لايقا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىخوتەن ۋىلايىتى نىڭ خوتەن ناھىيىسى گە، خوتەن ناھىيەسى بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا، قاراقاش دەرياسى نىڭ شەرقىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، خوتەن ناھىيەسى بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 21 كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرق تەرىپى بۇزاق يېزىسى بىلەن قوشنا، غەرب تەرپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، جەنۇبتا لاڭرۇ يېزىسى، شىمالداباغچى بازىرىبىلەن تۇتىشىدۇ. يېزا كۆلىمى 30.44 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 8 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 16 كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا تەۋەلىكىنى جەمئىي 17 مەمۇرىي كەنىت قاپلاپ تۇرىدۇ، بىر چارۋىچىلىق فېرمىسى، بىر تەرەققىيات رايونى، 124 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ، نوپۇس سانى 6440 ئادەم، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 41775 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران 1.1 مو؛ دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاساسلىقى باغۋەنچىلىك، ياڭاق، ئائىلىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك قاتارلىقلاردىن كىرىدۇ .2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، پۈتۈن يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1.0977 مىلىيۇن يۈەن، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 4421.09 يۈەنگە يەتكەن.

لايقا يېزىسى

拉依喀乡.Layqa town

خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە خوتەن ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 19 دانە
نوپۇس 30 مىڭ
يەر مەيدانى 30.5 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

يېزىغا تەۋە 18 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، رەخت ئەترىتى كەنتى، شاپتۇلئېرىق كەنتى، باش لايقا كەنتى، ياڭاقچىلىق كەنتى، شاخلىق كەنتى، تاللىقئېرىق كەنتى، تۆۋەن لايقا كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، دامىتى كەنتى، چاقا كەنتى، دۆڭئۆستەڭ كەنتى، داكۈي كەنتى، كالۇبويى كەنتى، ئۇلۇغچات كەنتى، گۈزەم كەنتى، قۇرۇل كەنتى، ئىسسىق كەنتى، ئۇزۇنشور كەنتى قاتارلىقلار.