغاندىن سىرت ، يەنە ۋېتنام ، كۇبا ، جەنۇبىي يەمەن ، ئانگۇلا ، ئىفئوپىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھەربىي لاگىر ھەتتا ھەربىي بازىلارنى قۇردى . بېرژىنېف < چەكلىك ئىگىلىك ھوقۇق نەزىريىسى > ئوتتۇرىغا قويۇپ ، باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى چەكلىمىلككە ئىگە دەپ قارىدى . بېرژىنېف ئوتتۇرىغا قويغان بۇ نەزىريە ئەمەلىيەتتە باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىدىغان ، ئۇلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھامىيسىغا ئايلاندۇرۇدىغان نەزىريەدىن ئىبارەت ئىدى . 1980 - يىلى موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىش جەھەتتىكى پەردىسىنى قايرىدى . ئەمما ئافغانىستاغا تاجاۋۇز قىلىش سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى دۇنيادىكى تۈزۈم جەھەتتە كەمسىتىش نەزىريىسى بىلەن قارىغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپ قالدى .

1985 - يىلى كومپارتىيە ئىچىدىكى ئىسلاھاتپەر شەخس گورباچېف ھوقوقنى قولغا ئېلېپ ، نۇرغۇنلىغان كونا ، چىرىك قاراشلارغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى . گورباچېف سىياسى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرىگە قارىتا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ ، دۆلەت ئىچىدە ئىسلاھات ۋە ئوچۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ ، تارىخىي خاتالىقلانى ئاشكارىلاش ۋە ھىساب ئېلىش ئېلىپ باردى . گورباچېف يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدا < دىمۇكراتىك ، ئىنسانپەرلىك سوتسىيالىزىمى > قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىدى . ئەمما يەنە بىر تەرەپتە ئۇنىڭ ئىسلاھاتى ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى . مەركىزى ھۆكىمەتنىڭ ھوقوقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە ئەگىشىپ ، ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر رەھبەرلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە ھوقوقى بېرىشنى تەلەپ قىلدى . < ئاشكارىلىق > تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ تارىخى مەسىلىلىرى ۋە خاتالىقلىرى ئاشكارىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خەلقنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى ، ھەتتا 1989 - يىلى كومۇنىزىمنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تارىخى خاتالىقلىرى يىغىلىپ ، ئومۇمىي پارتلاش يۈز بېرىپ ، خەلق قايىل بولماسلىق، نەزىرىنى كومۇنىستىك پارتىيە ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى نىشانلارغا قاراتتى . شەرقىي ياۋروپادىكى كومۇنىستىك پارتىيەلەر ئارقا - ئارقىدىن تەختتىن چۈشۈشكە باشلىدى ، ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرمۇ ، شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش غەرىزىدە بولدى .

1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سوۋېت كومپارتىيەسى ئىچىدىكى بىر قىسىم كانسېرۋاتىپلار ، ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن ھوقۇقلارنى تارتىۋېلىش ۋە غەلبىسىز ئىسلاھاتنى دەرھال توختىتىش مەقسىدىدە بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىك سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى . ئەمما خەلق ، ئارمىيە ، ۋە كۆپ قىسىم كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە ، سىياسىي ئۆزگىرىش پەقەت 3 كۈن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ مەغلۇپ بولدى . روسىيە زۇڭتۇڭى يىلىتسېن سوۋېت كوپپارتىيەسىنى قانۇنسىز پارتىيە دەپ ئېلان قىلىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى . 1991 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا يىلىتسېن بىلىروسىيە ، ئوكرائىنا زۇڭتۇڭلىرى بىلەن مىنىسكىدا شەرتنامە ئىمزالاپ ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ، ئەنگىلىيە ئىتتىپاقىغا ئوخشايدىغان بىر خىل دۆلەت قۇرۇلما شەكلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەلدى . روسىيە ۋە باشقا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر بۇنىڭغا كەينى كەينىدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى . سوۋېت ئىتتىپاقى مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەۋجۇتلۇقتىن قالدى . 19991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى گورباچىف خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ دۆلەتنىڭ ھوقوقىنى روسىيە زۇڭتۇڭىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى . 1991 - يىلى قىزىل بايراق كېرىمىل سارىيىدىن ئاستا چۈشۈرۈۋېلىندى . قىزىل يىللار ۋە گۈللەنگەن چوڭ دۆلەت سۈپىتىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مەۋجۇتلۇقتىن توختىدى .

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى

تەھرىرلەش

1 . ۋىلادىمىر . ئېلئېچ لېنىن ( 1917 . 11 . 7 ___ 1924 . 1 . 21 . )

2 . سىتالىن ( 1922 . 1 . 21 __ 1953 . 3 . 5 )

3 . خىروششىف ( 1953 . 9 . 7 __ 1964 . 10 . 14 )

4 . بېرژىنېف ( 1964 . 10 . 14 __ 1982 . 11 . 10 )

5 . ئاندىرىيپوف ( 1982 . 11 . 12 __ 1984 . 2 . 9 . )

6 . چېئېرنېنكو ( 1984 . 2 . 13. __ 1985 . 3 . 10 )

7 . گورباچېف ( 1985 . 3 . 11 __ 1991 . 12 . 25 )

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنىڭ نامى

تەھرىرلەش

1 . روسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك فىدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتى

2 . بىلىروسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

3 . ئوكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

4 . ئىستونىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

5 . لىتۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

6 . لاتۋىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

7 . موردوۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

8 . گىروزىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

9 . ئەرمىنىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

10 . ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

11 . قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

12 . قىزغىزىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

13 . تاجىكىستان سوۋېتر سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

14 . ئەزەربەيجان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

15 . تۈركمەنىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 20 ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتنىڭ ناملىرى

تەھرىرلەش

1 . باشقىرت سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى .

2 . بۇريات سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

3 . داغىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

4 . كارىبالدا - بايقال سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

5 . كارمىك سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

6 . كارىرىيا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

7 . كېمى سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

8 . مالى سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

9 . موردۇۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

10 . شىمالىي ئوسىتىي سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

11 . تاتارىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

12 . توۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

13 . ۋودمورت سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

14 . چېچىن سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

15 . چۇۋاش سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

16 . ياقۇت سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

17 . ئابغاز سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

18 . ئازار سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

19 . ناشىچېر سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى

UYGHURCHE, [[{{{2}}}|УЙҒУРЧӘ]]


20 . قارا قالپاق سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى