سېغىزكۆل يېزىسى

سېغىزكۆل يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى نىڭخوتەن ناھىيەسى گە جايلاشقان. بۇ يېزىغا قاراشلىق 14 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار. كۆلىمى 258.4 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نۇپۇسى 7000 بولۇپ، ئۇيغۇر، خەنزۇ ئىككى مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %99.33 نى ئىگەلىگەن. يېزا ئىگىلىكى ۋە باقمىچىلىق ئىشلىرى ئاساس قىلىنىدۇ. ئۈزۈم كۆپ چىقىدۇ. چۈچۈكبۇيا قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى بايلىقى مول.

سېغىزكۆل يېزىسى

布扎克乡.Sëghiyköl town

خوتەن ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
ئاپتونوم رايون شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ۋىلايەت خوتەن ۋىلايىتى
ناھىيە خوتەن ناھىيىسى
مىللەتلەر ئۇيغۇر
تىللار ئۇيغۇرچە
كەنت سانى 14 دانە
نوپۇس 10 مىڭ
يەر مەيدانى 258,4 كۋادرات كىلومېتىر
ۋاقىت رايونى UTC+6
تېلېفون رايون نومۇرى 903(0)86+
ماشىنا تاختا نومۇرى 新R
تور بېكەت خوتەن ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى

مەمۇرىي كەنتلەر تەھرىرلەش

بۇ يېزىغا قاراشلىق 14 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار بۇلۇپ، سېغىزكۆل كەنتى، سۆگەتبوستان كەنتى، ئورنىش كەنتى، يۇمىلاقكۆل كەنتى، قۇمباغ كەنتى، غازاڭدۆڭ كەنتى، سېرىقئۇي كەنتى، قۇمچاقا كەنتى، تاسمىچى كەنتى، خانئېرىق كەنتى، مىياڭ خۇجا كەنتى، تايتاق كەنت، ئەلەمبۇلۇڭ كەنتى، سېسىقئوت كەنتى قاتارلىقلار بار.

يېزا ئىگىلىكى تەھرىرلەش

يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، سېغىزكۆل يېزىسى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈچلۈك ئۈزۈم سورتلىرىنى تېرىشنى پىلانلىغان. ئاپتونوم رايون ئىچى-سىرتىدىكى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىلىرىنى يېتەكچىلىكىدە، يېزىدا كەينى-كەينىدىن يېڭى ئۈزۈمسورتلىرى كىرگۈزۈلگەن. سېغىزكۆل يېزىسىنىڭ ئۈزۈم كۆلىمى 166 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە ئاينىۋاتقان ئۈزۈم 12 مىڭ مو. 20077-يىلى بۇ يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ئۈزۈم كىرىمى 1300 يۈەن بولغان.