سانجۇ بازىرىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى گۇما ناھىيىسى گە جايلاشقان، قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىدە. شەرقتەزاڭگۇي يېزىسى، دۇۋا بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. غەرب تەرىپىدەقوشتاغ بازىرى، شىمالدا مۇجى بازىرى، جەنۇبتاكەڭقىر قىرغىز يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكە ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 45 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى 61.5 كىلومېتر، ئومۇمىي كۆلىمى 2767.5 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ھازىر سانجۇ يېزىسىنىڭ قارىمىقىدا 19 مەمۇرىي كەنت، 100 ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.

سانجۇ بازىرى

桑珠镇.Sanju Town

گۇما ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى بازارلىق
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە گۇما ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 19 دانە
نوپۇس 30 مىڭ
تور بېكەت گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

جۇغراپىيەلىك مۇھىتى تەھرىرلەش

بۇ يېزىنىڭ شەرق، غەرب، جەنۇب ئۈچ تەرىپى تاغ بىلەن ئورالغان، يەر شەكلى شىمالغا قىيسايغان، كۆپ تاغلىق ھەم ئازراق شورلۇق، سازلىق . دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700-5500 مېتىر، قۇرۇقلۇق كىلىماتىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃10، قىروسىز مەزگىل 180 كۈن، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى بىر قەدەر كۆپ. يېزىنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 55086 مو، سانجۇ دەرياسى قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، شىمالغا ئېقىپ ئۆتىدۇ. سانجۇ يېزىسىدا دېھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدۇ.

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

  • سانجۇ كەنتى
  • ئارا جاڭگال كەنتى
  • باسقاق كەنتى
  • قارادۆڭ كەنتى
  • چاسكام كەنتى
  • دۆڭچاقا كەنتى
  • ئېرىغىل كەنتى
  • جايتېرەك كەنتى
  • ئاقدۆڭ كەنتى
  • كونا بازار كەنتى
  • تېرەكچاقا كەنتى
  • دۆڭباغ كەنتى
  • باش ساۋا كەنتى
  • خانىقا كەنتى
  • توغرىتازغۇن كەنتى
  • موغاللا كەنتى
  • ئاياق ساۋا كەنتى
  • قىزىلچوقا كەنتى
  • قۇم ئېقىل كەنتى
  • سەئىدلا كەنتى

تەبىئىي بايلىقى تەھرىرلەش

يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىقى بۇغداي، قوناق، پۇرچاق تۈرىدىكى زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ. ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن مايلىق دان، بېدە ۋە ئازراق مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. چارۋىچىلىقتا كالا، قوي نى ئاساس قىلىدۇ، ئات، تۆگە، قوتاز، ئېشەكقاتارلىقلارمۇ بار. ياڭاق، جىگدە، ئۆرۈك قاتارلىقلار بار، ئۇنىڭدىن قالسا ئۆرۈك سورتى 20 خىلدىن ئاشىدۇ. ئورمانلاردا جەرەن، سۇغۇ، تۈلكە، سۈلەيسۈن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار ۋە چاتقال كەكلىكى، بۈركۈت، ئۆردەك، ياۋا غاز ۋە كەپتەر قاتارلىق ياۋايى ئۇچار قاناتلىقلارمۇ بار. يەنە قانتېپەر، چۈچۈكبۇيا، يەر مەدىكى، ئارپىبەدىيان، پۇراقلىق ھىندى پەرەڭگۈلى قاتارلىقلارمۇ بار.