كۆكتېرەك يېزىسى

كۆكتېرەك يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭ گۇما ناھىيىسى گە جايلاشقان. كۆكتېرەك يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ گۇما ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر شەكلى تۈزلەڭلىك، شەرقىي شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، خوتەن دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن قوشنا، غەرب تەرىپى قاغىلىق ناھىيىسى، شىمالداتەكلىماكان قۇملۇقى،مارالبېشى ناھىيىسى، مەكىت ناھىيىسىبىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇبتا گۇما بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 40 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 1400 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 3410 كۋادرات كىلومېتىركېلىدۇ.

كۆكتېرەك يېزىسى

科克铁热克乡.Köktërek Town

گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە گۇما ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 25 دانە
نوپۇس 35 مىڭ
تور بېكەت گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

  • ئوردىيان كەنتى؛
  • قۇمۇل كەنتى؛
  • توقماق مەھەللە كەنتى؛
  • ئامۇتلۇق كەنتى؛
  • لايقا كەنتى؛
  • توپمەھەللە كەنتى؛
  • كۆكتېرەك كەنتى؛
  • قۇمئېرىق كەنتى؛
  • قوچاقئۈژمىلىك كەنتى؛
  • كۆكتاغ كەنتى؛
  • بازايار كەنتى؛
  • كۆكيار كەنتى؛
  • ئاياقيار كەنتى؛
  • ئاراقۇم كەنتى؛
  • توغراقتار كەنتى؛
  • قۇمئېرىق كەنتى؛
  • دولان مەھەللە كەنتى؛
  • بەلقۇم كەنتى؛
  • قاغامەھەللە كەنتى؛
  • ئارامەھەللە كەنتى؛
  • قاتمانلىق كەنتى؛
  • تەۋەككۇمۇل كەنتى؛
  • ياڭاقلىق كەنتى؛
  • يېڭىكەنت مەھەللىسى؛

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

بۇ يېزا دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىپ، قوشۇمچە ئورمانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقبىلەن شۇغۇلىنىدۇ، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 49330 مو. ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلەر تېرىلىدۇ؛ ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن پاختا، مايلىق دان، قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتات ۋە بېدە قاتارلىقلار بار. يەنە جىگدە، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئالما ۋە ئاز مىقداردا ياڭاق قاتارلىقلار بار.