باغراش كۆلى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ باغراش ناھىيىسى گە جايلاشقان بولۇپ، 2014-يىلى 5-ئايدا دۆلەتلىك AAAAA دەرىجىلىك ساياھەت نوقتىسى بولۇپ باھالانغان، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 25 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكىچە ئۇزۇنلىقى 55 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆل يۈزى مەيدانى 800 كۋادرات مېتىردىن چوڭ كىلىدىغان بولۇپ، كۆلنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلىقى 9 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 17 مېتىر كېلىدۇ.

باغراش كۆلى

博斯腾湖.Baghrash Lake

باغراش كۆلىدىن بىر كۆرۈنۈش
ئورنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيىسى
كۆل يۈزى مەيدانى 800 كۋادرات كىلومېتىر
ئەڭ چوڭقۇر جايى 17 مېتىر
ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 9 مېتىر

جۇغراپىيىسى تەھرىرلەش

ﺑﺎﻏﺮﺍﺵ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 1228 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ , ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯘ ﻛﯚﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﯘ ﻗﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻰ , ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ , ﺋﯘ ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ . ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯚﻝ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ , ﭼﻮﯓ ﻛﯚﻟﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﯚﻝ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ 16 ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﯚﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ , ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ 240 ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﺑﺎﻏﺮﺍﺵ ﻛﯚﻟﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﻗﻰ 17 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ , ﻛﯚﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﻗﻰ 10 ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ . ﮪﺎﯞﺍ ﺭﺍﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ, ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻛﯚﻟﺪﻩ ﺩﻩﮪﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ , ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻛﯚﻝ ﺑﻪﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﮪﻪﻳﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﭼﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺪﯗ.

ﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ , ﻛﯚﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ , ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ , ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻛﯜﺯ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ,  ﻛﯚﻟﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﺷﻼﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺭﻩﯕﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ , ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻣﻪﺳﺘﺨﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﯩﺶ ﭘﻪﺳﻠﻰ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ , ﻛﯚﻝ ﻳﯜﺯﻯ ﻧﯩﭙﯩﺰ ﻣﯘﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﭘﻠﯩﻨﯩﭗ , ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ . ﺑﺎﻏﺮﺍﺵ ﻛﯚﻟﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. [1]

تارىخى تەھرىرلەش

ئېكولوگىيىسى تەھرىرلەش

كىلىماتى تەھرىرلەش

سىرتقى ئۇلانمىلار تەھرىرلەش

مەنبە تەھرىرلەش