يېڭىئاۋات يېزىسى (خوتەن ناھىيىسى)
يېڭىئاۋات يېزىسى خوتەن شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىغا جايلاشقان، خوتەن شەھىرىگە 28 كىلومېتىر كېلىدۇ، غەربىي قىسمى قاراقاش دەرياسىدىن باشلىنىپ، شەرقىي شىمالدا تەكلىماكان قۇملۇقى، شەرقىي بىلەن يېڭىئېرىق يېزىسى تۇتىشىدۇ. جەنۇبىي بىلەن خانئېرىق يېزىسى تۇتىشىدۇ، شىمالىي تەرىپى سېغىزكۆل يېزىسى بىلەن قوشنا. شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 4 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 17 كىلومېتىر، مەمۇرىي رايون كۆلىمى تەخمىنەن 88.91 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يېزا قارىمىقىدا 15 مەمۇرىي كەنت، 92 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 21621 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %8 نى ئىگەلەيدۇ. يېزىدا يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى، جياڭ باغ كەنتى، يېزا ئورگانلىرىدىن 74، يەتتە پونكىت بار بۇلۇپ، سەككىز ئورۇندىكى كادىرلار 96 ئادەم. يېزا تەۋەسىدە 15 پارتىيە ياچېيكىسى، 505 نەپەر پارتىيە ئەزالىرى، 107 نەپەر كەنت كادىرلىرى، 129 نەپەر «ئۈچ پېشقەدەم» لەر بار.
يېڭىئاۋات يېزىسى
英阿瓦提乡. Yëngi’awat town | |
خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | خوتەن ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 15 دانە |
نوپۇس | 24 مىڭ |
يەر مەيدانى | 2,404 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 903(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新R |
تور بېكەت | خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |
مەمۇرىي كەنتلەر
تەھرىرلەشبۇ يېزىغا تەۋە 15 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، جاھانباغ كەنتى، تۈگمەنبېشى كەنتى، ئويالئېرىق كەنتى، باش چاغلىغ كەنتى، چاغلىغى كەنتى، تۇرۇز كەنتى، ئوتتۇرا ئېرىق كەنت، پاچاق كەنتى، ئازنىمېچىت كەنتى، غەجەك كەنتى، ئوتۇن كەنتى، خەتچى كەنتى، گاۋاش كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، قارادۆڭ كەنتى قاتارلىقلار بار.
ئىقتىسادى
تەھرىرلەشيېزا ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ جەنۇب تەرىپىدە سەككىز كەنتنىڭ ياڭاقلىرى كەسپلەشكەن ۋە بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان، شىمال تەرىپىدە يەتتە كەنتنىڭ چىلان كەسپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىلەنگەن. يەنە بۇ يېزىدا ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان قول سانائىتى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ تەرەققىيات ئىستىقبالى ناھايىتى كەڭ. بۇ يېزىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن ياڭاق، چىلان، ئۈزۈم، قېتىق، دوپپا، ئىلمە توقۇلما بۇيۇم ۋە ھەر خىل تۆمۈر سەنئەت بۇيۇملىرى بار.
مائارىپى
تەھرىرلەشئىقتىسادى==