سۇلتان سەئىدخان

سۇلتان سەئىدخان
Outside-e1506252775539.jpg
سەلتەنىتىھ. 920 - 939 / م. 1514 - 1533
كېيىنكى ھۆكۈمدارسۇلتان ئابدۇررەشىدخان
تۇغۇلۇشىھ. 892 / م. 1487
ئۆلۈمىھ. 939 / م. 1533 - يىل 2 - ئىيۇل
بالا(لىرى)سۇلتان ئابدۇررەشىدخان
دىنىئىسلام

سۇلتان سەئىدخان (ئۇيغۇر لاتىن: Sultan Said Xan، كرىل ئۇيغۇر: Султан Сәидхан ) ھىجرى 892 - 939 / مىلادى 1487 - 1533 - يىللار ئارىسى ياشىغان، تۇغلۇق تۆمۈرخان (15=347 - 1363) پۇشتىدىن بولۇپ، شەرقىي چاغاتاي خانى سۇلتان ئەھمەد ئەلەقنىڭ ئوغلى، سۇلتان مەنسۇرخاننىڭ ئىنسى، ياركەند سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى سۇلتانىدۇر.

ھاياتىتەھرىر

1487 - يىلى يۇنۇسخان (1416 - 1487) ھەزرەتلىرى ئۇجماققا بارغاندىن كېيىن، ئورنىغا چىققان سۇلتان مەھمۇدخان تاشكەندنى مەركەز قىلغان ئىسسىقكۆل ئەتراپى موغولىستاننى، ئەھمەدخان بولسا تۇرپاننى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرىستاننى ئىدارە قىلىشقا باشلىغان. سۇلتان سەئىدخان دەل تۇرپاندا توغۇلغان. 1501 - يىلى ئۇ ئاتىسى بىلەن بىرگە تاغىسى سۇلتان مەھمۇدخانغا ياردەملىشىپ مۇھەممەد شەيبانىيخانغا قارشى جەڭگە قاتناشقان. جەڭدە شەرقىي چاغاتاي خانلىقى يېڭىلىپ، جەڭ مەيدانىدىن يارىدار قاچقان سەئىدخان يەرلىكلەر تەرىپىدىن ئاخسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئاخسىدا دارۇغاچى بايەزىد دېگەن ئىسيان قىلىپ، سەئىدخاننى زىندانبەد قىلغان.

 
پارىژ لۇۋرا مۇزېيىدا ساقلانغان سۇلتان سەئىدخاننىڭ نەقشلىك بازالت مازار تاشى، فرانسىيە

1502 - يىلى شەيبانىيخان سەئىدخاننى زىنداندىن ئازاد قىلىپ، سەمەرقەندكە بىرگە ئېلىپ كەتكەن ۋە قۇندۇز سەپىرىگە بىرگە ئېلىپ بارغان. شەيبانىيخان خارەزىمگە ھۇجۇم قىلغاندا پەيتىنى تېپىپ سايرامغا قېچىپ كېتىدۇ.

دادىسى ئەھمەدخان 1504 - يىلى ئاقسۇدا ۋاپات تاپقۇنچە، سەئىدخان موغۇلىستان تۇپراقلىرىغا پاناھ تارتىپ بارىدۇ. ئۇ يەردە ئىنىسى خەلىلخان تەرىپىدىن قوغلىنىدۇ. ئامالسىر سەمەرقەندكە قايتىدۇ.

1508 - يىلى ئۆزبېكلەر بولغان ئۇرۇشتا قاتتىق يېڭىلىپ، تاغىسى مەھمۇدخان ئۆلتۈرۈلىدۇ. سەئىدخان نائىلاج ئەندىجاندا پاناھلىنىدۇ.

ئۆزبېكلەر باش قوشۇش ئارقىلىق ماۋەرائۇننەھردىكى پۈتۈن شەرقىي چاغاتاي خانلىقى ئۇرۇقلىرىنى قۇرۇتۇش قارار قىلىنىدۇ. ئۇ ئەسنادا گۇندىپاي سەئىدخاننى زىندان چىقىرىپ قويىدۇ. سەئىدخان ئۇنىڭ پۇشايمان بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ دەرھالبابۇر مىرزانىڭ يېنىغا پاناھ تارتىپ بارىدۇ.

1514 - يىلى ئۆز ۋاقتىدا مىرزا ئابابەكرى ھۆكۈمدارلىق قىلىۋاتقان كاشغەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ. شۇ يىلى يەنە ياركەندنى ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ سەلتەنىتىنى ئېلان قىلىدۇ. (تەخمىنەن 1514 - يىلى 3 - سىنتەبىر).

ۋاپاتىتەھرىر

سۇلتان سەئىدخان ھەزرەتلىرى ھ. 939 (م. 1533) - يىلى تىبەت (ئۇرساڭ) بۇددىستلىرىغا قارشى ئىسلام ئېچىپ لىخاسا كېسەل سەۋەبىدىن (نەپەس يېتىشمەسلىك) 1533 - يىلى 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئوشلى سۇلتان ئابدۇررەشىدخان ياركەند خانلىقىنىڭ تەختىگە چىققان. ئۆلگىنىدە 45 ياش ئەتراپىدا ئىدى.

كىشىلىكىتەھرىر

ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﺪﺍﺗﻠﯩﻖ، ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕﭘﻪﺭﯞﻩﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ، ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺟﯘﺵ ﺋﯘﺭﯗﭖ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺯﻭﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﭘﺎﺭﺲ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ.

غەزەلتەھرىر

قایسی گۇلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۇلی رەئناسى بار،

قایسی گؤلنىڭ بىر مېنىڭدەك بۇلبۇلی شەیداسی بار.

هۇر بىرله جەننەتؤل مەئۋانی کۆڭلۈم نەیلەسۇن،

یارنىڭ كويىدا يؤزمىڭ جەننەتؤل مەئۋاسی بار.

لەئلىدىن خەتتی بۇدۇر هەر دەم تىرىکلىککە نىشان،

خۇش نىشانىدۇر کی ئىککی قاشىدىن توغراسی بار.

بر سۈچۈك سۆز بىرله ئۆلگەن جىسمىمه بەردىڭ هەيات،

لەئلى جانبەخشىڭده گویاکىم مەسىھ ئەنفاسى بار .

یۈزی ئۈزره کاکۇلۇ زۇلفىن پەرىشان کۆرگەلی،

ئەي سەئىد، ئاشۇفته کۆڭلۈمنىڭ ئەجەب سەۋداسی بار.[1]

مەنبەلەرتەھرىر

  1. باياز 1، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1995 - يىل سىنتەبىر، 8 - بەت