ئۇرچى يېزىسى خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 16.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي شىمالى كۇيا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ؛ شەرقى، جەنۇبىي قىسمى بىلەنزاۋا بازىرى قوشنا. شىمالى تەرىپى ياۋا يېزىسى بىلەن چېگرىداش، غەربىي قىسمى بىلەنگۇما ناھىيىسى نىڭپىيالما يېزىسى تۇتىشىدۇ.

ئۇرچى يېزىسى

乌尔其乡.Urchi Town

قاراقاش ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە قاراقاش ناھىيىسى
مىللەتلەر


ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 19 دانە
نوپۇس 16 مىڭ
تور بېكەت قاراقاش ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

تەۋەسىدە 19 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، قوشئاۋات كەنتى، ئۇرچى كەنتى، تاۋغاز كەنتى، قاراقىر كەنتى، سېرىقلىق كەنتى، پاتائېغىل كەنتى، چوكان جىلغا كەنتى، توغراقئالدى كەنتى، مىللەتئېرىق كەنتى، ئالمىلىق كەنتى، ئاۋات كەنتى، ئىسلام ئاۋات كەنتى، بازار بويى كەنتى، ئۈجمىلىك كەنتى، شىكەرقۇمۇش كەنتى، قاراڭغۇتوغراق كەنتى، يالغۇز ئوقار كەنتى، تېرەكبوستان كەنتى، سېغىزلىق كەنتى قاتارلىقلار. يەنە 73 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، 3508 ئاھالە، 16308 نۇپۇس بار.

ئىقتىساد تەھرىرلەش

ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 940.41 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 2766.95 مىليۇن يۈەن بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگەلىگەن نىسبىتى %94.10 بولغان؛ ئىككىنچى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 76.16 مىليۇن يۈەن بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگەلىگەن نىسبىتى %2.59 بولغان؛ ئۈچىنچى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 97.31 مىليۇن يۈەن بولۇپ، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگەلىگەن نىسبىتى %3.31 بولغان. 2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1183.73 يۈەن بولغان. يېزا بويىچە تېرىلغۇ يەر 23 625 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 376.63 كىلوگرام بولغان، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 8898 توننا بولغان.