پىيالما يېزىسى گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق يېزا بولۇپ، گۇما بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىر كىلىدۇ. شەرقتە قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ئۇرچى يېزىسى ۋە زاۋا بازىرى بىلەن چېگىرداش، غەربتەزاڭگۇي يېزىسى، شىمالدا مەكىت ناھىيىسى، جەنۇبتا ئاچا يوپۇرماقلىق تاشيولى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە ئوتتۇرىچە كەڭلىكى تەخمىنەن 18 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 240 كىلومېتىر كېلىدۇ،

پىيالما يېزىسى

皮亚勒玛乡.Piyalma Town

گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە گۇما ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 5 دانە
نوپۇس 6 مىڭ
تور بېكەت گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

ئۇنىڭ قارىمىقىدا يەتتە كەنت بۇلۇپ:

  • جايتاش كەنتى؛
  • لەڭگەركۆل كەنتى؛
  • قۇمبويى كەنتى؛
  • ئۆتەڭ كەنتى؛
  • تاۋۇز ئۆستەڭ كەنتى؛
  • قاتار دۆڭ كەنتى.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

يېقىندىن بېرى پىيالما يېزىسى باشتىن-ئاخىر تەرەققىياتنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە دەپ قاراپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇش فاڭجېنىنىڭ تەلىپى بويىچە، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، يېزىدىكى خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما زىچ ئۇيۇشۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرلۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «ئەلسۆيەرلىكنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش» ئىدىيسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلغان. يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگەن ۋە كۈچەيتكەن.