باشلەڭگەر يېزىسى

باشلەڭگەر يېزىسى گۇما ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ غەربىي جەنۇبىغا 47.1 كىلومېتىر كېلدىغان جايغا جايلاشقان، شەرقتە قوشتاغ بازىرى، شىمالداپىشنا يېزىسى بىلەن باغلىنىپ تۇرىدۇ، غەربتە قەشقەر ۋىلايىتى نىڭ قاغىلىق ناھىيەسى، شىمالدا ئاچا يوپۇرماقلىق تاشيول بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتىن غەربكە ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 32 كىلومېتىر كېلىدۇ. باشلەڭگەر يېزىسىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 137 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

باشلەڭگەر يېزىسى

巴什兰干乡.Bashlengger Town

گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە گۇما ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 5 دانە
نوپۇس 5 مىڭ
تور بېكەت گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

باشلەنگەر يېزىسىدا بەش دانە كەنت بار بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

  • باشلەڭگەر كەنتى؛
  • سازام كەنتى؛
  • توقاي كەنتى
  • توغراكۆۋرۈك كەنتى؛
  • ئويتوغراق كەنتى قاتارلىقلار؛