زاۋا بازىرىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى دىكى قاراقاش ناھىيىسى بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 2012-يىلى ئۆزگەرتىپ زاۋا بازىرى قىلىنغان. تەۋەسىدە دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى «شاخلىق فېئودال قورۇق خارابىسى» بار. زاۋا بازىرى شىمالدا ئۇرچى يېزىسى، كۇيا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتە ئاقساراي يېزىسى، جەنۇبتا سايباغ يېزىسى، غەربتەگۇما ناھىيىسى پىيالما يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي كۆلىمى 356 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 52504 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.16 مو.

زاۋا بازىرى

扎瓦镇.Zawa Town

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 34 دانە
نوپۇس 60 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

زاۋا بازىرىدا جەمئىي 34 كەنت بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  • زاۋا كەنتى، قوقان كەنتى، ياربېشى كەنتى، شاخلىق كەنتى، ئېگىز ئېرىق كەنتى،
  • لەڭگەر كەنتى، شەيدان كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، توغراقمازار كەنتى، ساينۇغۇچ كەنتى؛
  • كۆتەرمە كەنتى، شورلۇقئېرىق كەنتى، كۆتەكئېرىق كەنتى، ئاراغول كەنتى، باشاقچى كەنتى؛
  • كۆلئېرىق كەنتى، بۇغدايئېرىق كەنتى، تېرەكئايلا كەنتى، ئۆتەڭ كەنتى، ئۈجمەئايلا كەنتى؛
  • يېڭىئۆستەڭ كەنتى، مازارئايلا كەنتى، جايتېرەك كەنتى، تۆگە توغراق كەنتى، چوكان جىلغا كەنتى؛
  • باش ئۇرچى كەنتى، خېنى كەنتى، ئاياغ مازار كەنتى، خۇمدان كەنتى، توغرا يار كەنتى؛
  • توپچا كەنتى، ھۆرنىسا كەنتى، بارامسۈيى كەنتى، قاشبويا كەنتى قاتارلىق 34 كەنت ئاھالە كومىتېتى، 17 بازارغا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇن، 161 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

ئىقتىساد ئەھۋالى تەھرىرلەش

2006-يىلى بازار بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى 91 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 62 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %68.49 نى ئىگەللىگەن، 2-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 12 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %14.01 نى ئىگەللىگەن، 3-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 16 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 17.50% نى ئىگەللىگەن. 2006-يىلى، پوچتا كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 460 مىڭ يۈەنگە، تېلېگراف كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 790 مىڭ يۈەنگە، يېزىلاردىكى مۇقىم تېلېفون ئابونېنتى 845 كە يەتكەن.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 1297.20 يۈەنگە يەتكەن. يېزا بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 59700 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 412.93 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 24652 توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 30700 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 386 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 11850 توننا، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 28 مىڭ مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلات 439 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 12292 توننا، شال تېرىلغۇ كۆلىمى 1000 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 510 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 510 توننا ، پاختا تېرىلغۇ كۆلىمى 4000 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 121.50 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 486 توننا (ساپ پاختا) غا يەتكەن. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان مال-چارۋا 107200 تۇياق بولغان. ئەتىرگۈل تېرىقچىلىقى قاتارلىق بىر قاتار ئۆزگىچە كەسىپلەر بار .

مائارىپ تەھرىرلەش

ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىمى 563 كە يەتكەن. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 2، ئوقۇغۇچىسى 2701 ئادەم، ئوقۇتقۇچىلار 162 ئادەم، باشلانغۇچ مەكتەپ 16، ئوقۇغۇچىسى 6861 ئادەم، ئوقۇتقۇچىلار 273 كە يەتكەن. 2006-يىلى مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا سالغان مەبلەغ 199.13 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. تەۋەلىكىدىكى مەكتەپلەر:

1. شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ؛

2. شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى 2-ئوتتۇرا مەكتەپ؛

3. قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ؛

4. قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى خۇمدان كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ؛

5. قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى 2-ئوتتۇرا مەكتىپى؛

6. قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى يابېشى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى؛

7. قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازارلىق خىنى كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى؛

8. قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازارلىق ئۆتەڭ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى؛

9. قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازارلىق كۆتەك ئېرىق كەنت باشلانغۇچ مەكتەپ؛

10. قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازارلىق كۆتەيما كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى؛

11. قاراقاش ناھىيەسى زاۋا بازىرى قوقەن باشلانغۇچ مەكتەپ.

پاراۋانلىق ئىشلىرى تەھرىرلەش

يىل ئاخىرىدا رادىيونىڭ قاپلاش نىسبىتى %100 كە، تېلېۋىزىيىنىڭ قاپلاش نىسبىتى %98 كە، سىملىق تېلېۋىزىيە ئابۇنېنتى 135 گە يەتكەن. 53 كۇتۇپخانا بار بولۇپ، ھەر خىل كىتابلارنى 52000 گە، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى 28 گە. ئامبولاتورىيە 1، تىببىي خادىملار 20 نەپەر، كېسەل كارىۋىتى 50 كە يەتكەن. -يىلى، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا 493 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، 76224 كۋادرات مېتىر قۇرۇلۇش كۆلىمى تاماملانغان.